ئانا رىۋايىتى
ياش دوستۇم، بىلەمسەن ئانا ھەققىدە، گۇمىدا تارالغان بىر رىۋايەتنى. مەرىد ئۇلۇغ ئانىغا ھۆرمەت-ئەقىدە، ۋاپاسىز ئوغۇلدىن دەرىد-شىكايەتنى. بار ئىكەن بىر قېرى ئانا مھرىبان ، ئوغلىنى ئۆيلەپتۇ سۆيگەن قىزىغا. خىيانەت قىلىپتۇ بۇ ئىككى نادان، ئاننىڭ ئەجرىگە بەرگەن تۇزىغا. خورلاپتۇ ئانىنى زالىم كىلىنى، چىقىپتۇ ئىرىگە، سېلىپ داد-پەريات. دەپتۇئۇ:<<راستىنىلا سۆيسەڭ سەن مىنى، ئۇقاقباش قىرىنى كۆزۈمدىن يوقات!.... ئەسەبىي سۆيەركەن دۆت ئوغۇل ئۇنى، <<ئاجرىشىش >> گىپىدىن تىترەپتۇ غال غال. يان ئۆيدە مەرد ئان ئاڭلاپلا بۇنى، ئۇلارنڭ قىشىغا كىرىپتۇ دەرھال دەپتۇئۇ: ئۆرتەنمە ئوغلۇم،قىينالما ئوغلۇم، مەن ساڭا ئاتىغان يوقۇ-بارىمنى. بەكلا ئاز قالغانتى ئەرزىمەس ئۆمرۈم، مۇرادقا يەتكۈزگىن سۆيگەن يايرىڭنى گۆر كولاپ كۆمىۋەت مېنى......مەن رازى، تېز بولغان، جاي ئالاي ئاتاڭ قىشىدىن..........>> چوكاننىڭ كۈلكىسى ،چىرايى، نازى، ئوغۇلنى ئايرىپتۇ ئەقلى ھۇشىدىن. << خوپ دەپتۇ ئاخىرى قارادىل نادان، مېڭىپتۇ ئانىنى ئاتقا مىندۈرۈپ. كۆرۈنگەن چىغىدا كونا قەبرىستان، توختاپتۇ ئۆزىچە كۆڭۈل تىندۇرۇپ. قاراپتۇ ئەلەڭلەپ ئىككى يېقىغا، يوق ئىكەن يا قوزۇق،يا بىر تۈپ دەرەخ. باغلاپلا يۈگەننى ئۇ سول پۇتىغا، گۆر كولاش ئىشنى باشلاپتۇ ئەبلەخ. يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ مىھرىبان ئانا، تىلەرمىش ئوغلىغائۆمۈر سائادەت. دەر ئىمىش:<< ئەي تەڭرى ، ئەي پۇشتى پاناھ، قىل ئۇنى دۆلەتمەن، ساغلام-سالامەت!..... بۇھالدىن ياپراقتەك تىترەپتۇ ئاسمان ، ئېچىنىپ يىغلاپتۇ چىدىماي بوز ئات. تۇيۇقسىز چىقىپتۇ دەھشەتلىك بوران، يۈز بىرىپ ئاجايىپ مۆجىزە ھەيھات! ئەتراپنى قاپلاپتۇ قاراڭغۇ زۇلمەت، زېمىندىن تاش-قۇملار كۆككە ئۇچۇپتۇ. ئوغۇلنى سۆرىگەن پىتى ئات كىشنەپ، بۇيەردىن يىراققا ئىلىپ قىچىپتۇ. ئۇرۇلۇپ ئوغۇلنىڭ بەدىنى تاشقا ، كەتكەنمىش ئىتىلغان مازدەك تىتىلىپ. ئانىنىڭ يۈز كۆزى تولۇپ قان ياشقا، يۈگرەرمىش ئوغلىغا<<ئاھ!>> دەپ ئېتىلىپ. دەر ئىمىش: << قالسىدى ئوغلۇم ساق-ئامان، مەيلىدى مەن ئۆلسەم، ئاڭلا ئەي خۇدا . گۆرۈمدە ياتاتىتىم خۇرسەن شادىمان، بولمىسا پەرزەنتىم جۈپتىدىن جۇدا....>> مەنبەسى: ئىشچىلار ۋاقىتلىق گىزىتى
|