پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3619 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 3

«دەريا بويى-قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى» دەرس لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

126

تېما

19

دوست

4530

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1225 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
767 سەر
شۆھرەت
682 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 03:57:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8-يىللىقلار تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى(1-قىسىم):
«دەريا بويى-قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى»نى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش لايىھەسى
ئۆگىنىش نىشانى:
1. تېكىستنىڭ ئاپتورى، ژانېرى، مەركىزىي ئىدىيىسى قاتارلىقلارنى بىلىۋېلىش؛
2. تېكىستنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ۋە تېكىستتە قوللىنىلغان ئاساسلىق سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ مەزمۇننى ئىپادىلەشتىكى رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش؛
3. ئادەم بىلەن تەبىئەت، تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ۋە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىقنىڭ دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدىنىش.
ئالدىن ئۆگىنىش كۆرسەتمىسى
دەريا بويى-خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە تەۋە كەنت بولۇپ، ناھىيە مەركىزىدىن 160كىلومېتىر يىراقلىققا، سىرلىق ماكان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپى چەكسىز كەتكەن قۇملۇق بىلەن قورشالغان. بىز جۇغراپىيە دەرسىدە ئۆگەنگەن «ئارال»نىڭ تۆت ئەتراپى سۇ بىلەن قورشالغان بولىدۇ. لېكىن، ئاپتور دەريا بويى كەنتىنى« ئارال»، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ «مەدەنىيەت ئارىلى» دەپ ئاتىغان. سىزنىڭچە، بۇنداق ئاتاشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
1. تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭلار:
1) تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟
2) تېكىستنىڭ ئاپتورى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
3) تېكىستتە ئاساسلىقى نېمىلەر بايان قىلىنغان؟
4) تېكىستتە قوللىنىلغان ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قايسى؟
2. تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار:
1. بۇنىڭدىن 400يىللار ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا (ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتى) بىلەن (بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى) ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم (ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى) ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2. ئۇلار توختىماي ئالغا قاراپ مېڭىشتى، غايەت زور قۇم دېڭىزىنى كېچىپ بارخانلارنى ئاتلىدى. قەدىمكى خوتەنلىكلەرگەخاس جاھىللىق ۋە ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك پىداكىرانە روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى. تەجرىبىلىك ئاقساقاللىرى بىلەن ماھىر پادىچىلىرىنىڭ (قۇمغا سىڭىپ كەتكەن دەريا سۈيى ھامان بىر جايدىن سىرغىپ چىقىدۇ) دېگەن قىياسلىرىغا شەكسىز ئىشەندى.
3. ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ يېشىل ئارالنى بايقاشتى، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى( تېنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم) ھايات ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى. ئۇلار بۇ يەرگە («دەريا بويى») دەپ نام بەردى.
4. ئۇلار تەكلىماكاندىكى بۇ تەنھا ۋەتەندە ناھايتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىجتىمائىي بىرلىكتە (ئىنساپ، ئىمان، ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق) ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسى قىلىنغانىدى. ئۇلار ئۈچۈن( ئەمگەك قىلىش، ماددىي بايلىق يارىتىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش) تىنمۇ بۈيۈك بۇرچ يوق ئىدى.
3. تېكىستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن توغرا جاۋاپ تاللاڭلار:
1. «شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بارخانلار ئۈستىگە باش قويغان، زېمىن شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بىر دەقىقىدە ئۈمىد تۇغۇلدى! بىر قۇش غاقىلدىغىنىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ، ئالدى تەرەپتىكى بارخانلار كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار خۇشاللىقىدىن ۋاقىرۋەتتى:
-سۇ، بوستانلىق، ھاياتلىق!» (1) بۇ پارچىدا قوللىنىلغان سىتىلىستىكلىق ۋاستە: (     )
ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش. .C مۇبالىغە، جانلاندۇرۇش؛ .B   سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش؛ . A
(2) ئۇلارنىڭ خوشاللىقىدىن ۋاقىرىۋېتىشىنىڭ سەۋەبى: (  ) .A قۇشنى كۆرۈپ ئولجىغا ئېرىشدىغان بولدۇق دەپ قارىغانلىقىدىن؛ .B قۇشنىڭ، جۈملىدىن بارلىق ھاياتلىقنىڭ سۇنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى، قۇشقا ئەگەشسە يېڭى ھاياتلىق ماكانىغا ئېرىشدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكتىن، يەنى ھاياتلىق زەنجىرىنى چۈشەنگەنلىكىدىن؛  C. دەريا بويى كىشىلىرىنىڭ قۇشقا ئېتىقاد قىلدىغانلىقىدىن.
2.  ئۇلار ھايات-ماماتلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى تەكلىماكان قوينىدىكى بۇ يېشىل ئارالنى بايقاشتى، مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشتى. بۇ يەردىكى تېنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم ھايات ئۇلارغا قۇچاق ئاچتى. ئۇلار بۇ يەرگە «دەريا بويى» دەپ نام بەردى.(1) «پىنھان »دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ۋە تېكىستىكى كۆچمە مەنىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى : (   ) .A جىمجىت، ئاشكارا؛  B. يۇشۇرۇن؛ سىرتقى تەسىرگە ئۇچىرىمىغان؛  C . ئاشكارا، سىرتقى تەسىرنى قوبۇل قىلغان.
(2) يۇقارقى پارچىدىكى «تېنچ، پىنھان ۋە خاتىرجەم» دېگەن سۆزلەرنىڭ تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئىشلىتىلىشنىڭ سەۋەبى: (    ) .A تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ سەلبى تەسىرىگە ئۇچرىمىغان شەرت ئاستىدا مەۋجۇد بولىدىغانلىقىدىن؛ B. تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ پەقەت سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە باغلىق بولىدىغانلىقىدىن؛ C . تېنىچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ پەقەت بېكىنمە مۇھىتتا مەۋجۇد بولىدىغانلىقىدىن.
3.«تونۇر ئوتىدەك ئاپتاب، قۇرغاق ھاۋا، سۈرلۈك قۇملۇق، پايانسىز چۆل ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا خورۇتۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىنمۇ سولدۇردى». بۇ جۈملىدە: (    ) مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان. .A ئادەمنىڭ جىسمانىيتى بىلەن تەبىئەتنىڭ؛ B. ئادەمنىڭ جىسمانىيتى بىلەن مەنىۋىيتىنىڭ؛ C . ئادەمنىڭ جىسمانىيتى ۋە مەنىۋىيتى بىلەن تەبىئەتنىڭ.
4. «زامانىۋىي جەمئىيەتتىكى باش-ئاخىرى يوق زىدىيەتلەر، باش قېتىنچىلىقلار، ئادەملەر ئارا ساختا  مۇناسىۋەتلەر بۇ يەردە زادىلا مەۋجۇد ئەمەس ئىدى».«بۇ يەر» (   ) نى كۆرسىتىدۇ. .A ھازىرقى دەريا بويى كەنتى؛ B. 400 يىللار بۇرۇنقى دەريا بويى كەنتى؛ C . ھازىرقى زامانىۋىي شەھەرلەر.
دەرسخانا مەشقى:
1. «ئۇلار زىمىننى سۆيەتتى، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلاتتى، سۇ مەنبەلىرىنى قەدىرلەيتتى، ھەر بىر تامچە سۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان  چۈشىنەتتى. ھەر بىر تۈپ توغراقنىڭ قانچىلىك قۇمنى تىزگىنلەپ تۇردىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. ئۇلار بۇ زېمننىڭ يارىلىشىدىنلا بىر خىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالەمدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە تۇردىغانلىقىنى، تاغ-دەريا، قۇملۇق، بوستانلىق ۋە گۈل-گىياھلارنىڭ ئۆز ئارا ئورگانىك بىرلىكتە  مەۋجۇت بولۇپ تۇردىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنى تەبىئەتنىڭ بىرقىسمى، زېمىننىڭ قوغدىغۇچىسى، بوستانلىقلارنىڭ خوجايىنى دەپ قارايتتى». دەريا بويى كەنتىدىكىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ھەققىدىكى يۇقارقى كۆز قاراشلىرى بىلەن ھازىرقى زامانىۋىي جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن ھاياتلىق ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدا قانداق ئوخشاشلىق بار دەپ قارايسىز؟ بۇ خىل قاراشنىڭ ھازىرمۇ قىممىتى بارمۇ؟
2. «ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا زامانىۋىي جەمئيەتتىكى ئەۋزەل ئىمكانىيەتلەر تېپىلمىسىمۇ، روھى دۇنياسىدا زامانىۋىي جەمىئيەتتىن ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان گۈزەل نەرسىلەر بارئىدى.» بۇ گۈزەل نەرسىلەر قايسى؟
3. «بۇ جاي تەكلىماكاندىكى تەبئىي فولكلور موزېي ئىدى.»بۇ يەردىكى «فولكلور، موزېي»دېگەن سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى نېمە؟بۇ جۈملىدە قانداق سىتىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغان؟
4.« شۇنداق قىلىپ تەكلىماكاندىكى قەدىمكى ھاياتلىق ئارىلى-دەريا بويى ئاخىر ‹بايقالدى›. مەدەنىيەتلىك جەمىئيەتنىڭ ئادەملىرى بۇ يەرگە يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى. بۇ  جاينىڭ خىلۋەتلىكىگە، ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىگە ھەيران بولۇشتى.»  «بايقالدى»دېگەن سۆز نېمە ئۈچۈن قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان؟ مەدەنىيەتلىك جەمىئيەتنىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن دەريا بويى كەنتىدىكى ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىگە ھەيران بولىدۇ؟
5. «ئادەملەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ خىلمۇ-خىل زامانىۋىي باكتىريەلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتى». بۇ يەردىكى «زامانىۋىي باكتىريەلەر» نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
6. «ئايتىماتۇف توغرا ئېيتىدۇ: ‹بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيامەت ۋە ئېكولوگىيە تىراگېدىيلىرى دىنىي كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى تەرپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ!›». بۇ پارچىدىكى «قىيامەت»نىڭ مەنىسى نېمە؟ ئېكولۇگىيە تىراگېدىيەلىرى  نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئاپتۇر نېمە ئۈچۈن ئايتىماتۇفنىڭ قارشىنى قوللايدۇ؟بۇ جۇملىنىڭ ئاخىرىغا نېمە ئۈچۈن« !»  بەلگىسى قويۇلغان؟
7. ئەمدىلىكتە دەريا بويىدىكى بۇ ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىممەت قارشىدا جىددى ئۆزگۈرۈش يۇز بېرىشكە باشلىدى... تەكلىماكاندىكى تەبىئي ئېتنوگرافىيە موزېيى بۇزۇلۇشقا باشلىدى». تەبىئي ئېتنوگىرافىيە نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ دەريا بويىدىكلەرنىڭ قىممەت قارشىدا نېمە سەۋەپتىن جىددى ئۆزگىرىش يۇز بېرىدۇ؟ بۇ ئۆزگىرىش قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟
مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش:
1. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
2. سىزنىڭچە،  تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
3. «تەرەققىيات چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى.» دېىيىش توغرىمۇ؟
4. مىللىي ئەنئەنە  بىلەن زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىسىز؟
ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزى: شۇنداق، تارىم بىزنىڭ ئانىمىز، بىز بۇ مېھرىبان ئانىدىن تۇغۇلغان، ئۇنىڭ كۆكسىدىن ئاق  سۈت ئېمىپ چوڭ بولغان،  ئۇنىڭ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلاپ ھايات گۈزەللىكىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ باغرىغا تىنىپ كەتكەن مەدەنىيەت تىندۇرمىسىدىن ئۇزۇق ئالغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ مېھرىبان ئانا زامان رىيازەتلىرىدىن چارچىدى، جىسمى خورىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كۆپ مۇشاقەتلەرنى چەكتى. ئۇ يېڭى ھاياتىي كۈچكە مۇھتاج! بىز ئۇنى پەرزەنتلىك مۇھەببىتىمىز بىلەن ئاسرايلى ۋە مەڭگۈ سۆيەيلى!
5.«ئاىماتۇف توغرا ئېيتىدۇ: بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قىيامەت ۋە ئېكولوگىيە تىراگېدىيلىرى دىنىي كىتابلاردا ئېيتىلغاندەك خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى تەرپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ!»
«تونۇر ئوتىدەك ئاپتاب، قۇرغاق ھاۋا، سۈرلۈك قۇملۇق، پايانسىز چۆل ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا خورۇتۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە روھىي جەھەتتىنمۇ سولدۇردى». تېكىستتە بۇ خىل «...لا قالماستىن، بەلكى...»شەكلىدىكى يات تىللاردىن تەرجىمە ئارقىلىق كىرگەن جۈملە شەكلى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. سىزنىڭچە بۇجۈملىلەردىكى «بەلكى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرۈيىتى بارمۇ؟بۇ سۆزنى ئېلىۋەتسەك يۇقارقى جۈملىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەمدۇ؟
ئەسكەرتىش: بۇ لايىھەنى يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت بىلەن مۇتەللىپ مەنسۇر تۈزگەن.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
admin + 3 + 2 + 3 + 2ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

38

تېما

14

دوست

5766

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1736 سەر
تىللا
224 دانە
تۆھپە
884 سەر
شۆھرەت
784 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 08:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورا كولاپ پۇتلاش، كۆرەلمەسلىك ...لەر  قەدىمكى مەەنىيەت ئارىلىدا يوق ئىدى.«زامانىۋىي باكتىريەلەر»بۇ يەرگە «قىيامەت »نى ئىلىپ كەلدى...لەر ھەققىدىكى بۇ دەرسنىڭ   يېتەكچىلىك لاھىھەسىنى ياخشى تۈزۈپسىز .
  « قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى » دەرسىنىڭ ئۆگۈنىش لايىھەسىنى ياخشى تەييارلىغان دوستلارغا كۆپتىن -كۆپ رەخمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-26 13:45  

ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

799

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8386 سەر
تىللا
6287 دانە
تۆھپە
5596 سەر
شۆھرەت
6191 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 11:59:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ   جاپا چىكىپسىز  

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 21:59:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان دەرىس تەييارلىقى يوللاپسىز رەخمەت سىزگە . بولسا تۇلۇق يوللىسىڭىز ئۇقۇتقۇچىلارمۇ پايدىلانسا دەيمەن.
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:04, Processed in 0.476985 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش