بالا باققۇچى قىزغا
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
كىملەرچۈن توزۇدۇڭ ئەي يۇمران ياپراق، كىملەرچۈن ئەتكەنتىڭ تال چىۋىقتىن ئات؟ كىملەرچۈن ئېيتىسەن مۇڭلۇق كۈي-قوشاق، كىملەرچۈن سەن بىزگە بولۇپ قالدىڭ يات؟
كىملەرنىڭ بەختىنى تىلەيسەن بۇدەم، كىملەرگە تېۋىنىپ سۈرىسەن خىيال؟ كىملەرگە تىلەيسەن ئۇزۇن ئۆمۈر ھەم، كىملەرچۈن يوقاتتىڭ بەخت-ئىستىقبال؟
كىملەرنىڭ بۆشۈكى ئۇ سەن تەۋرەتكەن، پاك-سەبىي قەلبىڭنى تىترىتىپ دەھشەت؟ كىملەرنىڭ پىغانى سېنى ئۆرلەتكەن، كىملەر ئۇ يان ئۆيدە قىلىشقان ئىشرەت؟
كىملەرگە تەلمۈرۈپ باقىسەن ئۇزاق، قەلبىڭدىن بەكمۇ يات شەھەردە تىمتاس؟ كىملەرگە كىر يۇيۇپ ئېتىسەن تاماق، ئون ئىككى ياشتا سەن مومايغا تەققاس؟!
كىملەرگە پىچىرلاپ تۆكىسەن كۆز ياش، ئېسىڭدىن كەچتىمۇ سەھرادىكى يول؟ يالقۇنجاپ ئۆڭدىمۇ كۆزۈڭدىن قۇياش، كىملەرگە ياندىشىپ ماڭدىڭ تۇتۇپ قول؟
ئېسىڭدىن كەچتىمۇ كونا ئورۇندۇق، جىجىلغان پارتا ۋە پۈرلەنگەن كىتاب؟ -قېنى،- دەپ ئۇ سىنىپ ئازادە-يۇرۇق، قەلبىڭدىن ئۇرغۇمدۇ چۇقان ۋە خىتاپ؟
چاقنامدۇ ئالدىڭدا قايتا دوسكا، بور، مەن سېنى يېتەكلەپ ماڭغان نۇر يولى؟ بار ئىدى سەن ئۈچۈن تالاي يۈز نومۇر، چاك كەتتى، ئاھ، سېنىڭ بەختىڭنىڭ ھۇلى!
مۇڭلانما خىيالچان، سەبىي ئوماق قىز، ئەللىيىڭ قەلبىمنى ئەيلىدى چاك-چاك. بۆشۈكتە ياتقان قىز قالدۇرمىسۇن ئىز، سەن باسقان شۇ يولغا ياقاي مەن ماياك!
1998-يىلى،11-ئاي، يېڭىسار-قىزىل.
بۇ شېئىر «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. |