ياشلىق ھىكمىتى سابا
ھاياتنىڭ قۇدرەتلىك ئېھرامى ياشلىق، مۇھەببەت بېغىنىڭ مىھمانى ياشلىق. تەڭرىنىڭ ئىنسانغا ئىنئامى يشلىق، تەپەككۇر،ئېقىلنىڭ ئىلھامى ياشلىق.
ھاياتنىڭ مۇنارى تىكلىنەر سەندە، ئىنساننىڭ نە ھالى بىلىنەر سەندە. سۆيگىنىڭ ۋىسالى يېتىلەر سەندە، مۇھەببەت نۇرىنىڭ مىسرانى ياشلىق.
يۈرەكلەر ئۇقچىغان سېنىڭ پەسلىڭدە، ئەجداتلار سىماسى يانار ئەسلىڭدە. تاغ كەبى كۈچ-قۇۋەت ئايان بەستىڭدە، قورقۇنۇش، قۇللۇقنىڭ زىندانى ياشلىق.
دەھشەتلىك مۈشكۈللەر يېڭەلمەس سېنى، قەھرىڭدىن پۈكلىنەر رەقىبلەر تېنى. خىسلىتىڭ ئەسىر قىپ ئالدىغۇ مېنى ، باھادىر روھىنىڭ ئىزھارى ياشلىق.
مەنبە: ئۆز قەلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 09:52
|