پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 1

ئەدەبىيات ۋە كەلگۈسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

126

تېما

19

دوست

4530

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1225 سەر
تىللا
477 دانە
تۆھپە
767 سەر
شۆھرەت
682 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:12:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ۋە كەلگۈسى
ئەنۋەر بوساق

ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ نۇرانە لاتاپىتى، جەزىبدار ھۆسنى ۋە قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلىكى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتىغا ئۆزگىچە رەڭ  ئاتا قىلىپ، ئىقبال مەنزىللىرىگە گۈزەل تاڭلارنى بەخىش ئەتتى. ئەدەبىياتنىڭ سېھىرلىك قوينىدا تارىخ سەھىپىلىرىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان شىر يۈرەك باھادىر ئەزىمەتلەر تاۋلىنىپ زېمننى تىتىرىتىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار چاقىرىقلىرى، ئوتلۇق خىتاپلىرى، يارقىن قۇر-مىسرالىرىدىكى ئۆتكۈر پىكىرلىرى ياۋ يۈرىكىگە مىسران قىلىچتەك سانچىلىپ، قېنىمىزنى ئىچكەن، يۈرىكىمىزنى سۇغارغان، يىلىكىمىزنى شورىغان مەلئۇنلارنى يەر يۇتقۇزدى.
ئەدەبىيات روھقا تەسىر كۆرسەتكۈچى خاسىيەتلىك دورا، قاغجىرىغان جەزىرىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى شىپالىق يامغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا مىسلىسىز رول ئويناپ كەلدى. يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى بىلەن باشلانغان تالاج-تاراج قىلىش ۋە قۇللۇق كىشەنلىرىنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭ ئاۋازىدىن بىخۇتلىشش نەتىجىسسدە كېلىپ چىققان ماددىي نامراتلىق ۋە مەنىۋىي ئاچارچىلىق ئىسكەنجىسدە جان تالىشش گىردابىغا بېرىپ قالغان، بارلىقىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى مائارىپىدىن ئايرىلغان، تەسۋىرلىگۈسىز نادانلىقتا قالدۇرۇلغان خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخى يىلتىزىنى، ئېتىنىك تەركىپلىرىنى، شانلىق مۇساپىسىنى، قان-ياشلىق ئەسىلىمىلىرىنى، شاھانە قەسىرلىرىنى غۇۋا ئېسىگە ئالالىدى. «قاغانلىقىنى بارلارنى قاغانلىقىدىن، قاغانى بارلارنى قاغانىدىن مەھرۇم قىلىپ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپ، بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپ بويسۇندۇرغان»(«كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى»دىن) كەلگەن خەلقنىڭ «يەردىن ئۈنگەن، كۆكتىن تامغان»لىقىنى، «بەخت-سائادەت كەلتۈرگۈچى بىلىم»(«قۇتادغۇبىلىك»)لەر ئارقىلىق گۆھەر«دىۋان»(«تۈركى تىللار دىۋانى»)لارنى يۈرىكىگە مەھكەم تاڭغىنىچە ئۇرخۇن ۋادىلىرىدىن كاشىغەر بوستانلىقلىرىغىچە كەڭ زېمنىدا زەپەر مارشىنى ياڭراتقانلىقىدەك پەخىرلىك تارىخىنى،
«پۇخراخۇلقى گىياھتۇر،
بەگلەر خۇلقى شامالدۇر.
شامال قايان ئۇچۇرسا،
گياھ شۇيان ياتادۇر» (كۇڭزى شىئېرى) نى ئوق مەركەز قىلغان مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىدەك رىئال ئەمەلىيىتىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق  تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇدى .....
20-ئەسرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى تاقىرتاغ باغرىدىن، توپىلىق يوللىرىدىن، كەپە ئۆيلىرىدىن، كۆرپىسىز تۆرلىرىدىن تارتىپ شىمالدىكى قارىغايلىق تاغلىرىدىكى چىمەنلەر بىلەن ئورالغان پاكىز يوللىرىغىچە، ئاق ئۆيلەردىن تارتىپ يولۋاس تېرىسى سېلىنغان تۆرلەرگىچە ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ياڭرىغان ھۇررا سادالىرىنىڭ ئاسانلا جىمىققانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچق تارىخىي جەرياننىڭ مۇتلەق سىر-ھېكمەتلىرىنى، كىرىمىل سارىيىدىكى ھەشەمەتلىك ئايرىمخانىدىكى يۇمشاق كىرسلودا كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ پاپىروس شوراۋاتقان سىتالىننىڭ «سەكسەن قويغا بىر مىلتىق» («ئويغانغان زېمىن»رۇمانى 2-توم، 12-بابىنىڭ ماۋزۇسى) بېرىپ خوجىنىياز ھاجىنى ئۈمىدلەندۈرگەن بولسا، روس ئەلچىلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى ئۆلكە مەركىزىگە ئەكىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكىنىڭ، ئىككى قولىلا ئەمەس پۈتۈن بەدىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان جاللات شېڭ شىسەينىڭ «مىللەت، دىن ئايرىمايدىغان، ئۆز مىللتى  ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى پارتىيە» (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزى «ئانا يۇرت» رومانى 3-توم 1148-بەت)سوۋېت كومپارتىيىسىگە كىرىش ئىلتىماسىغا ئىمزا قويۇپ، تۇڭگان قۇشۇنلىرىنى ئايرۇپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىپ بەرگەنلىكىنىڭ، قۇمۇلدا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دىيارىمىزنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ۋاقىتتا سۇڭ مىېيلىڭنىڭ ناز-كەرەشمىلىرىدىن مەس بولغان شېڭ شىسەينىڭ گېتلىرنڭ سوۋېتقا ھۇجۇم قىلغانلىق سەۋەبىدىن سوۋېتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە يول قويغانلىقنى كۆرۈپ «ئىلى ئوغرىلىرى»نى قوراللاندۇرغانلىقنىڭ، شىمالى شىنجاڭدا ئالتۇن كانلىرىنى ئېچىپ، يادرو قورالىنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئوران ئىزدەش سەپەرلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى، مىللى ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا ياڭراتقان غالىبىيەت مارشىنىڭ «11ماددىلىق بېتىم» دىن كېين ئۈنى ئۆچكەنلىكىنىڭ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى، يالتا يىغىنىدىكى قەدەھ  سوقۇشتۇرۇشلارنىڭ يەڭگىل ئاۋازنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بەكمۇ ئېغىر ئاۋاز بولۇپ قالدىغانلىقنى خەلقىمىز شۇئار توۋلاش، ئۈزۈندە يادلاش، تەسىرات ماقالىسى چاپلاش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى
«سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىڭ دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغاچ ئىگىز تاغلار،
ئۈمىدلىنىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن» (مەمتىلى تەۋپىق شېئىرى) كەبىي تارىخىي شىېئىرلىرى، ئەدەبىيات سەمەرىيلىرى ئارقىلىق بىلدى....
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ياخشى  ئورۇنداپ ئاۋامغا ئۆز-ئۆزىنى تونۇتۇش، قەدىمى ئىزلارنى جۇلالاندۇرۇش، گۈزەل ئەتىگە، پارلاق كېلەچەككە يۈزلەندۈرۈش، ئىستېتىكىنىڭ پايانسىز دالاسىدا تاتلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىزتىراپلىق ھاياجانلارغا چۆمۈلدۈرۈشتەك ئىجابى رول ئويناپ، ئۇيغۇر سىياسي-ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىياتىمىز مەڭگۈ سۆيۈملۈك ئانا. جاپا-مۇشەققەتكە تىز پۈكمەيدىغان جاسارەتلىك ئاتا! بۇ مۇنبەت  ئېكىنزارلىقتا مىليۇنلىغان پەرزەنتلەر پەرۋىش قىلىنىپ قاتارغا قوشۇلدى. كۆزلىرىگە نۇر، جىسمىغا كۈچ، پەرۋازىغا قانات ئالدى. بۇ ساھەنىڭ تۆھپىكار ساھىبقىرانلىرى، پەرۋىشكار ئۇستازلىرى بولمىش ھەقىقەت يولىدىن تەۋرەنمىگەن ئېتىقادلىق يازغۇچى شائىرلىرىمىز، ئۈنسىز بەدەللەرنى تۆلىگەن ئاخبارات-نەشىرىيات خادىملىرىمىز بىز ئۈچۈن مەڭگۈ تۇتىيا. ئۇلارنىڭ گىگانت ئوبرازى خەلقىمىزنىڭ ئوتلۇق يۈرەكلىرىدە مەڭگۈ ئۆچمەس يورۇق يۇلتۇز. خەلقىمىز ئۆزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرى، باھادىر ئەزىمەتلىرىنى، شېھىد جەڭچىلىرىنى ئەبەدىل-ئەبەد ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا قەدىرلەيدۇ، ئەزىزلەيدۇ! ئۇلارنىڭ بىباھا ئەسەرلىرى خەلقىمىزنى ھەر ۋاقىت ئويغۇتۇپ سەگەكلەشتۈرىدۇ؛ ئالغا قاراشقا، ئىبرەتلىك پىكىر-مۇھاكىمىلەرنى، شاپائەتلىك زىكىر-تەلقىنلەرنى، ھىدايەتلىك شۈكۈر-تەھسىنلەرنى ھەرۋاقىت ئۆزىگە يار قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، ئەبەدىيلىك ئۇپۇقلارغا ئۈندەيدۇ!
خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىرسىي ۋە پىسخىكى تىندۇرمىلار، ئىچكى-تاشقى شەرت-شارائىتلار تەسىرىدىن سانائەتنى ئەمەس سەنئەتنى ئاساس قىلىدىغان، پاراسەتكە ئەمەس ماھارەتكە بەكرەك كۈچەيدىغان، تەبئىي پەنلەرگە ئەمەس، ئىجتىمائىي پەنلەرگە مايىلراق ھېس-ھاياجان تىپىدىكى شېئىرىي مىللەتلىك كىملىكى بىلەن خاراكتېرلەندى. تەبئىي پەنلەردىن بەكرەك ئەدەبىيات-سەنئەت، شېئىرىيەتلەردە كۆپرەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇدلىقىنى، كىشىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى، ئارزۇ-غايىلىرنى تەبئىي پەنلەردىكى ئىختىرا-كەشپىياتلىرىدىن كۆرە، كۆپرەك شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلدى، ئىسپاتلاپ كەلدى. دېمىسمۇ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى نامايەن قىلغۇدەك كۆلەملەشكەن سانائەت باغچىلىرىمىز، يۈرۈشلەشكەن خىمىيىلىك بازىلىرىمىز، فىزىكىلىق ئىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قوراشتۇرۇلغان زاۋۇت-سېخلىرىمىز، گېن تەتقىقاتىغا ئائىت زامانىۋىلاشقان بىئولوگىيىلىك تەجرىبىخانىلىرىمىز، كۆپلەپ ئادەمگە ئېھتىياجلىق زاۋۇت، كان-كاراخانىلىرىمىز يوق. ئەمما، چالايلى دېسەك نەققاشلىق، نەپىس ئىشلەنگەن سازلىرىمىز، مەدھىيىلەيلى دېسەك چېچەكلىك باغلىرىمىز، ئۇلۇغلايلى دېسەك كۆككە تاقاشقۇدەك قامەتلىك تاغلىرىمىز، تەبرىكلەيلى دېسەك كۈندە بىر قېتىم دېگۈدەك بايراملىرىمىزبار. شۇنداق قىلىپ نازۇك ھېس–تۇيغۇلىرىمىزنى، قەلب قەسىرىمىزدىكى ئازاپ-شادلىقلىرىمىزنى، مول تەسەۋۋۇر-پىلانلىرىمىزنى ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق روياپقا چىقاردۇق، ئەدەبىياتتىن ئۆزىمىزنى ئىزدىدۇق. ئەدەبىياتتىن ئېرىشكىنىمىزمۇ كۆپ بولدى. يازغۇچى-شائىرلىرىمىزمۇ كۆپەيدى، قەلپ تۆرىمىزدىن ئورۇنمۇ ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىلىپ-بىلمەي بىزدە ئەدەبىيات-سەنئەت، شېئىر خۇراپاتلىقى، شائىرلىق قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى. ئەدەبىيات ھەممىنى بەلگىلەيدىغاندەك، شائىر ھەممنى بىلىدىغاندەك، شائىرلارلا ئەڭ ئۇلۇغ ئادەمدەك بىلىندى. بىر قىسىم گېزىت-ژورناللارنى يېڭى يىل كىرشىگىلا:
«كەل يېڭى يىل مەرھابا، قەدىمڭگە مەرھابا،
ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمگە يېڭى يىللىق خۇش سابا»دېگەندەك شېئىرلار قاپلىسا، 3-ئاي كىرە-كىرمەي:
«ئەي ئاياللار بايرىمىڭلار مۇبارەك،
تەبرىكلەيمەن ھەممىڭلانى چىن دىلدىن.
(پارتىيمۇ تەبرىكلەيدۇ چىن دىلىدىن)
ياشىۋاڭلار، ئويناپ –كۈلۈپ يايراڭلار،
مەنچە بولسا سىلەر ئۇلۇغ ھەممدىن» دېگەندەك ئاياللار بايرىمىغا بېغىشلانغان، ئاساسەن ھېچنىمىگە، ھېچكىمگە تەسىر قىلىمايدىغان، تار گاڭسەرنى كىيىپ، مەيدىسىنى قوپۇرۇپ يۈرۈيدىغان ئاياللار پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان پاخال شېئىرلار قاپلىسا، 3-ئاي ئاخىرىدا:
«كەلدى نۇزۇز، كەلدى ئايەم، كۈلدى باغلار،
بىزگە مەڭگۈ قىممەت ئىكەن ياشلىق چاغلار» دېگەندەك جاراڭلىق شېئرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ يېزىلىدۇ. بۇنداق قىزغىنلىق يىل ئاخىرىغىچە ھەرخىل نام، ھەرخىل شەكىللەر بىلەن داۋاملىشىدۇ. ھېلى بايرام، ھېلى قۇتلۇق ئاي، ھېلى قۇرۇلتاي، ھېلى ھىلال ئاي....مەدھىلىنىۋېرىدۇ. رېستۇران-قاۋاقلاردا سورۇنلار تۈزۈلىدۇ. «شائىر»لار ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈشۈپ قانغىچە ئىچىپ، «نۇرۇزنامە»لەرنى جاراڭلىق ئوقۇپ، كىملەرنىدۇر چوقۇپ، «ئىگىسى يوق مازار غوجام» (باتۇر رۇزى سۆزى . ئۇشبۇ ماۋزۇلۇق ماقالە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»دە ئېلان قىلىنغان) نى خالىغانچە سۆكۈپ، دەرد-ھەسرەتلىرىنى قانغىچە تۆكۈپ، دوستلۇق ھەققىدە ئۇنتۇلماس ۋەدىلەرنى بېرشىپ، ئاخىرىدا رومكا-ئۈستەللەرنى چېقىشىپ تۈن تەڭ بولغاندا قايتىشىدۇ. نۇرۇزنى تەبرىكلىگەن بولۇشدۇ، بىراق نۇرۇز كەلگەن، باھار دىللارنى ياشناتقان ئەتىياز پەسلىدە ئۇزۇق-تۈلىكى تۈگەي دەپ قالغان غېرىپ موماينىڭ مىسكىن كەپىسىدىكى ئازاپلىق تۇيغۇسىغا؛ ماغدۇرسىز، يەر-سۇسىز ئاجىز بوۋاينىڭ جۆرىسىز ئۇيقۇسىغا؛ يەرگە ئۇرۇق سېلىش غېمىنى ھەللسە، باللىرىنىڭ ئوقۇش بەدەل پۇلى، ئوقۇش بەدەل پۇلىنى غەملىسە، سۇ چىقىمى كۆز ئالدىغا كېلىۋىلىپ، مەيدىسى ئېچىشىپ، كالپۇكلىرى گەز باغلىغان بولسىمۇ، يېغى ئېقىپ تۇرغان سامسىغا، مېزىلىك ھىد تارقىتىپ قايناۋاتقان شورپىغا قاراپ ئاغزىغا كەلگەن سېرىق سۇنى غورتتىدە يۇتۇۋېتىپ، قاتتق ناننى غاجىغىنىچە، ھۇشۇر قارى ماختىغان ئوغۇتنى سېتۋېلىش ھەققىدىكى خياللىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا (ھوشۇر قارى ئۆزى ئېيتقان ناخشىلارنىڭ دەرتمەن دېھقانلارغا تولىمۇ ياقىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى ئاقكۆڭۈل دېھقانلارنىڭ بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئوغۇتنى ماختاش ئالدىدا بىچارە قېرىنداشلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتنىڭ زىيانغا ئۇچراپ قالماسلىقنى ئويلاش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بولسا بۇ خەقنى ئالدىماسلىقنىڭ ئەقەللي بۇرچى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوغۇتنىڭ ھەققەتەن ماختىغۇچىلىكى بارمۇ-يوق؟ كالى، ئازۇت، فوسفور مىقدارى زادى قانچىلىك دېگەنلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ باققاندىن كېيىن ئېلانغا چىققاندۇ ئېھتىمال، ئابدىكېرىم ئابلىز مۇ ئۆزى چىققان ئېلانلارنىڭ ئۆزى تەنقىد قىلغان ئېلانلاردەك بولۇپ قالىماسلىقىنى ئويلىدى ھەقىچان) غىچىرلىغان ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى ماڭغان دېھقاننىڭ نۇرسىز كۆزلىرىگە قانچىلىك «شائىر» زەن سېلىپ قاراپ باققاندۇ؟ دىلرابالىق قويۇنلىرىنى نامرات قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئاچقاندۇ؟ قانچىلىك «شائىر»ئازاپلىق ئويلارغا پاتقاندۇ؟ يەنە قانچىلىك شائىر تولغۇنۇپ ئولتۇرۇپ نۇردىن مەھرۇم قاراڭغۇ ماكانلارغا بەنت قىلىنغان قېرىنداشلىرىنىڭ نورۇزى ئۈچۈن كۈي-غەزەللەر قاتقاندۇ؟ يېتىم –يېسىرلارنىڭ ئازاپلىق نالىلىرىگە قۇلاق سالغاندۇ؟......
خەلقىمىز شائىر-يازغۇچىلىرىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى. تاغدەك يۆلەنچۈك دەپ ئىشەندى. ئېينىشتىين: «قېرىنداشلىرىمنىڭ بەك كۆپ ئەجرىنى ئىگەللەپ كەتكەنلىكىمنى سېزىپ چىدىيالماي قالىمەن» («ئېينىشتىيننىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى قۇبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى» «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»نىڭ 1995-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىنىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2-قىسىم ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن) دېگەن ئىكەن. بىز قەلەمكەشلەر چوقۇم تەبئەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بىزگە بەرگەنلىرى بىلەن بىزنىڭ يازغانلىرىمىزنىڭ، ئۇلارغا بەخش ئەتكىنىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا قانچىلىك پەرقنىڭ بارلىقىغا ھەردائىم ۋىجدان تارازىسى ئارقىلىق ئەمەلىي باھا بېرىپ تۇرۇشىمىز، ئۆز-ئۆزىمىزدىن«مەن زادى نېمە يازدىم، نېمە ئۈچۈن يازدىم، كىم ئۈچۈن يازدىم؟» دېگەنلەرنى سوراپ تۇرۇشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساقلا خەلققە يۈز كېلەلەيمىز.
1996-1998-يىللىرى 18-19ياشلىق رومانتىك «شائىر» چاغلىرىم ئىدى. يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا  ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. قىزىل يېزىسىنىڭ بەش كەنتى «قىزىل» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شۇ كەنتلەرنىڭ نامى بۇ يېزىغا نام بولۇپ قالغان ئىدى. يېزا مەركىزىدىن يەنە ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قىزىل كەنتىگە (يېزا مەركىزىدىن تەخمىنەن 10كىلىومېتىر، ناھىيە مەركىزىدىن تەخمىنەن 50-60كىلومېتىر كېىلىدۇ) ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە سىىنىپىغا دەرس بەرگىلى بېرىپ مۇتەللىپ مەنسۇر(ئوۋچى) بىلەن بىر ياتاقتا ياتتىم. ئىجادىيەت قىزغىنلىقىم يۇقىرى، ھەممىگە شېئىرنىڭ كۆزى بىلەن قارايدىغان چاغلىرىم ئىدى. مۇتەللىپمۇ شۇچاغلاردىلا «تەڭرىتاغ» دا تۇنۇشتۇرۇلغان نامى بار شائىر ئىدى. بىز بىرلكتە يازدۇق، بىرلىكە ئۆگەندۇق، ئالغا باستۇق. قىزىل خەلقى تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، مەرد-مەردانە، جەڭگىۋا خەلق ئىدى. قىزىل قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە، مول فولكلور بايلىقىغا ئىگە يۇرت ئىدى. قىزىل خەلقى شائىرلارنى بەك چوڭ بىلەتتى. بىرەر ئىشنى بەكرەك قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ئادەملەرنىمۇ«ئۇدېگەن شائىر ئىكەن ھوي»دەپ ماختايتتى. بەزىدە مۇتەللىپ ئىككىمىزنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ ئاددى تائاملىرى، قىزغىن مېھرى –مۇھەببىتى بىلەن مېھمان قىلاتتى، ئۇلار بىزنى چوڭ بىلەتتى. بىز ئەشۇ قىممەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ كۆكتات تاپالماي چامغۇردىلا قورۇپ ئېتىپ بەرگەن لەغمەنلىرىگە (ھازىرغۇ كاتتا تېز تاماقخانىلاردا «چامغۇر لەغمىنى» ئېتىلۋاتىدۇ. بۇنداق تېز تاماقخانىلاردىكى چامغۇر لەغمىنى ئېسىلزادىلكتىن دېرەك بەرگىنى بىلەن، ئەينى ۋاقتتىكى بىز چاقرىلغان ئۆيدىكى چامغۇر لەغمىنى باشقا كۆكتاتلارنى سېتىۋالالمىغانلىقنىڭ، كۆك نامراتلىقنىڭ مەھسۇلى ئىدى) ئېغىز تەگكەن بولساقمۇ، ئۇلارنىڭ مول مەنىۋىي دۇنياسىغا، ئېسىل ئادەتلىرىگە قەلەم تەۋرىتەلمەستىن«يانۋاردىكى يالغۇزسىراش»،«سەن تۇيۇقسىز كەلسەڭ ئېسىمگە»دېگەندەك ئەرگە تېگىپ بولغان مۇھەببەتلىرىمىزگە بېغىشلانغان مۇھەببەت شېئىرلىرىمىزنى يېزىۋەرگەن ئىدۇق. بۇنداق مەزمۇندىكى شېئىرلارنىمۇ، باشقا شېئىرلارنىمۇ يېزىشىمىز كېرەك ئىدى-دە. كېيىنچە، مەن خەلققە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان يىرىك ئەسەرلەرگە نىمشقىدۇر قەلەم تەۋرىتەلمەي كۆپ يازمىدىم. مۇتەللىپ لىرىكىلىرىغا ئۆزگىچە رەڭ ئاتا قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋەردى. بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن ئابابەكرى تۇيغۇن قىزىل ئوتتۇرامەكتەپكە مۇدىر، ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئوقۇتقۇچى بولۇپ يۆتكىلىپ چىقتى. كۆڭۈل يېقىنلار چاخچاق ھېسابىدا قىزىل ئوتتۇرىنى «لىياڭشەن كۆلى» دەپ ئاتاپ قويدى. بىراق، بىز دۇنيادىن خېلى يىراق، قەدىمىيلىككە ئىگە ئۆزگىچە بىر يۇرتتا، قېزىپ تۈگىتەلمىگۈدەك مەنۋىي بايلىققا ئىگە خەلق ئارىسدا ياشاپمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بىرەر يىرىك ئەسەر يېزىپ قالدۇرالمدۇق...
بىزدە خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرەلىگەن شائىر-يازغۇچىلار بەك كۆپ بولمىدى.  شۇنداق بولۇشغا قارىماي ئاز-تولا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان زىيالىيلار ئۆزلىرىنى بۈيۈك مۇتەپەككۇردەك، ئوت يۈرەك شائىرلاردەك ھېس قىلىپ سورۇن-سورۇنلاردا مەيدىسىنى كىرىپ يۈردى. ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ نىجاتكارى، يولباشچىسى، سەركەردىسى ھېسابلىدى. قەيەرگە بارسا«ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا»ئەسەرلەر ئەتراپنى قاپلىدى. سەپەرگە چىققاندا كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ بىردەم ئارام ئالاي دېسىڭىز، ماشىنىغا سەپلەنگەن  DVDئاپاراتىدا قويۇلغان فىلىم مېڭىڭىزنى يەيدۇ. يىغا-زارە، مۇش-تېپىكلەر.....شەھەر-يېزا دېگەن قىيامەت قايم بولغاندەك تەسۋىرلىنىدىغان شىنجاڭ فىلىملىرى نەگە بارسىڭىز سىزنى بئارام قىلىدۇ. پىرسوناژلىرى، تۇرمۇش شەكلى، دىئالوگلىرى ئۇيغۇرغا ماس كەلمىگەن كۆرۈنۈشلىرىدىن ئىزتىراپلىق خىياللارغا ئەسىر بولىمىز:
«-نەگە باردىڭىز قىزىم؟
-ئوت ئەكىردىم ئاپا.
-چارچىغانسىز قىزىم؟
-ياق ئاپا.
-بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ.
-ياق ئاپا، ئوتنى قويلاغا سىز سېلىپ بېرىڭ، مەن كەچ كۇرسقا بېرىپ كېلەي.»
تاس قالىدۇ بۇ يېزا قىزى ئانىسىغا ئېنگىلىزچە دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتناشقىلى بارىدىغانلىقىنى دېگىلى ياكى ئېنگىلىزچە سۆزلىگىلى....
تېلېۋۇزۇرنى ئېچىپ چارچىغان نېرۋىلارنى بىردەم ئارام ئالدۇراي، جاھان ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەر تاپاي دېسە سۈنئىي رىياسەتچىلىك ئەۋج ئالغان ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى كۆپ. يۈرەكنىڭ خۇمارىنى باسالايدىغان سەرخىل نومۇرنىڭ تايىنى يوق.
نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈپ كورىينى«جەننەتكەن» دەپ قالغىنىدەك، ياسالما، سۈنئىي تۇرمۇش ئىپادىلەنگەن تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى، غىلجىڭ مەزمۇنلار بىلەن تويۇنغان سەنئەت نومۇرلىرىمىزنى، چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن جىن-شاياتۇنلاردەك كىينىۋالغان ئارتىسلىرىمىزنى، ئايال تۇرۇپ ئەردەك، ئەر تۇرۇپ ئايالدەك، ئۇيغۇر تۇرۇپ باشقىلاردەك ياسىنۋالغان (پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللاردەك بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەردەك بولۇۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان) «مەشھۇرلىرىمىز»نى كۆرگەن باشقا مىللەتلەر بىزگە نېمە دەپ باھا بېرەر؟ بۇ فىلىملەرنى كۆرگەن پەرزەنتلىرىمىز بۇلاردىن قانداق تەربيە ئالار؟ شىنجاڭ فىلىملىرىدە تەسۋىرلەنگەن سۈنئىي يېزا تۇرمۇشى، قاباھەتلىك شەھەر تۇرمۇشى، جىنازىغا ئەگشىپ كېتىۋاتقان 10- 20 ئادەم، بۇزۇپ ئوقۇلغان قىرائەت، بىزگە، بىزنىڭ ئېتىقاد-ئەنئەنىمىزگە ماس كەلمىگەن ئادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن توي-تۆكۈن، نەزىرە-چىراغلار، قاملاشمىغان كىينىش ئادەتلىرى، يىغا-زارە قاپلىغان تۇرمۇش كۆرىنىشلىرى (ئېتقادىمىزغا، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە خىلاپ ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقانلار، ئىشلەۋەتقانلار گۈپۈلدەپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانچىلىقى پۇراپ تۇرغان ئانا ماكانلىرىمىزغا بېرىپ ئۆگنشى، كۆرۈشى، تەتقىق قىلىشى لازىم. قالايمىقان ئۆزگەرتىپ يېزىپ خاتا ئەقىدىنى، يات تۇرمۇش شەكلىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئاسىىي كۆز بويامچىلارنى خەلقىمىز مەڭگۈ لەنەتگەردىلەر قاتارىدا كۆرىدۇ). ئۆز مىللتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياكى شۇخىل تۇرمۇش بىلەن چوڭقۇر تونۇشلۇقى  بولمىغان كىشىللىرىمىزگە قانداق تەسىر بېرەر؟ ئەدەبىي تىلدا سۆزلەيدىغان دېھقانلار، يار-مۇھەببىتىنى، لايىقىنى پالانى ئاكا دەپ چاقىرىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى نەلەردە باركىن تاڭ؟....
بىزنىڭ بىر قىسىم شىنجاڭ فىلىملىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاباھەتكە تولغان، ۋەھىمە قاپلىغان، پاجىئە ئەۋج ئالغان قاراڭغۇ جەمئىيەت قىلىپ تەسۋىرلەندى. قەلبىمىزدىكى گۈزەللىكلەر، نۇرلۇق ساھىللار، مۇھەببەتكە تولغان دالىلار، ھىممەتلىك ئانىلار، ساخاۋەتلىك دادىلار بىر ئۆمۈر مەدھىلىنىشكە  ئەرزىيتىتى. بىراق، بۇ فىلىملەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە بولالمىدى.
شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماسلىقى، غايە-ئېتىقادىدا تەۋرەنمەي تۇرالماسلىقى، بىر قىسىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىشى ئارقىسىدا، خەلق ئىچىدە ئەدەبىياتقا، ئەدەبىياتچىغا بولغان تونۇش بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى. ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت مىللىي مائارىپىمىزدىكى ئالتۇن ئاچقۇچ مەكتەپلەردە ئۆتكىلى دەرس تاپالمىغان، بىرەر كەسپنى ھەقىقىي ئىگەللىمىگەن، مائارىپ ساھەسىگە قورساق ئېھتىياجى بىلەن كىرىپ قالغان ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ئادىمىيەت ئىلىمىگە، سەنئەت ھادىسىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان، بىلىم ئىگەللىمىگەن، مۇھەببەت باغلىمىغان«قارا قورساق سەركە»لەرگە تۇتقۇزۇلۇپ قويۇلىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى ئېغىر ساقلاندى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەكتەپ مۇدىرى «قايسى پەننى ئۆتىسىز»دەپ سورىسا،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ئەمەس، بىرەر كەسپنى نۇقتىلىق ئىگەللىيەلمىگەنلەر«ئەدەبىيات ئۆتىمەن»دەپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. يۈرىكىدە ئەدەبىيات ئوتى لاۋۇلداپ يانمىغان، تەسرىلىك قۇرلارنى ئوقۇسا كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقمىغان، ئۆزىگە، ئۆز ئائىلىسى ۋە خەلقىگە،  مېھىرلىك ۋەتەنگە تىراگېدىيىلىك تۇيغۇلاردا باقمىغان، ئاددىيسى ئۆز يېنىدىن پۇل خەجلەپ بىر-ئىككى پارچە رومان ياكى ئىلمىي-ئەدەبىي ژورنال ئالمىغان ئادەمنى قانداقمۇ ئەدەبىياتچى دېگىلى بولسۇن؟ ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! ئېسىل، جەۋھەرلىك ئەسەرلەردىن تەركىپ تاپقان، مىللەتنىڭ بارلىق بايلىقىنى نامايەن قىلىپ، ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ ھەممسىىنى سۆزلەپ بولغىدەك قىممەتلىك ئەدەبىيات دەرسلىك كىتاپلىرى مەركىزى ئىدىيە، پىرسۇناژلار ئوبرازى، بەدىئي ئالاھىدىلىك دېگەندەك ئەرزىمەس رامكىلار بويىچە سۆزلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.
«يىڭى دەرس ئىسلاھاتى»تەلىپى بويىچە تېخمۇ ئەتراپلىق تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتاپ ئەدەبىيات دەرۋازىسىدىن كىرمىگەن ئاتالمىش ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك يۇقماي، تېكىست مەزمۇنلىرى قورچاققا قېتىق ئىچۈرگىلى بولمىغاندەك چالا ئەدەبىياتچىلارغا ئۆزلەشمەي«ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا»بولماقتا.
پەرزەنتلەرنى كىلاسىك ئەدەبىياتنىڭ سەلتەنەتلىك دولقۇنلىرىدا ئاققۇزمىغان، نى-نى تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپقۇزمىغان، ئىمان-ئېتىقاد، ۋىجدان-غورۇر، كىشلىك قەدىر-قىممەت قارىشى ھەققىدە يۈرەكلەرنى جىغىلداتمىغان، ئاجايىپ شىرىن ئارزۇ-غايىلەر قوينىدا تىپىرلاتمىغان ئەدەبىيات دەرسىنى قانداقمۇ ئەدەبىيات دەرسى دېگىلى بولسۇن؟ ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق پەخىرلىك ھېسلارغا چۆمۈلۈش بىلەن بىرگە ئىبرەتلىك تارىخ ھەقىقەتلىرى بىلەن كىرزىسلىك تۇيغۇلارغا مىخلانمىغان، ئادىميلىك چاقىرىقلىرى بىلەن روھى سىلكىنمىگەن، مەشق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تەپەككۇرى، ھېسىياتى يېتىلمىگەن ئەۋلادلاردىن يەنە نېمىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن؟
تەبىئي پەنلەردە ئاجىز ئوقۇغۇچىلىرىمىز تارىخ-جۇغراپىيىلەردە يات ئادەم-يات جايلارنىڭ ئىسمىغا ئاغزى كەلمەي، ئۆزىنىڭ ئاھالىسىنى بىلىمىگەن بالىلار موسكىۋانىڭ ئاھالىسىنى ئەسلا بىلەلمەي، ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ھەقىقى كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمەي ئاداشقان پادىدەك جەمئىيەتكە چىقىپ كەتمەكتە.  ئۇلارنىڭ تارىخى بىلىمى، ئەدەبىيات جۇغلانمىسى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەتتىكىچە كىتاب ئوقۇش ئادىتى، يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمۇ يوق. «جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇپ يېزىلىدۇ»دەپ سۆزلىگەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يېزىچىلىق ئەمەلىيىتىدە شۇنداق يازغان-يازمىغانلىقىغا قارىماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە سۆزلەنگەن بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا ئېتىبار بەرمەي، ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلارغا تۈزىتىش بەرمەي كۈن ئۆتكۈزىۋەرگەنلىكتىن، توققۇز -ئون يىل تەربىيلىنىپ چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم  ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا ئىككى تاغار سامانغا يېزىلىدىغان ھۆججەتنىمۇ قاملاشتۇرۇپ يازالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
بۇ ھال مەكتەپلەردىكى تەبئىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋە رەھبەرلىككە ئەدەبىيات دەرسى دېگەن ئەتىدىن-كەچكىچە سالى ئىجابى، جامى سەلبى(زوردۇن سابىرنىڭ قوشنىلار»ھېكايىسىدىكى پىرسوناژلار) دېگەننىلا ئۆگىتىدىغان دەرستەك، ئوقۇغۇچىلار ئۆز چۈشەنچىسىنى يېزىپ قويسىلا نومۇر ئالغىلى بولىدىغان پەندەك، ئەدەبىياتچى دېگەن ئاخشىمى بولۇشىغا ھاراق ئىچىپ، ئەتىسى مەست يۈرۈيدىغان، مېڭىسىنىڭ بىرەر ۋېنتىسى ئوشۇق ياكى كەم بولۇپ قالغان قۇرۇق ھاياجانلىق قوشاقچىدەك، ئەدەبىيات دېگەن پەقەت شۇ بىر نەچچە قىسىم كىتابتەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتا رەتسىز، مەسئۇلىيەتسىز، چاچ-ساقاللىرى پاخپايغان ھالەتتە يۈرىشى، ئۆزىنىڭ«شائىر دېگەن ئەل-ۋەتەننىڭ يۈرىكى»دېگەن دەبدەبىلىك شېئرلىرىدا ئۆزىنى پەيغەمبەرلەرگە سېلشتۇرۇپ يازغانلىقلىرىنى ئۇنتۇپ، «مىللەتنىڭ دەردىنى تارتىش»ئەمەس، بىر ئائىلىنىڭ دەردىنى تارتىش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، بالىلىرىدىن چېنىپ، ئائىلە ئەزالىرىدىن تېنىپ، لىرىك كۈيلەرنى داۋاملىق يېزىپ كۈن ئۆتكۈزۈشى، ئۆزىدىن باشقا ھەممىنى ئىنكار قىلىشى، ئەڭ مۇھىمى  يازغانلىرى، دېگەنلىرى بىلەن قىلغانلىرىنىڭ بىردەك بولماسىلىقى،  شائىر–يازغۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى. كىشىلەر ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىغان ئادەمنىڭ «مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش» تىن سۆز ئاچقۇچە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىزىغا سېلىشنىڭ بەكمۇ زۆرۈلىكىنى ھېس قىلدى.
بىزدە شېئىر خۇراپاتلىقى ئېغىر بولغىنىدەك، تەبئىي پەن خۇراپاتلىقىمۇ گەۋدىلىك. گۈزەل شېئىرنى، مۇڭلۇق مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقان سەنئەتكار فىزىكىلىق مەسلىنى ئىنتايىن ئىنتاين مەنىسىز ھېس قىلدىغان، ماتېماتىكىلىق ئانالىىز يۈرگۈزۈۋاتقان ماتېماتىك بىر شائىرنىڭ باھارنى كۈيلىگىنىنى مازاق قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد. ئاينى كۆرۈپ يارنى خىيال قىلىپلا ياشاش مىسلىسىز گادايلىققا دۇچار قىلسا، ئاينى تەتقىق قىلىپ، ئاي مەنزىرىسىدىن، ئاي مەنزىرىسىگە چۆمۈلگەن يۇرتنىڭ غېرىپ ھالىتىدىن، ئايدىڭ كېچىدىكى مۇڭلۇق تىلاۋەتتىن ئويغا چۆكمەسلىك مۆلچەرلىگۈسىز غېرىپلققا مەھكۇم قىلىدۇ.
ماتېماتىكدىكى 0 =ax2+bx+c بىلەن خىمىيدىكى  ئېلىمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ئىنتايىن كەڭرى بىر بوشلۇق. ئىنسانيەت ئەشۇ بوشلۇق ئارقىلىق ئىزدىنشىنى قانات يايدۇرۇپ ئۆزنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ماددىي تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى كۆك چۆچۆرىسىنى بىرلىكتە  ئىچىۋاتقان 15نوپۇسلۇق چوڭ  ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ئۆتكۈر پەنلەر ئارقىلىق ياراتقىلى بولمايدۇ.
ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئېيتقاندەك«تەبئىي پەن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەممە ئىشنى قىلىغىلى بولىدۇ، قىسقىسى ئادەم ياسىغىلىمۇ بولىدۇ. بىراق، قوشنىلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياكى نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغان ئەپەندى بىلەن خانىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلاي دەپ ئويىلىسىڭىز مۇ قىلالمايسىز»(ۋاڭ مىڭ:«ئادىمىيەت روھى ۋە ئىجتىمائىي ئىلگىرلەش» مىراس ژورنىلى 2007-يىللىق 6-سان)
ئەلۋەتتە، شائىرىنىڭ«چېچەك پەسلى»دېگەن شېئىرى« ئەتە 5-مەسلىنى ئىشلەپ كېلىڭلار» دېگەن چاقىرىقتىن كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت ھەممىنى ھەل قىلالايدۇ دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. نېرۋا قان تومۇرلىرى قېتىشىۋاتقان بىر ئانىنىڭ كېسىلىنى ئانىغا بېغىشلانغان بىر پارچە شېئىر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ماگىنىت رىزونانىست ئۆيىدىكى زامانىۋىي ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئېنىقلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. دۆلەت بايرىقى چىقىرش مۇراسىمىدا دۆلەت شېئرىنى ئوقۇيمىز، بۇ چاغدا فورمۇلا يادىلىمايمىز. يات ئەل ھۇجۇم قىلغاندا ياكى ياتلارغا جەڭ ئېلان قىلغاندا دۆلەت شېئىرى ئارقىلىق ئەمەس، كۈچلۈك قورال ئارقىلىق غەلبىنى بەلگلەيمىز. لېكىن، شۇ قورالنى ئىشلىتىشكە دۆلەت شېئىرلىرىنى تالاي قېتىم ئوقۇپ جەڭگىۋارلىقنى يېتىلدۈرگەن، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلككە، قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئادەم بولمىسا يەنە بولمايدۇ. قورال بىلەن ھەل قىلىغلى بولمايدىغان مەسلىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.
ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ تەبئىي پەن بىلمەسلىكى، ئەقلىي تەپەككۇر قىلماسلىقى، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەسلىكى، تەبئىي پەنچىلەرنىڭ ھېسسى دۇنيانى، مەنىۋىي قىياپەتنى قازالماسلىقى، روھى گادايلىققا مۇپتىلا بولىشى، مىللىي ھېسياتقا ئىگە بولماسلىقى بىزنى چوقۇم مەغلۇبىيەت پاتقىقىغاباشلايدۇ. شۇڭا، بىز ھەر ئىككى ساھەنى تەڭ ئېلىپ مېڭىشىمىز، ئەقلىي تەپەككۇرغا ئىگە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى، ھېسسى كەيپىياتى قويۇق تەبئىي پەنچىلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشىمىز لازىم. بولمىسا بىزدە قۇرۇق ھاياجىنىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئەدەبىياتچىلار، بىر دۆە مەسلە-مىسال، تەجرىبىلەرنى نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئۇقمايدىغان، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلدۇرالمايدىغان تەبئىي پەنچىلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ.
ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ: «مەن ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇنۋېرستېتلاردا زىيارەتتە بولدۇم ھەم لېكسىيە سۆزلىدىم. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى بىر دوستۇم ماڭا‹سىز ئامېرىكىلىقلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپىنى تونۇشتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىگىڭزنى ئېيتماڭ، چۈنكى ئامېرىكىدا ھەرقانداق بىر ئادەم يېزىقچىلىق قىلالايدۇ. ئەگەر ئۇنۋېرستېتتا قوشۇمچە ۋەزىپىڭىز بولسا، ۋەزىپىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ. ئەگەر مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن بولسىڭىز شۇ يەردە ئىشلىگەن ئىشلىرىڭىزنى دەڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ مۇقىم كەسىپكە، مۇقىم كىرىمگە ئىگە ئىكەنلكىڭىزنى بىلىدۇ. ئۆزىڭىزنى پەقەت بىر يازغۇچى دېسىڭىز ئامانەت كرېدېت كارتا شىركىتى سىزگە كرېدېت كارتا بەرمەيدۇ، كىم بىلىدۇ، سىزنىڭ ئۇ ئەسىرىڭىز پۇلغا يارامدۇ ياكى ئۆزىڭىز پۇل تۆلەپ چىقىرامسىز؟ ئۆزى پۇل تۆلەپ كىتاب چىقىرىدىغان ئىشلارنى ئاز دەمسىز؟›دەپ تەكلىپ بەرگەن»دېگەن ئىكەن (ۋاڭ مىڭ:«ئەدەبىيات شۇنچە زۆرۈرمۇ» مىراس ژورنىلى 2007-يىللىق 4-سان)
ھەر بىر يازغۇچى-شائىر كەمتەرلىك بىلەن ئۆز-ئۆزىگە دىئاگىنوز قويۇشى، ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى، ئۆزىگە يۈزلىنىشى كېرەك. شۇنداق قلالىساق ئاندىن، ئۆز خەلقىمىزگە، ئجىتىمائىي تۇرمۇشقا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىنسان سوبېكتى، ئنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي قىياپىتى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز، ئەلۋەتتە.
ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ سۆيۈملۈك ماكان ھەربىر ئىخلاسمەنگە چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىنى ئاچىدۇ. ھەربىر قەلەمكەش، ھەربىر يازارمەن ئەقىدە مىزانىمىزدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ئاۋامنىڭ ھۆر بەختىنى كۆزلەپ، قىلىچ ئالدىدىمۇ راست سۆزلەپ، ئەدەبىيات كولدۇرمىسىنىڭ ياڭراق ئاۋازاى بىلەن غەپلەتتە قالغۇچىلارنى ھەققە ئۈندەپ ئىجاد قىلساقلا، ئاللاھ خالىسا ھەممەيلەن نۇرانە كەلگۈسىگە دادىل قەدەم تاشلىيالايمىز...
يېڭىسار ناھىيلىك 1-ئوتتۇر مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەنۋەر بوساق
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى: 13999640705(يانفۇن) 09983623958(ئىشخانا)
2009-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى يېڭسار.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 21:19:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز ھەقىيقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرگۈدەك تىما يوللاپسىز
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:48, Processed in 0.396800 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش