مۇدىر مەن
(ساتېرا)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تەستىقىم بار مۇدىر دەپ، ئىناۋەتلىك مۇدىر مەن، باشقۇرۇشقا مەكتەپنى ئىجازەتلىك مۇدىر مەن، مۇدىرلىققا يارالغان سالاپەتلىك مۇدىر مەن، خىزمەتلەردە جۈرئەتلىك-جاسارەتلىك مۇدىر مەن، ھۆنىرىم كۆپ بىلسىڭىز، پاراسەتلىك مۇدىر مەن.
تۆت كۈن بولدى خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم يول تېپىپ، مۇناسىۋەت تورىدىن ئۆزۈم ئۈچۈن ھۇل تېپىپ، ئۈندۈرمەستىن بىر گىياھ، دەستە-دەستە گۈل تېپىپ، چىقماي تۇرۇپ مۇنبەرگە مۇدىر بولدۇم پۇل تېپىپ، پۇلۇممۇ بار، گېپىم ھەم پاساھەتلىك مۇدىر مەن.
ئوقۇتۇشقا رايىم يوق، مالىيەنى تۇتىمەن، تۇتىمەنۇ، ھەممىنى ئۆزەم يالماپ يۇتىمەن، پارا بېرىپ چوڭلارغا كۆڭۈللەرنى ئۇتىمەن، ئاڭلىمايمەن«مىش-مىش»نى،بۇتخانىنىڭ بۇتىمەن، ئالتە يەردە داچام بار تاپاۋەتلىك مۇدىر مەن.
توغرىلايمەن ھۆججەتنى قەغەز بىلەن سىياغا، تام ئاقارتىپ كۈندە بىر، «ئوسما»قويۇپ بىناغا، مېھمان كۈتۈپ، يەپ-ئىچىپ، تاۋكا تۈزۈپ قىماغا، بۇزۇپ-چېچىپ پۇلنى مەن ئەيشى-ئىشرەت، زىناغا، تېخى يەنە ھەممىدىن قانائەتلىك مۇدىر مەن.
چىقىم بولار باغچىغا، تىكسەم تۆت تۈپ جىرىمنى، كاكۇل بىلەن پەدازلاپ ئىككى غۇلاچ قېرىمنى، تۈگىتىمەن بىر يىللىق تاماق پۇلى-كىرىمنى، تۇتالمايدۇ ھېچكىممۇ مېنىڭ ئاجىز يېرىمنى، نەپسى يوغان، يالماۋۇز قىياپەتلىك مۇدىر مەن.
ئۆيگە گۆشنى، ئۇن، ياغنى، ناننى پۇلغا ئالمايمەن، كەپتىرىمگە، توخامغا داننى پۇلغا ئالمايمەن، مەكتەپ دېگەن پۈتمەس كان، كاننى پۇلغا ئالمايمەن، لازىم بولسا ھەتتاكى قاننى پۇلغا ئالمايمەن، ئايالىمغا، ئۆيۈمگە ئىتائەتلىك مۇدىر مەن.
كالتا ئىشتان، ئاتلاڭگا، پايپاق دېسە ئايالىم، بايرام دېسە، ھېيت دېسە، باردۇر ئاڭا ئامالىم، ھېسابچىنى بۇيرۇيمەن نەشتەر سانچىپ ھەر دائىم، «پۇل يوق مۇدىر!»دېگەنگە يوقتۇر مېنىڭ پەرۋايىم، يىڭنىگىمۇ، يىپقىمۇ خىيانەتلىك مۇدىر مەن.
تىجارەتكە ئايرىسام مۇئەللىمدىن بىرىنى، چۆنتىكىمگە سالىمەن مائاشىنىڭ دىرىنى، تۆت مۇئەللىم ياللايمەن، (دېمەي بۇنىڭ سىرىنى)، سالالمايدۇ ھېچكىممۇ ماڭا كۆزنىڭ قىرىنى، ئىشنى شۇنداق جۆندەشكە ماھارەتلىك مۇدىر مەن.
جەرىمانە يىغىمەن مۇئەللىمدىن گەپ تېپىپ، تۇماق دېسە باش ئېلىپ پۇرسەت تېپىپ-ئەپ تېپىپ، دوپپا بىلەن بۇرۇتتىن ئېۋەن تېپىپ، نەپ تېپىپ، ئوروقىنى ئورۇق دەپ، سېمىز ئۈچۈن«خەپ!»تېپىپ، ماڭا«خوش-خوش»دېگەنگە شاپائەتلىك مۇدىر مەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-28 14:41
|