كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش سېستىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى - جەۋھىرى ،ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش سېستىمىسى


ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى - پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر ، ئەمگكچان-ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋېيىتى ، ئىستەك خاھىشلىرى ، تارىخي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت - نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا ، بەدىئىي ، ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ - خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا << شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە>> دەپ تەرىپلەنمەكتە.

ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئارقا كۆرىنىشىمۇ كەڭ ۋە چۇڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىرقانچە زاماندا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستكارلىرى ، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەرىپىدىن ئىجادقىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر. ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن ، تۇلۇقلانغان ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام 360 ئاھاڭ ، 4492 مىسرادىن تەركىپ تاپقان ھەمدە ئۇيەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قۇشاق - بېيتلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

مانا بۇ سېستىمىدائۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالايسىز، دىتالنىڭ تۈزۈلىشى ئۆزگىچە، ئۇسلۇبى كۆركەم ،قاچىلاش ھاجەتسىز يېشىل دىتال بۇلۇپ ،  دېھقان ئوغلى دىن بارلىق كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرىغا سوۋغات .دىتالنىڭ سىغىمى 114 م ب . دىتالغا كىرگۈزىلگەن مۇقام mp3 ھۆججىتى توردىن يىغىلغان.
دىتالغا ئىشلىتىلگەن ماتېرياللار زۇلقار ئېلېكترونلۇق مەتبەئە مەركىزى باشقۇرۇشىدىكى <<ئۇيغۇر مۇقام تورى>> باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ رەتلەنگەن. ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ تېكىستىنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرستتېتى تېل-ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ << ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىستلىرى>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:  http://www.vdisk.cn/down/index/8695904
قىياس دۇنياسىدىن سۈزۈك ئاۋازلىق مۇقاملارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز: http://www.kiyas.biz/12mukam/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dihanogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 12:48  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +10تىللا +10تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
تايلاق + 5 + 5 + 5 + 5ماڭا ئەرزىدى.
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-12 13:00:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق چۈشۈرىۋاتىمەن. كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن باھالاي
ۋاقتى: 2012-8-12 15:23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇيغۇر 12- مۇقامنىڭ پالاستىنكىسىنى ساقلاپ قويغان ئىدىم .مەندە ( سىدىي ھە ۋىسىدىي ) تۇلۇق بار رەىمەت سىزگە
ۋاقتى: 2012-8-12 18:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنىۋاتىسىز !كۆپ رەھمەت سىزگە !مەندە پېلاستىنكىسى بار ئىدى شۇنداقتىمۇ بۇنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قۇيىمەن !
ۋاقتى: 2014-11-20 18:16:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈش تور بېتى ئېچىلمايۋاتىدىغۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش