ئىككى غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
سەۋدالىق
قەدەھسىز چايقىلار مەي قىنىدا مەيخانىدىن چىقسام، يۇتۇپ سەۋدالىرىڭ بەتتام كەيپ توپانىدىن چىقسام.
بېرىپ شەپەڭنى، تىم تايغانسىمان سەييادقا ئوۋلاندىڭ، ئۈنۈڭنى ھىدلىغان دەم قەترە يىلپىز قانىدىن چىقسام.
تۈنۈمنى يوقلىغاي يەكتا، ئېزىققان چۈشلىرىڭ دەۋرەپ، ئەبەدلىك يوقسۇنۇشتا كۆزگۈلەر پىنھانىدىن چىقسام.
بىھەد بەرقىمنى غەرق ئەتكەي خىيالىڭ ئالۋۇنى سويلاپ، قىلىپ تاغلارنى قالقان ئەجدىھا گۈلخانىدىن چىقسام.
يۇتار ئۆز-ئۆزىنى چەندان زېمىن ئالجىشتا ئاھىمدىن، ساماغا قەھرىلىك قاڭقىپ جۇنۇن پەيكانىدىن چىقسام.
ئۆزۈمنى ئاختۇرۇپ ئۆتتۈم ئېزىققان بۇ ياراتمىشتىن، يۈدۈپ يىگانە قەبرەمنى ئەجەل پەيمانىدىن چىقسام.
كۆيۈك سىنەمنى ئۆرتەپ يانىمەن ھېجران دوزاقىدا، بۈيۈك شەھۋەتتە چاڭقاپ تەڭرىنىڭ پەرمانىدىن چىقسام!
1992-يىلى، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېڭىسار.
چىقمىدىڭ، يار
كۆزنىكىڭدىن شۇڭغۇتۇپ ئاينى ماراتسام چىقمىدىڭ، چۈشلىرىڭنى يورۇتۇپ كۈنگە قاراتسام چىقمىدىڭ.
بەرگى سىنەڭگە قونۇپ ئەگىيدۇ تۈننىڭ سەلكىنى، ئويغۇتۇپ بار سۈكۈتىڭنى كۈي تاراتسام چىقمىدىڭ.
كۆزلىرىڭگە چۆكتۈرۈپ چولپاننى كىرپىك قايرىتىپ، ئالىمىڭگە سۆيگۈدىن تاڭلار ياراتسام چىقمىدىڭ.
چىققىنا يار، زارىقىشتا ئۆتتى تەنھا بۇ تۈنۈم، يوللىرىڭغا زەر شەپەقنى لەۋ يالاتسام چىقمىدىڭ.
1992-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، يېڭىسار.
بۇ غەزەللەر«تارىم»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 23:50
|