مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

456

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
111 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
71 سەر
شۆھرەت
91 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 20:41:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يازمام،كۆچۈرۈلمە ئەمەس! قالايمىقان باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ !


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يەنە دېسەك، يەنە شۇ گەپ. ئۆزىمىزنىڭ بىباھا ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلەيلى. تىنىش بەلگىلىرى جايىدا قويۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ئوقۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، يازمىنىڭ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ، شۇنداقلا شۇ يازما ئىگىسىنىڭ سەۋىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ.
    تۆۋەندە يازمىلىرىمىزدىكى ئوي-پىكىرنى، ئوي-پىكىرلىرىمىزنىڭ بۆلەكلەرگە ئايرىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە توختىشىنى، ئۇرغۇ، ئىنتۇناتسىيەنى ئىپادىلەش، سۆزلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە رولىنى بىلدۈرۈشتە ھەر خىل مەنە مۇناسىۋىتىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بەلگە — تىنىش بەلگىلەرنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنى يوللاپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا تىنىش بەلگىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا قوللىنىدىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىچە:


1. چېكىت ( . )


    (1) خەۋەر جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۈگۈن ئەلكۈيى مۇنبىرى ئېچىلىپتۇ.
    (2) يېنىك ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئىملانى توغرىلىغايسىز.
    (3) قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملارنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئا.ئۆتكۈر
    م.ھوشۇر
    (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر تۈزۈملىرى:
    1. ساغلام تېما يوللاش؛
    2. ئۆلچەملىك ئىملادا يېزىش؛
    3. مەنبەسى ئېنىق بولۇش؛
    ..........
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بويىچە مۇنبەر مەسئۇلى، نازارەتچى، باشقۇرغۇچى، سەھىپە باشقۇرغۇچى دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ.
    مۇنبەر مەسئۇلى. مۇنبەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ....
    نازارەتچى. مۇنبەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ...
    باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى بارلىق تېما ۋە سەھىپىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....
    سەھىپە باشقۇرغۇچى. مۇنبەردىكى مەلۇم بىر سەھىپىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ....

    ئەسكەرتىش: تېما ماۋزۇسىنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇلمايدۇ.  


2. سوئال بەلگىسى(؟)

    (1) سوئال جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سىز مۇنبەرگە قانداق تېما يوللاپ باقتىڭىز؟
    ئادەتتە ئىنكاسنى پۇچەك يازامسىز ياكى خېلى جېنى بار يازامسىز؟

    بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ① بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئومۇمىي ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىسە، سوئال بەلگىسى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دېمەكچى بولغىنىمنى تېمامدىن ئۇققانسىز، ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز، كۆڭلىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىز باردۇ؟
   ② بىردىن ئارتۇق سوئال جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان قوشما جۈملىلەردە، ئەگەر بۇ سوئال جۈملىلەرنىڭ ھەربىرى مەزمۇن جەھەتتىن مۇستەقىل بولسا ياكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئېيتىلسا، مۇنداق جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    بۇ نېمە قىلىق ئەمدى؟ مۇشۇنداق ئاممىۋىي سورۇندىمۇ ئادەم تىللاپ ئىنكاس يازامسىز؟ تېما ئىگىسى كۆرۈپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
    (2) قايتۇرما سوراق جۈملىلەردىن كېيىن سوئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئەجەبا بۇنداق يازغىنىم خاتامۇ؟
    بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟


3. ئۈندەش بەلگىسى(!)

    (1) ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پاھ، پاھ، بۇ بېزەكلەر ئەجەب چىرايلىقكەن!
    (2) كۆتۈرەڭگۈ ياكى قاتتىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    قولۇڭنى تارت!
    (3) شوئارنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مۇنبىرىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن!
    (4) ھۆكۈم ياكى كېسىم مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان، ئىنتۇناتسىيىسى كۈچلۈك بولغان بەزى جۈملىلەردىن كېيىنمۇ ئۇندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    مېنى قانداقمۇ سىزگە سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!
    (5) ھەم ئۈندەش، ھەم سوئال مەنىسىنى ئاڭلاتقان جۈملىلەردىن كېيىن، ئۈندەش بەلگىسى بىلەن سوئال بەلگىسى تەڭ قويۇلىدۇ. ئەگەر ئۈندەش مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال ئۈندەش، ئاندىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    « نېمە داستان، نېمە ئىجات، تەپەككۇر،
    نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۇر!؟»
    (ئا.ئۆتكۈر)
    ئەگەر سوئال مەنىسى كۈچلۈكرەك بولسا، ئاۋۋال سوئال، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ؛ مەسىلەن:
    «ياپراقسىز دەرەخ بولمىغاندەكلا،
    دەرەخسىز ياپراق تۇغۇلار نەدىن؟!»
    (ئا. خۇجا)

4. پەش( ، )


     (1) جۈملىلەردىكى تەڭداش بۆلەكلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۈگۈن شېئىر، رەسىم، تىل ئۆگىنىش، جاھاندىكى ئىشلار سەھىپىلىرىگە ئۆزگىچە تېمىلار يوللاندى.
     (2) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىلىقىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ئۇ بىر توردىشىنى ئىزدەپ، مۇنبەرگە تىزىملىتىپتۇ.
     (3) جۈملە تەركىبىدىكى قاراتما سۆزدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     كۈنقىز، بۈگۈن مۇنبەرگە كىرىپسىز-دە؟  
     «خوش ئاتا، مېھرىبانىم،
     غەمگۇزارىم، ياخشى قال.»
     (نۇزۇگۇم قوشاقلىرىدىن)
     (4) جۈملىدىكى قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     «بەس، دوستۇم، تەبىئەت يولى شۇنداقتۇر،
     ئۇنچىۋالا ئېچىنىپ بۇزما كۆڭلۈڭنى.»
        (ئا.خۇجا)
     (5) تەركىبىدىكى ئاددى جۈملىلەر لېكىن، ئەمما، بىراق، شۇڭا، چۈنكى، ھالبۇكى، ۋاھالەنكى قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان مۇرەككەپ جۈملىلەردە، بۇ باغلىغۇچىلار كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئېيتىلسا، ئۇلارنىڭ كەينىگە پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مەن ئۇنىڭ تېمىسىغا راۋۇرۇس ئىنكاستىن بىرنى يازدىم، لېكىن، يەنىلا جىلى بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
     (6) تەڭداش بۆلەكلەر ۋە مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر «ۋە، ھەم، ياكى، يا، نە، گاھ» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن باغلىنىپ كەلسە، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلمايدۇ. لېكىن، بۇ باغلىغۇچىلار تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ياكى قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا تەكرارلىنىپ كەلسە، ئۇ ھالدا بۇ باغلىغۇچىلارنىڭ ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار خىزمەتتە ھەم يۈرەكلىك بولۇشى، ھەم تەدبىرلىك بولۇشى لازىم.
     مەن تېمامنى يا ئەتە، يا ئۆگۈن يوللاي.
     (7) ئادەتتە ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ، لېكىن پەش قويۇلمىسا ئۇقۇم مۈجمەللىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     بۇ، ئادەم بالىسى ئەمەس.
    بۇ جۇملىدە ئەگەر «بۇ» دېگەن ئىگىدىن كېيىن پەش قويۇلمىسا، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس»دېگەن جۈملىگە ئايلىنىپ قېلىپ، «بۇ ئادەم بالىسى ئەمەس، باشقا نەرسىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.
     (8) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسۇناژ سۆزىدىن كېيىن، سىزىقتىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
« _ ئەركىن، _ قىز جىددىي ھالدا ئەركىنگە تىكىلدى، _ مېنىڭ ئۆز ۋاقتىدا سىزگە نېمىشكە قىزىقمىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ سىز بەك ياسىما. نېمىشكە ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئالىجاناپ كۆرسىتىسىز؟ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ياسىما مىجەزلىرىڭىزگە ئۆچ!»
     (بەرگىيە «ئېھ، ناتونۇش يوللار»دىن)


5. چېكىتلىك پەش ( ؛ )


     (1) مەزمۇن جەھەتتىن ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر–بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئوي–پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان، ئاددىي جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان، تۈزۈلۈشى مۇرەككەپرەك بولغان قوشما جۈملىلەردە چېكىتلىك پەش قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن:
بېغىررەڭ، ھال ئەتىرگۈللەر خۇش-پۇراق چاچماقتا؛ ئېرىقتىكى سۈزۈك شۇلار شىلدىرلاپ ئۈن چىقارماقتا؛ ئەتىيازنىڭ شامىلى يۈزلىرىمىزنى سىلاپ ئۆتمەكتە.
    (2) چوڭ تەڭداش بۆلەكلەر بىلەن كىچىك تەڭداش بۆلەكلەر ئارىلاش كەلگەن جۈملىلەردە، كىچىك تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا پەش، چوڭ تەڭداش بۆلەكلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    شىنجاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، قاشتېشى قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ؛ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال قاتارلىقلار كۆپ چىقىدۇ.
     چېكىتلىك پەشنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ئومۇمەن چېكىتتىن كىچىك، پەشتىن چوڭ بولىدۇ.


6. قوش چېكىت( : )


    (1) ئاپتور سۆزى بىلەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە پېرسۇناژ سۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىغا قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     مۇنبەر مەسئۇلى: « باشقۇرغۇچىلار ئۆز تەرجىمھالىڭلارنى يوللاپ بەرگەيسىلەر»،_ دېدى.
    (2) ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    پېرسۇناژلار ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئىجابىي پېرسۇناژ، يەنە بىرى سەلبىي پېرسۇناژ.
    (3) قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ھۆرمەتلىك تورداشلار:
    ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟ كۈنلىرىڭلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
    (4) ئەسكەرتمىلىك سۆزلەردە قوش چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
     ......
     ئالاقىلاشقۇچى: ئەركىن
     تېلىفون نومۇرى: 0991....


7. قوش تىرناق («»)


     (1) جۈملە ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە ۋە كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ناملىرى ۋە ماقالە–ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇلىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
     مېنىڭ « مەن قانداق قىلاي؟» ناملىق ئەسىرىم تورنىڭ تاقىلىشى بىلەن غايىپ بولدى.
     خەنجەر ماڭا: «مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بوپقالدىم» دېدى.
     (2) بەزى تەنە سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     ئەتىگەن ئۇچۇر يازسام ئەمدى جاۋاب يېزىپسىز، بەك «چاققان» جۇمۇ سىز!
     (3) باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن نۇقتىلىق سۆزلەر ياكى ئالاھىدە مەنىگە ئىگە سۆزلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
      سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىز «تار مەنىدىكى گرامماتىكا»، مېنىڭ ئېيتقىنىم «كەڭ مەنىدىكى گرامماتىكا».


8. يالاڭ تىرناق ( )

     قوش تىرناق ئىچىگە يەنە تىرناق كېلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، يالاڭ تىرناق ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن:
     سەركەردە ماڭا: «مەن ئاپئاق ئاينىڭ (مەن ۋە سەن) دېگەن تېمىسىنىڭ ئاخىرىنى ساقلاپ ھېرىپ قالدىم» دېدى.

9. تىرناق ( () )

    (1) جۈملىدە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك سۆز–جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت (ئۈرۈمچى ۋاقتى) 7يېرىمدا، پاي بازىرى ئېچىلىدۇ.
    (2) كۆچۈرگەن ياكى نەقىل ئالغان جۈملىلەرنىڭ ئاپتورى ياكى ئەسەر نامى تىرناق ئىچىگە يېزىپ كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن:
    «موڭغۇللار دەسلەپكى دەۋرلەردە مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان، يېزىقنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن» (ش.سامى «قامۇسۇل ئەئىلەم» 1876–بەت).
    (3) دراما ئەسەرلىرىدە پېرسوناژلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ھەركىتىنى كۆرسىتىدىغان جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    زورىخان: (ئاڭلىماسلىققا سېلىپ) نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنا (نۇرۇم باغقاچىقىدۇ).
     (4) ئوي-پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلار تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن:
     تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە قويۇلغان يۇقىرىقى «(1)... (2)... (3)... (4)...» دىكى تىرناقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

10. سىزىقچە ( - )

    (1) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    كېچە-كۈندۈز، ئېگىز-پەس، ئويمان-چوڭقۇر، دەلىل-ئىسپات قاتارلىقلار.
    (2) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    1-سىنىپ،  6-ئاي.
    (3) سۆزلەردە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرۈشتە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارچە ئىل-
مىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم.»
    (4) ئۆز ئارا يېقىن بولغان ئىككى ساننىڭ يانداش كېلىشىدىن تۈزۈلگەن مۆلچەر سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    چوڭ ئۆيدە بەش-ئالتە كۈن تۇرۇپ قالدىم.
    (5) ئىككى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن تەقلىدىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوڭ تەرەپتىن پاڭ-پۇڭ قىلغان ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى.
    (6) تەكرار سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ.

11. سىزىق ( _ )

     (1) ئىگىمۇ، خەۋەرمۇ باش كېلىشتە كەلگەن ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولسا، ئىگىدىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «كۆپىنچە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى _ ئىسىم»
    (2) تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن ئۇمۇملاشتۇرغۇچى سۆز كەلسە، تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    ئوغلۇمنىڭ سىنىپى _ چوڭ يىللىق 2-سىنىپ ئىلغار سىنىپ بولۇپ باھالاندى.
    (3) دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ گېپى باش قۇردىن يېزىلغاندا سىزىق قويۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
    _ ياق، ئەتىدىن باشلاپ ساڭا تېلىفون قىلمايمەن، سەن بىلەن سۆزلەشمەيمەن.
    _ نېمىشقا؟
    _ يەنە نېمىشقا دەيسەنغۇ؟مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتتىم.
     («مۇز تۇتقان دەرىزە»)
    (4) ئاپتور سۆزىدىن كېيىن ياكى پېرسوناژ سۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەشنىڭ كەينىگە سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بېشىم بەك ئاغرىپ كەتتى،_ دېدى ئۇ باشلىرىنى سىلاشتۇرۇپ.
    (5) بەزىدە چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئاتالغۇدىن كېيىنمۇ سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «چېكىت_ جۈملىنىڭ مەنە ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ئاخىرى تىنىش بەلگىلىرىدىن بىرى.»

12. كۆپ چېكىت (....)

    (1) ئوي-پىكىرنىڭ تولۇق ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    «ئۆزۈم بىلىمەنكى، مەن يازمىساممۇ، كەلگۈسىدە ئۇ قەھرىمانلارنى ئەسلەپ يازىدىغانلار چىقىدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ....»
    (2) سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىكى قورقۇش، جىددىيلىشىش، دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۈزۈلۈشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    _ بايا كوچىدا تۇرۇپ نېمە ئىش قىلدىڭ؟
    _ مەن....
    (3)
    دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالغان جايلارغا كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
    دۈشمەن ئەسكەرلىرى بالىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى:
    _ ئېتىڭ نېمە؟
    _ .....
    _ بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدىڭ؟
    _ .....


پايدىلانغان ماتېرىيال: «ئومۇمىي يېزىقچىلىق» ناملىق كىتاب

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 3 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

8

تېما

0

دوست

456

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
111 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
71 سەر
شۆھرەت
91 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 20:42:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يازمامغا مۇكاپات بارمۇ دوستلىرىم

448

تېما

75

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6168 سەر
تىللا
12319 دانە
تۆھپە
9303 سەر
شۆھرەت
4520 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 01:38:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز، ئۇيغۇر يېزىقىمىزدىكى تىنىش بەلگىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلەرنىڭ سۆز-جۈملىلەردىكى ئورنى ۋە رولىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم، تىنىش بەلگىلەر ئوي-پىكىرنى ئېنىق، توغرا، چۈشۈنىشلىك ئىپادىلەشتە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مەسىلەن:
1)ياخشى ئادەم بول، داداڭدەك ئىشەك بولما.
2)ياخشى ئادەم بول داداڭدەك، ئىشەك بولما.

يۇقارقى ئىككى جۈملىنىڭ تاۋۇش، سۆز تۈزۈلىشى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىككى خىل ئوي-پىكىرنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئىككى جۈملىنىڭ مەزمۇنىدىكى غايەت زور پەرق ‹‹ ، ›› (پەش) تىن ئىبارەت بىر تىنىش بەلگىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشىدىن كېلىپ چىققان.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6964 سەر
تىللا
1444 دانە
تۆھپە
7477 سەر
شۆھرەت
5485 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 10:32:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش تېمىلار يوللىنىۋەردىغۇ ئەمدى ؟؟؟
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

8

تېما

0

دوست

456

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
111 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
71 سەر
شۆھرەت
91 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 14:11:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ئىككىمىزنىڭ يوللىغىنى ئوخشىمايدۇ

45

تېما

17

دوست

6621

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1900 سەر
تىللا
367 دانە
تۆھپە
1031 سەر
شۆھرەت
936 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 15:56:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ بىر تېپىشماق يادىمغا كەلدى:
بىر ئادەم بىر كىتاپنى ئۇقۇپتۇ..ئۇقۇپتۇ ،ئۇقۇپ بۇلا بولمايلا يېرىمىغا كەلگەندە تېنىقى توختاپ قاپتۇ....
دىمەك تېنىش بەلگىلىرىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-2 15:56  

ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

47

تېما

19

دوست

4909

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1136 سەر
تىللا
270 دانە
تۆھپە
1138 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 04:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرىيالكەن .رەھمەت سىزگە، چۈشۈرىۋالاي
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 04:11, Processed in 0.451913 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش