[ يادنامە (مۇۋەششەھ) (مەرھۇم شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن خاتىرىسىگە)
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئۇچار ياپراق تۆكۈپ قىسمەت بورانى روھ چىنارىمدىن، تۆكۈلدى قانسىمان يامغۇر ساماغا نەۋ باھارىمدىن.
لاۋۇلداپ كۆيدى چاقماق يانغىنىدا ئىزگۈ ئارمانلار، قۇياشنىڭ جىلۋىسى ئۆڭگەن چېغى خانتەڭرى، تارىمدىن.
ئۇزاتتىم بۇ مۇسىبەتنى يۈرەكنىڭ چاك-چېكىدىن ئاھ، تېنىم تۇپراقلىرى زەررە بولۇپ ئۇچتى دىيارىمدىن.
غۇلاپ چۈشتۈم ئۆزۈمدىن مەن ئۆلۈملەرنىڭ پايانىغا، بۈيۈك شۆھرەت كۈيى ياڭراپ غورۇرۇم-ئىپتىخارىمدىن.
ئاقار تۇپراقسىرى نۇر دولقۇنى، تىك چوققىدىن سۇلار، قۇچارمەن يەنە ۋەسلىمنى پىغانىم، ئاھۇ-زارىمدىن.
لەھەتلەر تۇغى جەۋلان ئەيلىگەن دەملەر نىگاھىمدا، سېغىندىم بىغۇبار روھىڭنى مەن چىن ئىختىيارىمدىن.
ئىلاھى چۈش ھايات ئىنسان ئۈچۈن بەرھەق، كۆرەلەمدىم- ھاياتىڭ ھېكمىتى چاقناپ مېنىڭ ئەھدۇ-قارارىمدىن؟!
مىراستۇر ماڭا ئابىدەڭ ۋۇجۇد-روھىڭدا قەد كەرگەن، ئېتەرمەن ياد تامام ئۇيغۇر تىلىدىن-ئىنتىزارىمدىن!
«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 21:33
|