baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 6

ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ۋە ئەخلاقىي مۇھىت ھەققىدە

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ۋە مەكتەپلەردىكى ئەخلاقىي مۇھىت ھەققىدە

گۈلباھار مۇھەممەدئىمىن

ئاياللار، قىزلار تىلغا ئېلىنسا، تەبئىي ھالدا ھاياتلىق چىمەنلىرىنىڭ بەرناسى، گۈزەللىك گۈلشەنلىرىنىڭ گۈلتاجى، سۆيگۈ ۋە مېھىر پايانىدىكى سېھىرلىك، سىرلىق چوغ، ئىنسانىي غورۇر، ئىنسانىي تاكامۇللۇق، ئىنسانىي ئار–نۇمۇسنىڭ پاك- مەسۇمە تۇپرىقى بولغان پەرىشتە سۈپەت ئاياللىرىمىز، قىزلىرىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ بىباھا مەنىۋىي خسلەتلىرىنىڭ، ئېتىقادىنىڭ، باشقىلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغىدەك ئىشەنچ- سۇباتىنىڭ قىز–ئاياللىرىمىزنىڭ قېنىدا، روھىدا نۇرلىنىپ جۇلالاۋاتقانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىمىز ھەمدە ئۈمىدنىڭ نازۇك قاناتلىرىدا پەپىلىنىپ، ھېكىمەتلەر پايانىدا ئىزگۈ تەپەككۇرغا ئادەتلەنگەن قەلبىمىز بىلەن رىئاللىقنىڭ نۇرلۇق دالاسىنىلا ئەمەس، ساپ مەنىۋىيەتنىڭ ئالتۇن گەردىشلىرىنى غاجىلاۋاتقان چۈشكۈنلۈك، زەئىپلىك، چىرىندىلەر ماكانى بولغان مۇدھىش قاراڭغۇلۇقنى سىزىپ ئەسەبلىك خياللارغا غەرق بولىمىز.
مىللىتىمىز مەنىۋىي تاكامۇللۇقنىڭ يېتۇك ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللاردىن ئىبارەت بۇ تائىپىنىڭ ساپلىقىغا، پاكلىقىغا، سۈپىتىگە ئالاھىدە سەزگۈر مىللەت. شۇنداق ئىكەن، ئاياللار ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز قىلىش ئوشۇقلۇق قىلمايدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش ھاجەتكى، مەن ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازى ۋە مەكتەپلەردىكى ئەخلاقىي مۇھىت ھەققىدە توختىلىمەن. بۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلى، ئۇستازلارنىڭ ئالەمشۇمۇل رولى، شانۇ– شەۋكىتى، تۆھپىسى...... ۋاھاكازالار ھەققىدە بىز تولا ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتكەن ئىبارىلەر بىلەن قۇلاقنى پاڭ قىلىپ ئولتۇرمايمەن.
مەلۇمكى، جەمئىيىتىمىزدە، جۈملىدىن مەكتەپلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززەت–ئابرۇيى قوغدىلىدىغان، ئەخلاقىي ئوبراز بىلەن نۇرمال خىزمەت قىلىدىغان ئەخلاقىي مۇھىت مەۋجۇت. ھەقلىق يوسۇندىكى بۇ خىل ئىجابىي، ساپ ئەخلاقىي مۇھىت زور كۆپ ساندىكى مەكتەپلەردە ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىسىمۇ، قىسمەن مەكتەپلەردىكى خېلىلا ئېغىر غەيرى ھادىسىلەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە، غورۇرىغا، نام–ئابرۇيىغا داغ كەلتۈرىدىغان پوخۇرلۇقلار، بوزەك قىلىشلار مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى ۋە ئويلاندۇردى. بۇ خىل ئېغىش گەرچە قىسمەن مەكتەپلەردىكى ئەھۋال بولسىمۇ، شۇ مەكتەپلەردىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى ۋە ئۇلارنىڭ توغرا كىشىلىك قارىشىغا، توغرا خىزمەت قارىشىغا، توغرا كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىشىغا ئېغىر دەرىجىدە زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ۋە ئېتىقادىدا ئېغىر كىرزىس پەيدا قىلدى. بۇ بىنورمال ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىدىن ئىبارەت مۇتلەق ھوقۇقلۇق شەخىسنىڭ ئەخلاقىي بولغىنىشىدىن ئىزدىمەي بولمايدۇ.
ئەخلاقىي ساپاسى ناچار، مەنىۋىي دۇنياسى چىرىك ئاز ساندىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى ھاۋايى- ھەۋەسلىرىنى قاندۇرىدىغان ئەرمەك، يۇقىرىغا يامىشىش ياكى خۇشامەت قىلىشتىكى ۋاستە دەپ قارىغاچقا، مەكتەپ باشقۇرۇش، جۈملىدىن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئۆزىنىڭ چاكىنا ھېسىياتىنى ۋە ئىدىيىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.
بۇ خىل چاكىنا ھىسيات ۋە چىرىك ئىدىيىنىڭ قۇماندانلىقىدىكى پىرىنسىپسىز خىزمەت ئىستىلى مەكتەپ مۇدىرىدىن ئىبارەت ھالقىلىق شەخس تەرىپىدىن خىزمەتنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا، ئوقۇتقۇچىلارغا باھا بېرىشتە، تۈرلۈك يىغىنلاردا، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئىپادىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا، ئادىمىي پەزىلىتىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ كىشىلىك ئەخلاقىغا دەز كەتكۈدى. ئاز ساندىكى ئەخلاقسىز شاللاق نەيرەڭۋاز ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى ئالاھىدە قوللاپ خىزمەتلىرىگە قۇلايلىق يارىتىپ ۋە ياردەم بېرىپ، خىزمەتتىكى سەۋەنلىكلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سالغاچقا، بۇنداق ئوقۇتقۇچىلار بازار تاپتى. پۇخۇرلۇقلىرىغا تەڭ ماسلىشىدىغان، ئۇلارغا ئەرلىرىگە ئوخشاش ئەركىلەپ، غىلجىڭلىيالايدىغان، ئۇلارنىڭ ھاۋايى–ھەۋەسلىرىنى قاندۇرالايدىغان، ۋايىغا يەتكۈزۈپ خۇشامەت قىلالايدىغان تۈرلۈك يۇقىرى- تۆۋەن مەمۇرىي تارماقلاردىكى ئاز ساندىكى چىرىك ئەمەلدارلار بىلەن كېچىلەپ ئىشرەت سورۇنى قۇرۇپ ئۆزىنىڭ خۇشامەت قىلىش، يۇقىرىغا يامىشىشىغا ھەمدەم بولالايدىغان ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى قانات ئاستىغا ئالدى. غورۇرلۇق، پەزىلەتلىك ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىگە، بىلىمىگە كۆز يۇمۇپ، ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى لاۋزا جىنسىيەت ئېلانچىلىرىدەك ۋەزخانلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن، خىزمەت ئېھتىياجىدىن چەتنىگەن ھالدا ئۇلارغا قالايمىقان ھۇجۇم قىلدى. قۇتراتقۇلۇق قىلىپ سەلبىي جامائەت پىكرى قوزغىماقچى بولدى. مۇبادا ئۇلاردا سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ قالسىغۇ بالاغا قالغىنى شۇ. گويا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قوزغالغىنىدەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، قالتىس كۆپتۈرۈپ، مەكتەپتىكى ئۆزىگە ئوخشاش پوخۇر، ئەخلاقى ناچار بىر نېمىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئەڭ قەبىھ تىللارنى ئىشلىتىپ رەزىللىك ۋە نۇمۇسسىزلىق بىلەن ھاقارەتلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىززەت–ئابرۇيىنى تۆكۈپ، مەكتەپ ئىچىدە يېتىم قالدۇرماقچى، خىزمەتلىرىگە قۇلايسىز ۋەزىيەتنى شەكىلەندۈرمەكچى بولدى. نەتىجىدە ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپتىكى بەزى چاكىنا، ئەخلاقسىز ئەرلەرنىڭ پوخۇرلۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىدىغان، ھەتتا غىلجىڭلاپ ئۆزىنى سۈركەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار بار–يوق دېمەي ئوينىشىپ شاللاقلارچە چاخچاقلىشىدىغان قىلمىشلار خېلىلا باش كۆتۈرۈپ قالدى. بۇنداق ئىشلار ھېچكىمگە غەيرى تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى. كىم غىلجىڭ، ھاياسىز، پۈكۈلۈپلا تۇرىدىغان، مەخسەتلىرى يولىدا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بولسا شۇ ئەتىۋارلاندى، قوللاشقا ئېرىشتى. كىم غورۇرلۇق بولسا، ئەخلاقلىق بولسا، ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان پوخۇرلۇقلارنى رەت قىسا شۇ ھوجۇمغا، ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىدى. غىلجىڭلىق، شاللاقلىق، مەنىۋىي ئىللەتلەر ئارتۇقچىلىق- ماھارەت ھېسابلاندى. ئەقەللىي كىشىلىك پەزىلەت، ئەخلاق، شەرمى–ھايا تالان–تاراجغا ئۇچرىدى.
بۇ خىل قىلمىشلار ئەقلى-ھوشى جايىدا ھەر قانداق ئادەمنى يىرگىندۈرمەي قالمايدۇ. ھەر قانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولغاندەك ،جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ توغرا ئېتىقادىنىڭ، كىشىلىك ئەخلاقىنىڭ ئاجىزلىششى ياكى بۇزۇلۇشىنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ. مەلۇم چىرىك، نەيرەڭۋاز، ئەخلاقسىز ئادەملەرنىڭ پايدا ئېلىپ كېتىشى، يەنە بىر توپ ئادەمنىڭ ئەخلاقى ۋە ئېتىقاد جەھەتتە تەۋرىنىشگە، بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئېتىقاد ۋە ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ ئاجىزلىششى، نەپسانىيەتچىلىك، چىرىكلىكنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدەك يامراپ كېتىشى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئۇزاق مەزگىللىك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
زىيادە كۆپىيىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت قىزغىنلىقى، توختاۋسىز ۋە مۇرەككەپ تاشقى مەدەنىيەت تەسىرى ۋە ئۆز ئىچىمىزدىكى تۈرلۈك مەنىۋىي ئىللەتلەر سەۋەبلىك ئېتىقاد، ئەخلاق، مەنىۋىي يۈكسەكلىك، ئېغىر تەھلىكىگە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىرتتىن كېلىدىغان سەلبىي تەسىرلەرمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
مەكتەپتىن ئىبارەت پۈتكۈل جەمئىيەت، كىشىلەرگە ئەخلاق، ئېتىقاد، ئادىمىي ساپا جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان، تەربىيلەيدىغان، شۇنداقلا ئۇستازلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆرنەكلىك شەرىپىگە ئىگە بولغان بۇنداق ئورۇندا مەمۇرىي دائىرىلەرنىڭ خىزمەت فونكىسىيەسىدىكى ئەخلاقىي ئېغىش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشىگە، تەلىم–تەربىيە مۇھىتىغا، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىغا نىسبەتەن ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازى خۇنۇكلىشىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا داغ چۈشىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئۇستازلىق سالاھىيىتىدىن، مەكتەپنىڭ ئەخلاقىي مۇھىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، مەكتەپلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازىغا داغ كەلتۈردىغان پوخۇرلۇق قىلمىشلىرى چەكلىنىشى كېرەك. ئۇلارغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشى، كىمنىڭ ساغرىلىرىنى بەكرەك تولغىيالايدىغانلىقىغا، سۈركىلەلەيدىغانلىقىغا، ئىشرەت سورۇنىدىكى ماھارىتىگە قاراپ باھا بېرىلمەسلىكى كېرەك.
ھېلىقىدەك ئۆزلىرىنى ئەڭ دانا تەدبىركار ھېسابلايدىغان«مەرىپەتپەرۋەرلەر» كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى كېرەك.
ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئەرمىكى ئەمەس. ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېخى ئۆزىنىڭ ئايالىنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرگىدەك ۋىجدانسىزلىشىپ كەتكىنى يوق. مەكتەپلەردە تېنچ، ساغلام بولغان ئەخلاقىي مۇھىت يارىتىپ، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئىززەت–ھۆرمىتى، ئەخلاقىي ئوبرازىنى قوغداش كېرەك.

    (ئاپتۇر يېڭىسار ناھىيە ئوچار يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-18 18:26:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا مېنىڭ ئايالىمنىڭ ماقالىسى بولغاچقا، مەن بىر قېتىم يوللىغان ئىدىم. تەكرار يوللاپ قويۇپسىز.

باھا سۆز

بۇ ماقالە ماڭا يارىدى، شۇڭا ساقلاپ قويغانتىم، مەكتىۋىمىزدە ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى شۇڭا يوللاپ قويدۇم تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-19 01:51
ۋاقتى: 2012-9-18 18:39:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ ناھايتى تەسىرلەندىم ھەم بۇ يازمىنى يازغان ئاشۇ « گۈلباھار مۇھەممەتئىمىن » نىڭ يېنىغا بېرىپ رەھمىتىمنى بىلدۇرگىدەك بولدۇم . ئاشۇنداق ئىپلاس مۇدىرلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگىدەك ئادەم چىقماسمۇ دىگەنلەر كاللامدىن ۋىللىدە كەچتى  .
دىمەك ھەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئەخلاقى - پەزىلىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ .
ئەخلاق ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسانىي ساپاسى ، پۈتۈن جەمىئەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئەكس ئېتىدىغان ئەينەك . ئەخلاق ھەممە ئادەمگە قارىتىلغان . ئۇ قەلب قانونى - ۋىجدان ۋە جامائەت پىكرى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ .
شام ئەپەندى سىزگىمۇ رەھمەت بۇ تېمىڭىز  جەمىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر قەلىب ئىگىسىنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترەتكۈسى ھەم تۇرمۇشىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغۇسى .
ۋاقتى: 2012-9-18 18:43:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېمىكەن رەھمەت .
ھەر بىر كىشى ئۆز ئەخلاقىغا مەسئۇل بولىشى لازىم . بۇ ئۇنىڭ خەلققە ۋە ئۆز ئىستىقبالىغا مەسئۇل بولۇشنىڭ نېگىزى . مۇنداق ئەخلاقى مەسئۇليەت نومۇس ۋە ئىپتىخار ئارقىلىق باشقۇرىلىدۇ .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-19 01:51:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 18:26
بۇ ماقالا مېنىڭ ئايالىمنىڭ ماقالىسى بولغاچقا، مەن بىر  ...

بۇ ماقالە ماڭا يارىدى، شۇڭا ساقلاپ قويغانتىم، مەكتىۋىمىزدە ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى شۇڭا يوللاپ قويدۇم
ۋاقتى: 2013-11-8 13:22:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئايال دىمەك مىللەتنىڭ ئانىسى ،غۇرۇرى،پەخرى دېمەكتۇر. ئايال ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ شۇنداق.
ھازىر مەكتەپلەردە مۇنبەردە دەرس ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايال ئوقۇتقۇچىلار. ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ،نوپۇزىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى،ئۆز نۆۋىتىدە ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆزىنىڭ نام-ئابرويىنى قوغدىشى،ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
  ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەت قىلساق باشقىلار ھۆرمەت قىلىدۇ.خۇشامەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلار بىزنى چۆكۈرۈپ تاشلىسىمۇ ئەمما ھەممىسى كۆڭلىدە بىزنى قانداق ئادەملىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
  بىزگە تىلدىكى ئالقىش ئەمەس،دىلدىكى ئالقىش بولسا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە بەزى چاغلاردا. ھەقىقەت ھامان باش كۆتۈرىدۇ.
  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:59, Processed in 0.927566 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش