پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 1

مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىدىن سادا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
5 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
0 سەر
شۆھرەت
0 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 21:38:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىدىن سادا

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  
  
ھۆرمەتلىك تورداشلار! بىز 9-ئاينىڭ 4- كۈنى <ئالاھىدە خوش-خەۋەر> ماۋزۇلۇق، نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى توغرىسىدا بىر ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. بۇ تىمىدا بەزى خاتالىقلار- پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە مەزمۇنى ئېنىق بولماسلىق، ئىملا خاتالىقى (بۇ ئۇچۇرنى تورغا يوللىماقچى بولغان خادىمىمىزنىڭ كومپىيوتۇردا خەت ئۇرۇش سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن، مەلۇم بىر كومپىيوتۇر مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ، شۇلار ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان) سەۋەپلىك، بەزى تور بەتلەر تىمىنى تەستىقلىمىغان، بەزى تور بەتلەر  تەستىقلاپ كىيىن ئۈچۈرگەن، كۆپ ساندىكى توربەتلەردە بۇ ئۇچۇر تەۋسىيە تىما قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.  بىز ئەسلى 11- چىسلا  ئەسەر تىزىملاش ۋاقتى، ئورنى... قاتلارلىق تەپسىلاتلارنى ئۇقتۇردىغانلىقىمىزنى ئېيىتقان ئىدۇق.  بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى ئىنكاس، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تەكلىپ-پىكىر ۋە ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.  پىكىر، تەكلىپ  ۋە ئىنكاسلارنى نەزەردە تۇتۇپ، بىز مۇزاكىرلىشىپ،  پائالىيەتنىڭ تىزىملاش ئەھۋالى ۋە پائالىيەت مەزمۇنى جەھەتتە  تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قايتا ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق، تەستىلانغىچە 3-4 كۈن كىچىكىپ كەتتى، مەن بۇ مەسىلە ۋە يۇقۇردىكى  سەۋەنلىكلىرىمىز ئۈچۈن، بارلىق تورداشلاردىن سەمىمى ئەپۇ سۇرايمەن!  
       مەن پائالىيەت ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن،  جەمىيىتىمىزدە  كۆز ئالدىمىزغا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئۆز-ئارا ئىشەنچىمىزنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۈچۈن  تۈرتكە بولىۋاتقان  بىر مەسىلە ئۈستىدە، ئىككى كەلىمە سۆز قىلغۇم كىلىپ قالدى.    ئۇ بولسىمۇ ئالدامچىلىق.
     كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا، خىلمۇ-خىل ۋاستىلەر بىلەن،  ساددا ۋە سەبى قەلىبلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچقانداق  ئىشتىن يانمايدىغان، ھەتتا ۋىژدان، غورۇر... لەرنىمۇ قايرىپ  قويىدىغان،  ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.  مەن تۆۋەندە مۇنداق 3 خىل مىسالنى  سۆزلەپ ئۆتەي.  
     1-  مىسال:  2011- يىلى 9- ئايدا (روزى ھېيىتتىن كىيىن) ھەرقايسى ئۇچۇر تورلىرىدا   بىر مۇراجەتنامىنى   كۆردۈم، بەلكىم نۇرغۇن تورداشلىرىمىز  كۆرگەن بولىشى مۇمكىن. مۇراجەتنامىنىڭ مەزمۇنى:  مەلۇم بىر بىمارنىڭ بەل ئۇمۇرتقا سۆڭىكىدە 3 پارچە ئۆسمە بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى، بۇ بىمارنى ئوپىراتسىيە قىلىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن 80 مىڭ يۈەن كىتىدىغانلىقى، بىمار ئائىلىسى بەك نامرات بولۇپ بۇنىڭغا قۇربى يەتمەيدىغانلىقى،شۇڭا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ بىمارغا ياردەم قۇلىنى سۇنىشى تۇغرىسىدىكى مۇراجەتنامە ئىدى،  مۇراجەتنامىدە،  بىمارنىڭ كىملىكى، ئادرىسى، بالنىستىكى سۈرىتى ۋە ئادرىسى، يەرلىك ئاھالىلە كومتىتىنىڭ بۇلارنىڭ ھەقىقى نامرات ئىكەنلىگى ھەققىدىكى ئىسپاتى  ۋە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنۇز ئىسپاتى قاتارلىقلار تەپسىلى يوللانغان ئىدى.( بىمارنىڭ ئىسمى ۋە ئادرىسىنى يازمىدىم،  چۈنكى بەزى تورداشلىرىمىز ئارىسىدا يۇرتۋازلىق تۈپەيلى ئىختىلاپ بولىشىدىن ئەنسىردىم) بىز بىرنەچچەيلەن ئاز-تۇلا پۇل يىغىش قىلىپ، بۇ بىمارنى يوقلاپ باردۇق، دىمەك بۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىدىن نۇرغۇن كىشىلەر خەۋەر تاپقان چېغى، كىسەلخانىدا كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى، بىزمۇ ئاتىغىنىمىزنى بېرىپ، كىسىلىگە ياراتقان اللە دىن شىپالىق تىلەپ قايتىپ چىقتۇق. بىز بىلەن يەنە 4-5 كىشى كىسەلخانىدىن بىللە چىقتى،(بۇلار بىمارنىڭ يۇرتىدىن كەلگەنلەر ئىدى) بىز دوختۇرخانا دەرۋازىسىغىچە بىللە ماڭدۇق، مەن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشىۋاتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.  
   - بۇ بايلارنى يوقلاپ كىلىدىغان ئادەملەر ھەجەپ جىقكىنا؟   
   - بايلارنىڭ كۆرگەن-بىلگىنى كۆپ بولىدۇ.  
   -شۇنچە يىراق ئۈرۈمچىدىمۇ تۇنۇشى جىقكەن دىسە!  
   -...
   مەن بۇلارنىڭ پارىڭىغا قىزىقىپ قالدىم:  
   - ئاكا بۇ *** ئاخۇن بىلەن سىلەر بىر يۇرتتىنمۇ؟  
   -ھەئە.   
   -ئۇلارنىڭ ئائىلىسى شۇنداق نامراتمۇ؟
   -نىمە دەيدىغانسىز ئۇكام، *** ئاخۇن دىگەن بىزنىڭ يۇرتتىكى ئەڭ چوڭ باي ئادەم، نەچچە يەردە زىمىنى، نەچچە ماشىنىسى، نۇرغۇن قوي-كالىللىرى بار، چوڭ ئوغلى بانكىچى،(بانكا خىزمەتچىسى)...   
   مەن ئىزىمدا تۇرۇپلا قالدىم، مەن بىلەن بىللە كەلگەنلەرمۇ تۇرۇپ قېلىشتى، بىز ئۆز-ئارا غۇل-غۇلا قىلىشتۇق. يېنىپ كىرىپ تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ، بەرگەن پۇلىمىزنى قايتۇرۇپ چىقىدىغانمۇ بولدۇق، ئەمما كىرىپ- چىقىپ تۇرغانلا شۇنچە  كۆپ تۇرسا، بىزنىڭ قۇلىمىزدا يا ئىسپات بولمىسا  نىمە دەپ كىرىشىمىزنى بىلەلمەي قايتىپ كەلدۇق. مەن كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم، ئەتىسى *** ئاخۇن بىلەن بىر ناھىيىلىك، ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمغا تېلېفۇن قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ بېقىشنى ئۈتۈندۈم. ساۋاقدسىشىم بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقا ساۋاقدىشىم ماڭا 5 كۈن بولغاندا  جاۋابىنى بەردى، دەرۋەقە  بۇ ئائىلە شۇ يېزا بۇيىچە ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن ئائىلە بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىللىرىدىن باشقا، بىر دانە يۈك ئاپتۇمۇبىلى، بىردانە  ۋاتۇجى(تۇپا قېزىش ماشىنىسى) ۋە نۇرغۇن چارۋا-ماللىرىنى... بارئىكەن.   
   
   2- مىسال: بۇ يۇقۇرقى ئىشتىن بىرەر ئاي كىيىن بولغان ئىش.  
   بىز بىرنەچچە دوستلار، 2-يۇڭ تۇقۇمۇچىلىق زاۋۇتى تەرەپتىكى بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا باردۇق. دوستىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاز قالغاندا بىر قورودىن، ئىككى نەپەر ساقچى ۋە 4-5 كىشىنىڭ چىقىشى بىلەن ئارقىدىن مۇسىبەتلىك كىيىم بىلەن بىر ئايال بۇلارنىڭ ئارقىدىن چىقىپ، بېشى يەرگە تەككىچە ئىگىلىپ تۇرۇپ، يىغا ئارلاش، ساقچىلار ۋە بىللە چىققانلارغا ئارقا-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئويدىن چىققانلار ئۇزاپ كىتىشتى، ھېلىقى ئايال ئىنتايىن مۇڭلۇق قۇشاق ئارلاشقان يىغا بىلەن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بۇ ئايالنىڭ يىغىسى مىنى بىر قىسمىلا قىلىپ قويدى. مىنىڭ  بۇ نىمە ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلگۈم كىلىپ تۇراتتى، ئارىمىزدىن بىرەيلەن ھېلىقى ئۆيدىن چىققانلار بىلەن بىللە چىقىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالغان، ياشانغان بىر كىشىدىن بۇ ئەھۋالنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. بىزنىڭ  كوچىلاپ سۇراۋېرىشىمىزنىڭ نەتىجىسىدە ھېلىقى كىشى، بىزگە بۇ ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈردى.  
   ئەسلىدە بۇ ئائىلىدىكى ئەر(بايىقى ئايالنىڭ يولدىشى) يۈرەك قان تومۇر قېتىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا داۋالانغان، ئەمما  كۆرۈك سېلىش ئۇپىراتسىيىسىگە پۇل بولمىغانلىقتىن دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىققان ۋە چىقىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان. بىمار دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ئايالى تۇنۇش -بىلىشلەر، ئۇرۇق-تۇققانلاردىن قەرىز سۇراپ،  ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەن، كىيىن ھەردەرىجىلىك ئىدارە -ئورگان، ساخاۋەت ئورۇنلىرى، داڭلىق سودىگەر... لەرنى ئىزدەپ،  ياردەم سۇراپ بارمىغان يېرى قالمىغان، ئەمما ھېچقانداق ياردەمگە ئىرىشەلمىگەن. ئاخىرى بىمارنى دوختۇرخانىدىن نىسى داۋالىغان 6000 يۈەنگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بىرىپ قايتۇرۇپ چىققان. بايىقى كەلگەنلەر، تەۋەلىك ساقچىخانىدىن، ئاھالىلەر كومتىتىدىن ۋە دوختۇرخانىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ     6000 يۈەن قەرز پۇلىنى بىر تەرەپ قىلغىلى كەلگەنلەر ئىكەن. بۇلار، بۇ قەرزنىڭ 3000 يۈەنىنى دوختۇرخانا كۆتىرىدىغان، 1500 يۈەننى ئاھالىلەر كومتىتى كوتىرىدىغان، قالغان  1500 يۈەننى ساقچىخانا كۆتىرىدىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپتۇ.  ئەسلىدە بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يامان ئەمەس بولۇپ، ئالدىنقى يىلى مەرھۇمنىڭ ئايالى(بايىقى ئايال) بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇپ، بۇ كىسەلنى داۋالىتىش جەريانىدا بارلىق ئىقتىسادىدىن ئايرىلغان ئىكەن. دىمەك ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج بولغان بۇ كىشىلەر، ھىچقانداق ياردەمگە ئىرىشەلمىگەن. مانا بۇ ئەھۋال ھەرقانداق بىر ۋىژدان ئىگىسىنى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ.  

    3- مىسال: بۇ مىسال سەل ئالاھىدىرەك.
    بۇلتۇر يىل ئاخىردا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا بىر بىمار كىلىدۇ، بۇ بىمار ئوتتۇرا ياش ئايال بولۇپ،  بەدىنى ھەددىدىن ئارتۇق سىمىز، پۈتۈن بەدىنى كۈيۈپ كىتىش سەۋەبىدىن تارتۇق بولۇپ قالغان، بەدىنىنىڭ ئون نەچچە يېرىدىن قان ئارلاش يېرىڭ چىقىۋاتقان ھالەتتىكى بىمار.   دوختۇرخانىغا كىلىپ ئىككى كۈندىن كىيىن بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، < بىمارنىڭ تىرى ھۆجەيرىللىرى بۇزۇلغان، تېرە ئاستى بىزى كۈيۈپ كەتكەن، بۇ بىمارنى داۋالاش ئۈچۈن 150مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ> دىگەن ئىسپاتنى كۆتۇرۇپ، ھەرقايسى ئىدارە -ئورگانلارغىچە بارىدۇ، ئاخىرى دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن، جامائىتى كۆپ، بىرقانچە مەسچىدلەردىن ئىئانە يىغىپ بىرىش تەستىقىنى ئالىدۇ، تەستىق چۈشكەن مەسچىدلەر جۈممە كۈنى جامائەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىئانە يىغىدۇ، (ئىئانە يىغىلغان كۈنى بۇ بىمار  سەنشىخاڭزىغا جايلاشقان ئاق مەسچىد جامەئەسىنىڭ ئالدىغا ئېچىقىپ ياتقۇزۇپ قويۇلغان، مەنمۇ ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. بەلكىم نۇرغۇن تورداشلىرىمىز كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.)  مەسچىد ھەيئەتلىرى يىغىلغان 64 مىڭ يۈەن پۇلنى  دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، بىمارنىڭ ھىساۋىغا كىرگۈزىدۇ. ئىككى كۈندىن كىيىن، بىمار دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىپ، يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇرخانىدىن ھىساۋاتتىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دوختۇرلار بۇ بىمارنىڭ ھىساۋىغا تۇيۇقسىز باشقىلارنىڭ نۇرغۇن پۇل ئۆتكۈزگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ تۇرغاندا، بىمار نىڭ بۇ تەلىپى بۇلارنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ كۆچەيتىۋىتىدۇ. دوختۇرلار بىمارغا، ھازىر ھىساۋاتتىن پۇل چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى، ھەپتە ئاخىردا مالىيە ئىشخانىسى ھىساپ بوغۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن پۇلنى قايتۇردىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالنى ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. ج خ تارماقلىرى سۈرۈشتۈرۈپ، بىمار كۆتۈ رۈپ يۈرگەن دوختۇرخانا ئىسپاتىنى تېپىپ دوختۇرلارغا كۆرسىتىدۇ، دوختۇرلار ؛ ھېچقاچان بۇنداق ئىسپات يازمىغانلىقىنى، تېخى بۇ بىمارنى داۋالاش لاھىيەسى تۈزمىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئىسپاتنىڭ ئويدۇرۇلغان ئىسپات ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ج خ تارماقلىرى بۇ بىمارنى بىر نەچچە كۈن كۈزۈتۈش ئارقىلىق، بۇ بىمارنىڭ ئۇنچىۋالا سىمىز ئەمەسلىكىنى، ھازىر نۇرمال ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ھەمدە ھېلىقى پۈتۈن بەدىنى <كۈيۈپ كەتكەن> ئايالنى مەلۇم بىر رىستۇراندا ئۇسۇل ئويناۋاتقان يىرىدە قولغا ئالىدۇ.
  مانا بۇ يۇقارقى 3 مىسال كىشىنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى نۇرغۇن تۇرداشلىرىمىز بىلىشى مۇمكىن. تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق مىساللار كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.  بۇ ھەقتە مۇشۇنچىلىك توختىلايلى.   
     ئەسلى گىپىمىزگە كەلسەك: بىزنىڭ ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچۇرىمىزغا: <بۇ بىر ئالدامچىلىق،  ئازراق پۇل چىقىم قىلىپ، نۇرغۇن پايدىغا ئىرىشمەكچىمۇ؟...> دىگەندەك ئىنكاسلارمۇ كەلگەن، ھەتتا بەزىلەر تىزىملىتىدىغان ئەسەرلەرنى ئالدىن بىلىپ، پۇلىنى ھىساپلاپ، بىزنىڭ كىتاپ سېتىپ، ناھايىتى بېيىپ كىتىدىغانلىقىمىزنى  ھىساپلاپ چىققان.  ئەي ئېزىز قېرىنداشلار!  بىز بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن،   بىر يىلغا يىقىن ۋاقىتتا ئاران تەستىق ئالدۇق.  ئىنچىكىلىك بىلەن ھىساپلاپ كۆرسەك، پائالىيەتكە كەتكەن ۋاقىت بىلەن كىرىمنى سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار  ئېنىق جاۋاپقا ئىرىشكىلى بولىدۇ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولساق ، دىتىمىز يەتكەن تىجارەتتە بىر-ئىككى ھەپتىدە، بۇ پائالىيەتتىن بولغان كىرىمدىن ئارتۇقراق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ پائالىيەتكە 2 ئاي ۋاقىت كىتىدىغان تۇرسا... بولدى بۇ گەپنى قۇيۇپ تۇرايلى. بىزنىڭ پىلانىمىز مۇنداق:     1- پائالىيەتتە يېغىلغان پۇلنىڭ  %25 ى  ئەسەرنى باھالاش ۋە كۈپەيتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. بىز نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللار تەھرىر بۈلۈمىدىن كۆزگە كۈرۈنگەن تەھرىرلەرنى تەكلىپ قىلدۇق ۋە ئۇلار بىلەن توختام تۈزدۇق.(بۇ يەردە تەكلىپ قىلىنغان تەھرىرلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىدىم، بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ھەتتا تېلېفۇن نومۇرىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ تەھرىرلەر، ئۆز خىزمىتىنىڭ سىرتىدا بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ، شۇڭا خىزمىتىگە، ئابرۇيىغا تەسىر يىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. بۇ شۇلارنىڭ تەلىۋى)
   2- پائالىيەتتە يېغىلغان پۇلنىڭ %40 ى مۇكاپاتقا ئىشلىتىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانى، تىزىملاتقان ئەسەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە  قاراپ بىكىتىلىدۇ.
   3-پائالىيەتتە يېغىلغان پۇلنىڭ  %25ى تاللانغان ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
   4-پائالىيەتتە يېغىلغان پۇلنىڭ  %10 ى يۇقىرىدا  سۆزلەپ ئۆتكەن، ئىككىنجى مىسالدىكىگە ئوخشاش، ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
   5- نەشىر قىلدۇرۇلغان كىتاپ، پەقەت ئەسەر تىزىملاتقانلارغا بىردىن نەشىر قىلدۇرلىدۇ. بۇنىڭغا %25  پۇلنى يىتىدۇ دەپ مۆلچەرلىدۇق. ئەگەر كىتاپنى ئارتۇق نەشىر قىلدۇرۇشقا تۇغرا  كەلسە  مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن ۋە تاللانغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى بىلەن مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق نەشىر قىلدۇرلىدۇ. ئارتۇق نەشىر قىلدۇرۇلغان كىتاپتىن   يارتىلغان  قۇشۇمچە قىممەتمۇ يەنىلا ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
   مەن يەنە ھەرقايسى تور بىكەت قورغۇچىللىرىغا، بولسا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ بىرىنجىدىن: ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىزغا  زور ئىلھام بولىدۇ ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن، تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىككىنجىدىن: پائالىيەتتىن يارتىلغان قۇشۇمچە قىممەت،  ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ دەردىگە دەرمان بولىدۇ.    ھەرقايسى تور بىكەت قۇرغۇچىللىرىنىڭ بۇ تەكلىپنى ئويلۇشۇپ كۆرشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولسا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرساق، كەلگۈسىدە مۇكەممەل بىر ساخاۋەت  ئورنى قۇرۇپ چىقساق.
   
   پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرىشى.
   1-  نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ توردىكى ئىكاسى، تېلېفۇن ئارقىلىق بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىمىز ئەسلىدىكى، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەرگە بېرىپ تىزىملاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تور ۋە ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاشنى يولغا قويدۇق.
   2- ئاپتۇرلار تىزىملاتماقچى بولغان ئەسەرلەرنى،  http://aldos.biz/bbs/forum.php   بۇ  تور بەتتىكى < نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى> دىگەن سەھىپىنىڭ  <ئىلتىماس قىلىش  سەھىپىسى>  گە،  ياكى norbulak@hotmail.com گە ئەۋەتىدۇ.
   3- ئەسەر تىزىملىتىش ھەققىنى تۈۋەندىكى بانكا ھىساۋىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە بانكا ھىساۋات تالۇنىنى ئەسەر بىلەن بىللە يوللايدۇ. تىزىملاش ھەققىنى تاپشۇرغانلىقىڭىز دەلىللەنگەندىن كىيىن، ئەسىرىڭىزنىڭ تىمىسى <تىزىملانغان ئەسەرلەر> سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. ( ئەسكەرتىش: ئەسلى  تىزىملاش ھەققىنى تاپشۇرغانلىقى دەلىللەنگەندىن كىيىن،  ئەسەرنى مەزمۇنى بىلەن يوللاپ كەڭ تورداشلارنىڭمۇ باھالىشىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدۇق.  بىزنىڭ پائالىيىتىز ئاخىرلاشقىچە، باشقىلارنىڭ  تىزىملاتقان ئەسەرلەرنى  كۆچۈرۈپ ۋە مەزمۇنىدىن پايدىلىنىپ،  ئەسەرنى ، <مىنىڭ> قىلىۋېلىشتەك قىلمىشلاردىن، ئەسەرنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز  يېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەپ، پەقەت تىزىملانغان ئەسەرنىڭ تىمىسىنىلا ئىلان قىلىشنى قارار قىلدۇق. شۇنداقلا بۇ نۇرغۇن تورداشلىرىمىزنىڭ تەلىۋى. ئەگەر ئاپتۇر يۇقۇرقىدەك ئەھۋال يۈز بەرسە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەسەرنى ئىلان قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئىلان قىلىپ بىرىمىز.)
   يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسى:  510   8468   9056   4808   6228   
ئىسمنىڭ خەنچە يېزىلىشى: 阿布力海提。阿布拉
   سودا-سانائەت بانكا كارتىسى:   974    6367  0201   0230   6222
ئىسمنىڭ خەنچە يېزىلىشى:艾尼瓦尔。吐来克     
     4-ئەسەر تىزىملاش ۋاقتى:  9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن، 10- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولىدۇ. 11- ئاينىڭ 15- كۈنى نەتىجە ئىلان قىلىنىدۇ. ھەمدە تاللانغان ئەسەرلەر ھەرقايسى توربەتلەردە ئىلان قىلىنىدۇ. نەتىجە ئىلان قىلىنغاندا، كىرىم-چىقىم ھىساۋاتى ئاشكارا ئىلان قىلىنىدۇ.  ئاخىردا ھەرقايسى تور بەت قۇرغۇچىللىرى، توربەت باشلىقلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىزنى قوللىشىنى، بۇ تىمىنى تەستىقلاپ بىرىشىنى ھەمدە تىمىنى ئىلگىرلىتىپ قۇيىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.  

   نۇربۇلاق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەت مەركىزى.  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

83

تېما

37

دوست

4578

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1211 سەر
تىللا
207 دانە
تۆھپە
765 سەر
شۆھرەت
785 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:30:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ئەسەرلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ؟ مۇكاپات سوممىسى قانداق؟ تىزىملاش ھەققى قانچە؟ .......تەپسىلى ماتىريالىنى قەيەردىن كۆرۇمىز؟
جاپاكەش باغۋەنلەرگە ھارماس كۇچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن!!!1
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:04, Processed in 0.166833 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش