ئۇنتالمايمەن، ئۇنۇتمايمەن ھەم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
تۈن ئۈگدەيدۇ چۈشلەرنى يۇتۇپ، مەن چېكىمەن تاڭنى بەر قارار. سۈكۈتۈمنى يالمىغان كەڭلىك، سۈر تۈس كۆكنى سەتھىدە تاۋلار.
قىيالمىدىم، سىنچىم جىلۋەڭنى- ئىستەر يۈتكەن ئۇپۇقتىن تەكرار. سۆيۈمىڭنى كۈيلەپ خىرامان، ئاي دالاغا مۇڭ تۆكەر دىلتار.
كىردىممۇ مەن ئەلۋەك چۈشۈڭگە، ئىشرىتىڭگە بولدۇممۇ نائىل؟ ئۇچار تۈننىڭ سوغۇق سەلكىنى، دەۋرىمەكتە ئەگىم چىم ساھىل.
ئۇنتالمايمەن، ئۇنۇتمايمەن ھەم، ئاق ئەتىردەك يانغان ئاخشامنى. يېنىش-يېنىش مەستخۇش كەرەشمە، تۇنجى سۆيگۈ-تۇنجى ئىنئامنى! × × × × تۈن ئۈگدەيدۇ چۈشلەرنى يۇتۇپ، مەن چېكىمەن تاڭنى بەر قارار. شەپەق بولۇپ كۆيۈمەن تۈگەل، ئۇپۇقۇڭغا تەلمۈرۈپ تەكرار...
19991-يىلى، 10-ئاينىڭ22 –كۈنى، يېڭىسار. |