كۆرۈش: 5366|ئىنكاس: 48

تۆھپىكار مائارىپچى ئالاھىددىن ئابدۇرېشىتنىڭ تەرجىمىھالى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
06_avatar_middle[1].jpg

ئالاھىددىن ئابدۇرېشىت 1966-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ توپلۇق يېزا كەلپىچۈن كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1975-يىلىدىن 1982-يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە  ئوقۇغان. 1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ كۆمۈركان مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ خەنزۇ تىلى(تەرجىمانلىق) كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر يېڭىسار ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1985-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «بۈگۈن» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 1985-يىلىدىن ھازىرغىچە «تارىم»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان.«غەزەللەر»، «تاغلار ياتار يۈكسىلىپ كۆككە»، «دالا مۇسەللىسى» قاتارلىق 6 پارچە شېئىرى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 02:18  


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-6 10:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداش ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت يالغۇز ئەبىيات ساھەسىدىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالماي ، بەلكى ، تەبىئى ۋە ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ ھەممە تۈرىدە دىگۈدەك يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدار ھازىرلىغان ساناقلىق تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ، توختىماستىن ئىزدىنىدىغان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش روھى ھەر بىر مائارىپچىنىڭ ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2012-9-6 10:54:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالانت-تىرىشچانلىقتىن كىلىدۇ. ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرۇشىتنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ بايقاش تورىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقى بايقاش تورىمىزنىڭ پەخرى، بۇ بايقاش تورىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ تىخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرىشىتنىڭ بۇندىن كىينكى ئىجادىيتىگە مۇۋەپپىقىيەت يار بولغاي.
ۋاقتى: 2012-9-6 11:04:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇئۈمۈد0998 ئەپەندىمەە ئوخشاشلا ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرۇشىتنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا  ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ بايقاش تورىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقى بايقاش تورىمىزنىڭ پەخرى، بۇ بايقاش تورىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ تىخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرىشىتنىڭ بۇندىن كىينكى ئىجادىيتىگە مۇۋەپپىقىيەت تىللەش بىلەن بىللە مەنمۇ تىرىشىپ ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرۇشىتتىن ئۈگىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن .
رەھمەت زەپەر ئەپەندىم بىزگە  ئۇستاز ئالاھىدىن ئابدۇرۇشىتتەك تىرىشچان باغۋەنلەرنى تۇنۇشتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!!!
ۋاقتى: 2012-9-6 12:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ج

ئالاھىدىن ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خۇشاللىق، تۇرمۇشىغا ئاسايىشلىق، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن! شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاھىدىن ئەپەندىنى بايقاش مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىك ئورنىغا كۆتۈرۈش تەكلىۋىنى بېرىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 17:20  

باھا سۆز

مۇتلەق قوللايمەن!  ۋاقتى: 2012-9-12 08:59
ۋاقتى: 2012-9-6 12:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىمىزنىڭ يېشى، خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىمىز تەڭكەن، بىراق سىز 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئەسەرلىرىڭىزنى خەلقىمىزگە سۇنۇپسىز، مەنچۇ بىر پارچە شېئىرمۇ يازالماپتىمەن، ئەپسۇس....... تىرىشىڭ ئالاھىدىن ئەپەندى.
ۋاقتى: 2012-9-6 14:27:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئالاھىدىننى باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا كۆتۈرۈشكە مەنمۇ قوشۇلىمەن . بۇ پىكىرنى مۇنبەر باشلىقلىرى بىر ئويلىنىپ باقسا
ۋاقتى: 2012-9-6 15:19:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2012-9-6 12:23
ئالاھىدىن ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خ ...

مەنمۇ ئامان ئەپەندىمنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.
ۋاقتى: 2012-9-10 12:33:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئپەندىمنى ھەقىقەتەنمۇ ‹‹ تۆھپىكار باغۋەن ۋە ئۆلگىلىك ئۇستاز ››دەپ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۇ جەمىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېتقاندا ئۆزىگە خاس شىئېرى ئۇسلۇبى بىلەن تونۇلغان ئىقتىدارلىق شائىر.
مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆلگىلىك ئوقۇتقۇچى ۋە تەقىقاتچى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەلەپچان بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىتى بىلەن كەلگەۈسى ئەۋلاتلارنى  ياخشى تەربىيلەش بۇرۇچىنى يۇكسەك دەرجىدە ئادا قىلىپ قالماستىن، مائارىپ  خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى  تەربىيلەش ئۈچۈنمۇ زور كۈچ چىقاردى.
ئوقۇتۇش تەتقىقاتى جەھەتتە: ‹‹يېڭى دەرس ئىسلاھاتى››ۋە ‹‹ئوقۇتۇش تەتقىقات›› تىمىللىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ،ئىلغار بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە تەجىربىللىرنى كېڭەيتىش ئۈچۇن ئۆز قابىلىيتىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇردى.
مەن ئۇنڭ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى،خەلقىمىزگە، مائارىپ تەرەققىياتىمىزغا يەنىمۇ كۆپ سەرخىل مىۋىلەرنى تەقدىم ئېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...


ئامان ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرغا قويغان پىكىرىگە قوشۇلىمەن ۋە قوللايمەن
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىمىز،ئەمىلى ئىقتىدارىمىز بىلەن بايقاشنى گۈللەندۈرۈپ،ۋەتىنىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى  ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى..
ۋاقتى: 2012-9-10 14:19:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنساننىڭ بۇ ئالەمدە ئالىدىغان نەپەسلىرى ئوخشاشسىمۇ ئەمما شۇ ئازغىنا پۇرسەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ، مىللەت ئۈچۈن مەنىۋى ئوزۇق يارىتالىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس .ئالاھىددىن مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش