كۆرۈش: 2382|ئىنكاس: 28

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن بايراق ئاستىدىكى تەربىيەلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن بايراق ئاستىدىكى تەربىيەلەر(30پارچە)


مەكتەپ خاراكتىرلىك ئەخلاق تەربىيە دوكلاتى بىرىش- مەكتەپ ئەخلاق تەربىيسىدىكى مۇھىم ۋاستىنىڭ بىرى.
ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ئادەم قۇلاقتىن، ھايۋان تۇياقتىن سەمرىيدۇ.» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار. بۇ دېگەنلىك، ئادەم كۆپلەپ تەلىم- تەربىيە ئاڭلاپ، ياخشى نەسىھەت، ئۈگۈتلەرنى ئاڭلاپ تۇرسا، روھى دۇنياسى بېيىيدۇ، ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىنىدۇ، ۋۇجۇدى پۈچەكلىشىپ كەتمەي، راۋرۇس ئادەم بولالايدۇ دېگەنلىكتۇر.دەرھەقىقەت ،  ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇغۇلۇشتىنلا ئادىمىيلىك پەزىلىتىنىڭ بىر تال ئۇرۇقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ بىر تال ئۇرۇق ئاتا- ئانا، ئوقۇتقۇچى- ئۇستاز  ۋە جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە كىشى ۋۇجۇدىدا ياكى  ئاستا- ئاستا بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىدۇ، ۋە ياكى ئاستا- ئاستا قۇرۇپ كىتىپ، كىشى قەلبى يامانلىق ۋە رەزىللىكنىڭ چاۋا- چاتقال، ياۋا ئوتلىرى بىلەن توشۇپ كىتىدۇ.  بىز ئوقۇتقۇچىلارنى كىشلەر «باغۋەن » دەپ تەرىپلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. بىز ھەر ۋاقىت ئوقوغۇچىلار قەلبىدە  گۈزەللىكنىڭ، سەمىمىيلىكنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ ، ئىنسانى مىھرى- مۇھەببەتنىڭ گۈللىرىنى ئىچىلدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ياۋا ئوت- چۆپ، تىكەنلەرنى يۇلۇپ تۇرىمىز.  بەزى ئوقۇتقۇچىلار سەبىيلەرگە بىر نەچچە قېتىم تەربىيە بىرىپلا «ئۇلار تەربىيە ئاڭلىمىدى. ھەي، بولدىلا» دەپ ئۇھ تارتىپ، بەل قويىۋىتىدۇ. بىز تەربىيلىگۇچى، ئۇلارغا توختىماي تەربىيە بىرەيلى. ئەشۇ سەبى، گۈدەكلەر تەربىيسىز قالمىسۇن، ئۇلار بۈگۈن چۈشەنمىسە، ئەتە چۈشىنەر، بۈگۈن ئاڭلىمىسا، ئەتە ئاڭلار. تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بۈگۈن كۆرۈلمىسە، ئەتە چوقۇم كۆرۈلىدۇ. بىز ئۇستازلار ئوقوغۇچىلاردىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈۋەتسەك، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلىدۇ.
مەن مەكتىۋىمىزدە  بىر نەچچە يىللىق ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدا ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ۋاقتىدا  بايراق ئاستىدا سۆز قىلىش پۇرسىتى ۋە مۇھىم بايرام، خاتىرە كۈنلەردەئوقوغۇچىلارغا مەخسۇس تېمىدا دوكلات بىرىش ۋاقتىدىن  پايدىلىنىپ،  ئوقوغۇچىلارغا  ئىلىپ بارغان سىياسى- ئىددىيۋى، ئەخلاق تەربىيە دوكلاتلىرىنى توپلاپ، كەڭ كەسىپداشلارنىڭ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.  سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى  تۈپەيلىدىن بەلكىم يازمىلىرىمنىڭ مەزمۇنىدا  سەۋەنلىكلەر ، ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلگەن بولۇشى مومكىن. كەڭ كەسىپداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ پايدىلىنىشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمەن. مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى ئۈستىدە  پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى  قارشى ئالىمەن.  ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ئەشۇ سۆيۈملۈك بالىلارنى  قائىدە- يۇسۇنلۇق، ئەدەب- ئەخلاقلىق قىلىپ  تەربىيلەپ چىقىش- ھەممىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
بۇ ھۆججەتتە 30 پارچە ئەخلاق تەربىيە دوكلاتى بار.

تېما سېتىۋېلىشھازىرغىچە 44 ئادەم سېتىۋالدى  بۇ تېمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 5 دانەتىللا تۆلىشىڭىز كېرەك

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-16 23:36:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەكمۇ لازىم ئىدى،سېتىۋالاي جۇمۇ.
ۋاقتى: 2012-8-17 00:34:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپلەردە تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتىرىياللاردىن يوللاپسىز بۇرادەر، كەسىپداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىپسىز، رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-8-17 01:53:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، مەزمۇنغا قارىغاندا ئەرزان تىما ئىكەن .
ۋاقتى: 2012-8-17 06:27:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز !پايىلىنىش قىممىتىمۇشۇنداق يۇقرى ئېكەن يارايسىز بۇرادەر!
ۋاقتى: 2012-8-19 00:11:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھانى مەزمۇنىغا قارىتا بىرەمسىلەر ياكى تېمىسىغا قارىتامۇ؟مەنغۇ مەزمۇنىنى كۆرەيمۇ دەپ كۆرەلمىدىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-20 08:50:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى ھەقسىز قىلىۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2013-4-23 23:21:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىنى ئالدى بىلەن كۈرۈپ  باقايچۇ.
ۋاقتى: 2013-4-27 16:19:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىريال ئىكەن .بەك كىرەك بۇلاتتى
ۋاقتى: 2013-5-1 00:02:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلۇم يىتىشمىدى!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش