ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىپلومىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار 1. ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىكى شەرتلەر: ⑴ تەشكىلنىڭ سىياسى ئىدىيە جەھەتتىكى باھالىشىدا تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ⑵ ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئۆگەنگەن كەسپنىڭ ئىمتىھان ئېلىش پىلانىدا بەلگىلەنگەن بارلىق دەرسلىرىدىن ئىمتىھان بېرىپ بولغان بولۇشى ھەمدە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان بولۇشى كېرەك. ⑶ كەسپتە بەلگىلەنگەن ئەمەلىيەتتىن سىناق ئېلىش دەرسلىرىدىن ئېلىنغان ئىمتىھانلارنى بېرىپ بولغان بولۇشى ھەمدە ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك(ئەمەلىيەتتىن سىناق ئېلىش - تەجرىبە، كومپيۇتېردا ئەمەلىيەتتىن سىناق بېرىش، پىراكتىكا، دىسىرتاتسىيە ياقلاش ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھىسى تۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ⑷ ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، چوقۇم ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى ۋە بارلىق دەرسلەردىن لاياقەتلىك بولغان گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ھەم كىملىك گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرىشى كېرەك. ⑸ تولۇق كۇرس دىپلومىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم خەلق مائارىپ تۈرىدىكى مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرس دىپلومىغا ئېرىشكەنلەر بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار يوقۇرىقى شەرتلەرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدىغان ياكى پۈتتۈرەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ،ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولسا يەرلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 2. ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: ⑴ ھەر يىلى 6-ئاي ۋە 12-ئاي ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان ۋاقىت. ⑵ ئوقۇغۇچىلار يەرلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى بەلگىلىگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بىلەن ئورنىنى ئېنىق بىلىشى ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئېلىشى كېرەك. ⑶ ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر كارتا»سى ۋە «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى»نى ئەستايىدىل تولدۇرۇشى(بويىشى)،بولۇپمۇ ئىسىم-فامىلىسى،كېنىشكا نومۇرى،كىملىك نومۇرى،ئوقۇغان كەسپنىڭ تولۇق نامى،ئوقۇش پۈتتۈرۈش قاتلىمى(مەخسۇس كۇرس ياكى تولۇق كۇرس) قاتارلىق مەزمۇنلارنى توغرا،خاتاسىز تولدۇرۇشى(بويىشى) كېرەك.بۇ ئۇچۇرلار مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا تارقىتىلىدىغان دىپلومنى تىزىمغا ئېلىش سېستىمىسى ئارقىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىغا بېسىپ چىقىرىلىدۇ،ئەگەر يوقۇرقى ئۇچۇرلاردا خاتالىق كۆرۈلسە ئاقىۋېتىگە ئوقۇغۇچى ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى كىملىكتىكى ئىسىم-فامىلە بىلەن چوقۇم بىردەك بولۇشى شەرت. ⑷ «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى» دىكى "ئىدارىنىڭ سىياسى ئىدىيە جەھەتتىن باھالىشى" غا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىدارىسىنىڭ پىكرى يېزىلىدۇ ھەمدە ئىدارىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ،يېزا نوپۇستىكى ۋە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلىق ھۆكۈمەت،مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرى ياكى جەمئىيەتتىكى ئوقۇشقا ياردەم بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ پىكرى يېزىلىدۇ ھەمدە تامغىسى بېسىلىدۇ. ⑸ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر كارتا»سى ۋە «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى»دىكى ئىسىم-فامىلە، كىملىك نومۇرى، دەرسلەردىن لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىدىكى ئىسىم-فامىلە ۋە كىملىك نومۇرى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلار، سەۋەبىنى جامائەت-خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا يېزىقچە ئىلتىماس سونۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىشى لازىم. ⑹ «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى» ئۈچ نۇسخا تولدۇرۇلۇپ،بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە شۇ جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرىغا ئۆزى تاپشۇرۇپ بېرىشى،شۇنداقلا ھەر بىر جەدۋەلگە يېقىندا ئۇدۇل قاراپ چۈشكەن ئىككى سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمنى چاپلىشى لازىم. ⑺ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىمتىھان بېرىشنى كەچۈرۈم قېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار مەخسۇس كۇرس(ياكى تولۇق كۇرس) دىپلومىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن مەكتەپتە ئوقۇغان نەتىجىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئىدارىسىدىكى كادىرلار تارماقلىرىنىڭ تامغىسىنى ياكى ئوقۇغان مەكتىۋىدىكى نەتىجە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تامغىسىنى باسقۇزۇپ تاپشۇرۇشى شەرت. ⑻ تولۇق كۇرس دىپلومىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس كۇرس دىپلومىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى شەرت. ⑼ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار 18 خانىلىق كىملىكىنى تاپشۇرىشى كېرەك، ئەگەر كىملىك نومۇرى 18 خانىغا يەتمىسە، دۆلەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى تىزىملاش سىستېمىسى ئاپتوماتىك ھالدا 18 خانىگە كۆتۈرىدۇ، يەنى توغۇلغان يىلىنىڭ ئالدىغا 19 نى، ئەڭ ئاخىرقى خانىسىغا 0 نى تولۇقلايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىگە ئاساسەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئۆزگەرتىلىنمايدۇ ياكى ئالماشتۇرۇلۇپ بېرىلمەيدۇ. ⑽ ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى»نى سىيا ياكى كاربونلۇق قەلەم بىلەن ئۆزى رەتلىك ھەم ئوچۇق يېزىشى كېرەك. ⑾ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسى بىلەن كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان بولسا، ئەسلىدە بېجىرگەن ئورۇنغا بېرىپ تولۇقلىسا بولىدۇ. ⑿ ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل سەۋەپ بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلالمىسا،كېيىنكى قېتىم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاقتى دىپلوم ئىشلەش ۋاقتى بولىدۇ. 3 . ئوقۇغۇچىلار «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر كارتا» سى بىلەن «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى» نى تولدۇرۇش(بوياش)نىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈشىنى «ش ئۇ ئا ر ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن ئىمتىھان قوللانمىسى»نىڭ 4-ۋە5-بۆلۈمىدىن ياكى «شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش» تور بېتىنىڭ «ئىمتىھان تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش»تىن كۆرىۋالسا بولىدۇ. 4 . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى»نى ۋىلايەتلىك (شەھەرلىك) ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئورۇن(ئىدارە)دىن ئېلىش ھەم «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچىلەرنى تەستىقلاپ بېكىتىش جەدۋىلى»نى ئىدارىسىنىڭ كادىرلار باشقارما(بۆلۈمى)گە تاپشۇرىشى لازىم. 5 ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىسپاتلاش: جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر تور بېتى http:www.chsi.com.cn)) ئارقىلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئىسپاتلىسا بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ------------------- مەنبە:http://www.xjzkzx.com/xjzkzx/kjgl/2010/27603.htm بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-5 12:57
|