كۆرۈش: 3397|ئىنكاس: 28

بايقاش «مائارىپ تۆھپىكارلىرى» سەھىپىسى قورۇلدى.

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاش «مائارىپ تۆھپىكارلىرى» سەھىپىسى قورۇلدى.

بايقاش مائارىپ تورىمىز كەڭ مائارىپچىلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن قىسقىغىنا بىر مەزگىل ئىچىدە رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپ تورى بۇلۇپ قالدى.
نۆۋەتتە بايقاش مائارىپ ئۆزىنىڭ سەھىپىلىرىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە كۆپ خىللىقى ، ئىزدىگەن ماتىرىيال ۋە ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنىڭ بىر قەدەر تولۇق ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن تور دۇنياسىدا جۈملىدىن مائارىپ تور بەتلىرى ئارىسىدا نەمۇنىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە .
بىزدە « سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق » دەيدىغان بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆز بار .
ھەممىمىز كىچىك چېغىمىزدىن باشلاپلا نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، ئەتراپلىق تەربىيىسى نەتىجىسىدە ئادەم بولۇش يولىدا كۈنسېرى داۋان ئېشىپ كېتىپ بارىمىز .
ئەلۋەتتە ، پېشقەدەم ئۇستازلارنى سېغىنىش ، ئۇلار ئۈچۈن ئابىدە تىكلەش بىز ياشلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى .
مائارىپىمىزدا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ، قىلچە مىننەتسىز ۋە تاماسىز ھالدا بارلىقىنى ياش-غۇنچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئاتاپ شام روھىنى توختاۋسىز ھالدا جارى قىلدۇرۇۋاتقان پېشقەدەم ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىمىز بار .
بايقاش تورىمىز بۇ يېڭىدىن تەسىس قىلغان تۆھپىكارلار سەھىپىسى ئارقىلىق ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىلارنى كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇش ، ئۇلارنىڭ ئەۋلات تەربىيلەشتىكى ئېسىل خىسلىتىنى تور دۇنياسىدا ئومۇمىي تورداشلارغا نامايان قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ .
شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ كۆزنەككە يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپچى قېرىنداشلىرىمىزنى بايقاش تورىدا تەشۋىق قىلىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بۇنىڭدا ئاساسلىق قىلىپ خىزمەتلەردە ئاكتىپ بولغان ، ئوقۇتۇش جەھەتتە تەجرىبىسى مول ۋە باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ، تەسىرى بار ياش ، ئوتتۇرا ياش ۋە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ .

تۆھپىكار باغۋەنلەرنىڭ ماتىرىيالىنى يوللىغاندا چۇقۇم شۇ كىشىنىڭ روخسىتىنى ئالغان ئاساستا يوللاش كېرەك.  


تۆھپىكارلار سەھىپىسىگە بۇ يەردىن كىرىڭ: /bbs/forum.php?mod=forumdisplay&fid=253

تورداشلارنىڭ ئەتىراپىڭلاردىكى مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى زور ئەمما كۈمۈلۈپ قېلىنۋاتقان مائارىپچىلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى، ئۇلارنى تورىمىزدا تەشۋىق قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن مەنىۋىي جەھەتتە بولسىمۇ ياردەم قىلساق دىگەن ئۈمۈدتمىز.

بايقاش مائارىپ تورى ئىشخانىسى
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
TARAM + 2 + 2 + 2 + 2قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-2 19:33:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھىپىنىڭ قۇرۇلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ . مائارىپ تور بېتىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

باھا سۆز

بايقاشنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.  ۋاقتى: 2013-10-5 19:52
ۋاقتى: 2012-8-2 20:03:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.  

ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرشايلى.
ۋاقتى: 2012-8-2 20:15:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھىپە قۇرۇلۇپ، ناھايىتى ئوبدان بولدى. رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇلار ياشلىق باھارىنى، يۈرەك قېنىنى، بارلىقىنى مىننەتسىز تەقدىم قىلدى ۋە تەقدىم قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈشلەر ئۇلارنىڭ ئەنە ئاشۇنداق جاپالىق ئەمگىگى ۋە مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇلارنىڭ مىللى مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
بىز بايقاش مائارىپ مۇنبىرىدىكى ‹‹تۆھپىكارلار سەھىپىسى›› ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللى مائارىپ سېپىدىكى ھايات تۆھپىكارلاردىن ھال سورايمىز، ئەمگىگىگە رەخمەت ئېتىمىز، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ روھىغا ئەمىنلىك تىلەيمىز.
ئۇيغۇر مىللى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان تۆھپىكار باغۋەنلەر، جاپا چەكتىڭلار، خەلق سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-3 00:26  

باھا سۆز

بايقاشنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.  ۋاقتى: 2013-10-5 19:52
ۋاقتى: 2012-8-2 20:38:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھىپىنىڭ قۇرۇلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ . مائارىپ تور بېتىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . مۇنبەرداشلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشايلى!
ۋاقتى: 2012-8-2 23:32:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا مۇنبەرگە كۈچ چىقارغان دوستلارنىڭ تەرجىمالىنىمۇ يوللىساق بۇلامدىكىن دەيمەن !
ۋاقتى: 2012-8-3 06:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ ،ھەممەيلەن تىرىشايلى.

باھا سۆز

بايقاشنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.  ۋاقتى: 2013-10-5 19:53
ۋاقتى: 2012-8-3 09:11:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش ،بۇ يەردە بۇ تۇغرىسىدا پىكرىمنى دىگەنىدىم :
&/bbs/forum. ... 59#lastpostlastpost
ۋاقتى: 2012-8-3 11:05:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى بوپتۇ .مەن كۈچۈمنىڭ يىتىشچە تىرشىمەن.
ۋاقتى: 2012-8-3 13:05:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا مۇنبەرگە كۈچ چىقارغان دوستلارنىڭ

ئەلۋتتە مۇنبىرىمىزدە مائارىپ ماتىرىياللىرى توپلاش جەھەتتە زور تۆھپە قۇشقۇچىلارنىمۇ بۇ سەھىپىگە كىرگۈزسەك بۇلىدۇ.

باھا سۆز

ئاتامان پىكرىڭىزگە قۇشۇلىمەن ،ئۈن تۈنسىز جاپا تارتقانلارمۇ قالمىسۇن تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-4-19 09:31
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش