پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 5

دەللال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

126

تېما

19

دوست

4530

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1225 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
767 سەر
شۆھرەت
682 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:55:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەللال

(ساتېرا)

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بولۇپ كەتتى تالاي قىزلار سېنىڭ قۇربانلىقىڭ دەللال،
ئەقىلدىن ئازدۇرۇپ ئىپلاس ھۆنەر-شەيتانلىقىڭ دەللال،
ئاتاڭغا نېمىمۇ دەرسەن، قېنى ئوغلانلىقىڭ دەللال؟
ئاناڭنى شەرمىسار قىلدى مانا ھايۋانلىقىڭ دەللال،
قېنى ئۇ سەندىكى ۋىجدان، قېنى ئىنسانلىقىڭ دەللال؟

پالاقلاپ، ئۆمىلەپ باشتا چوڭاملار پېشىنى تۇتتۇڭ،
ئايالىڭ تاللىدى بولغاي، ئويۇنچى-يېشىنى تۇتتۇڭ،
ھاراققا تۇتمىسا تاۋى، چېكىشكە نېشىنى تۇتتۇڭ،
كۆڭۈل ئۇتماق ئۈچۈن بەزى ئېشەكنىڭ بېشىنى تۇتتۇڭ،
پۇلۇڭ بولدى، يولۇڭ بولدى، يوقاپ ۋەيرانلىقىڭ دەللال.

تۈزۈپ سورۇن، كۈتۈپ مېھمان، يەنە ھاجەتكە قىز تاپتىڭ،
ئۇرۇپ تېلېفۇننى ھارماستىن، بولۇپ ئاپشاركا ئىز تاپتىڭ،
تۆلەپ ھور مۇنچىغا پۇلنى، ياتاقنى شۇنچە تېز تاپتىڭ،
ئۇيالماي «ھەق» بېرىپ «قىز»غا، زاكالەت پۇلدا يۈز تاپتىڭ،
ئاھانەت بولدى ئەرلىككە سېنىڭ گۇمرانلىقىڭ دەللال.

ئېچىپ مېھمانساراي ئاندىن، تىجارەت باشلىدىڭ ھەيھات،
ئۆيۈڭنىڭ پەكىرى ئۇچتى، بالاڭنى تاشلىدىڭ ھەيھات،
خېرىدار كۆڭلىنى ئىزدەپ خوتۇننى ياشلىدىڭ ھەيھات،
چوڭاملارنى كۈتۈپ كاتتا، ئېغىزمان قاشلىدىڭ ھەيھات،
يوقالدى دەككە-دۈككەڭ ھەم يېرىم-نىمجانلىقىڭ دەللال.

قىلىپ كۆز-كۆز ئۆزۈڭنى سەن، ئاۋام ئالدىدا ھال تارتىپ،
جاھاننى ئايلىنىپ چىقتىڭ تېخى ياتلارغا«مال»تارتىپ،
بولۇپ رەسۋا، سېتىپ قىزنى، سېتىپ ئىپپەت، ئايال تارتىپ،
ئېلىپ كەلدىڭ ئېلىڭگە سەن قاباھەتلىك زاۋال تارتىپ،
بىلىنمەي ساڭا بۇ ئىپلاس كۈنۈڭ-سەرسانلىقىڭ دەللال.

مانا، سەن كاتتا باي بولدۇڭ، «يوقالدى» شوۋىكەش نامىڭ،
يۈزۈڭدىن قارىنى «يۇيدى»، يەنە شۇ پۇل بىلەن دامىڭ،
بىراۋغا ئاي كېرەك بولسا ئېلىشقا يېتىدۇ چامىڭ،
«سولامچى»دەپ تۈكۈرسە ئەل، ئاڭا يوق«جىم»ۋە يا«لا»مىڭ،
ساڭا ئامەت ئېلىپ كەلدى ئەشۇ پايخانلىقىڭ دەللال.

بىلىپ قوي، قۇلىقى ئەللىك ئاۋامنىڭ، بۇ ھەقىقەتتۇر،
رەزىل قىلمىشلىرىڭ، پەسكەش ھاياتىڭ ئەلگە ئىبرەتتۇر،
ياشاش ئىنسانغا ئىنساندەك پەقەت تۆت كۈن غەنىمەتتۇر،
ھىدايەت يولىغا قايتماق ساڭا ھەقتىن دەلىلەتتۇر،
  دوزاقنىڭ تۆرىدە يوقسە① «ئەزىز مېھمان»لىقىڭ دەللال!

يوقسە①-بولمىسا دېگەن مەنىدە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-25 12:59  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 13:08:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دەللال»نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ، تىتما-تىتما قىلىۋېتىپسىز، قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن، بارىكاللا!

557

تېما

89

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8047 سەر
تىللا
7382 دانە
تۆھپە
4807 سەر
شۆھرەت
5203 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 18:31:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ھەم چوڭقۇر مەنىلىك مىسرالىرىڭىز بىلەن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقان، غۇرۇر، ۋىجداننى قايرىپ قۇيۇپ پۇل، مال-دۇنياغا دۈم چۈشكەن بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق قامچىلاپسىز.

باھا سۆز

نونى بەك كاتتا يېزىلىپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:11
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 20:13:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەللاللىق - مىللىتىمىز ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان پەسكەش قىلىقلارنىڭ بىرى. ئۇلارنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈر ، زەھەردەك تىللار تىللار بىلەن قامچىلىغىنىڭ بەي ياخشى بوپتۇ.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

17

تېما

13

دوست

820

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
182 سەر
تىللا
66 دانە
تۆھپە
158 سەر
شۆھرەت
161 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 21:16:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇخەممەستە دەللالنىڭ،
قىلمىشىنى يېزىپلا.
كىگىزچى يۇڭ ئاتقاندەك،
ئەجەپ ئوبدان تېتىپلا.
بۇ شىېرنى ناھايىتى ياقتۇردۇم كۆپ رەھمەت!خۇدايىم قوللىرغا دەرىت بەمىسۇن!

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 21:55:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سزگە ئالاھىدىن ئاكا . سىز بۇ يازمىڭىزدا جىمىيتىمىزدىكى بەزىر دەللاللىق قىلىپ كەڭ ياشلارغا ۋە قىزلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ناچار كىشىلارنى تۇلۇق قامچىلاپسىز . رەخمەت
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 03:07, Processed in 0.845241 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش