دېھقان ئاتامغا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
قۇياشلىق سىنچىدا باقماس زېمىنغا كۆك-ساما سەنسىز، ھاياتلىق ياشنىماس زىنھار تۆكۈلسە نۇر-زىيا سەنسىز.
خازان بولغاي گۈزەللىك قەترىسىز سۆيگۈ دالاسىدا، نىگاھلار جىلۋىسى ئۆڭگەي، نە تۇپراق تۇتىيا سەنسىز؟
قەلب بارخانلىرىدا كۆمۈلۈپ ياتقاي ئېزىققان روھ، سۈكۈتتە بىخسىغاي ھېسلار، نە شاد كۈلكە-ناۋا سەنسىز؟
ھالاللىق تەپچىرەپ تۇرغان قىنىڭدىن ساقىدىم بەرھەق، ۋۇجۇدۇمدا چېچىپ سۆيگۈ يانارمۇ ئوت-لاۋا سەنسىز؟
ياشا دېھقان ئاتا، توغراق يېشىنى ئارمىغان ئەيلەپ، قونۇپ سايرارمىدى قاخشال چىنارىمغا ھۇما سەنسىز؟
كۈيۈم قەلبىڭنى سۆيگەن دەمدە شائىرلىق مەقامىم بار، نە شائىرلىق، ماڭا ھەتتا بۇ ئىنسانلىق رىيا سەنسىز!
1998. 7. 27
بۇ شېئىر«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. |