| قاراقاش سۆيگۈسى
(نەسىرى ئەسەر )
( نۇرمۇھەممەت جۈمە)
زەپەر
ئىھ ،سۈيۈملۈك ئانا يۇرتۇم قاراقاش . سەن مىنىڭ باغرىم ،ھاياتىمنىڭ ئەڭ تۇنجى باشلىنىش بىكىتىسەن، سىنىڭ ئىللىق ماكانىڭ ،قۇچاقلىرىڭ ئىنتايىن تۇلىمۇ بەركەتلىك. پىشىپ تۇيۇنغان مۇنبەت تۇپىرىقىڭ ،ھەر بىر تال گۈل گىياھىڭ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىك . ئىھ ،ئانا يۇرتۇم سەن ئاشۇ ئۈزىنىڭنىڭ تارىخ بەتلىرىدىكى ئالەمشىمۇل مۇۋاپىقىيەتلىرىڭ بىلەن تۇلۇق تەرىپلىنىشكە داۋاملىق ھەقلىقسەن . سىنىڭ ئۆز دىيارىڭدا دۆلەت –ئىچى -سىرتىغا ۋە پۈتۈن ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىگە تۇلۇق تۇنۇشلۇق بولغان، ئاقساراي يېزىسىدىكى << 500 يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە چىنار پادىشاھى ساياھەت>> رايۇنى ھەم سايۋاغ يېزىسىدىكى << ئۇلۇغ ئاتا سۇ ئىنشات قۇرلۇش >> ئارامگاھى،بۇلۇپمۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تۇنۇشلۇق بۇلۇپ شىنجاڭنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۇلۇق رول ئويناۋاتقان ، دۆلەت ئىچىدە تۇلۇق تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان كاۋاك يېزىسىنىڭ مازارتاغ نىفىت بازىسى ساياھەت ئارمگاھى >> رايۇنى .ئۇندىن باشقا ناھىمىزنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇلۇپ دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا كەڭ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان << ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ، ئۇيغۇر چايچىلىقى ، مىۋە چىۋە ماكانى، قولدا تۇقۇلغان زىلچى گىلەم ماكانى ، قاش تېشى ماكانى ،قول ھۈنەرۋەچىلىك جەھەتتە ئەتلەس ماكانى ،دوپپا يۇرتى ، ھەم پۇچاقچى يېزىسىدىكى پۇتۇن دۆلەت ئىچىگە چاڭ چىقارغان 110 يا شلىق بوۋاينىڭ ئۈژ مە قەۋزىقىدىن پايدىلىنىپ دورىلىق خام قەغەز ياشاش تېخنىكىسى ، ئۇندىن باشقا باغۋەنچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئۆلگىلىك ناھيە >> دەپ بۇ تەرەققىياتلار ئۆزگۈچە بولغان تەبىئى مەنزىرلەر ،چەمبەرچەس گىرەلىشىپ كەتكەن ئاشۇ باغۇ بوستانلىق ،ۋە گۈزەل سەيلىگاھلارنىڭ قەدىمى يىپەك يۇلىدىكى كۆزنى چاقنىتىۋاتقان بىر نۇرلۇق مەرۋايىت ئىكەنلىگىنى تۇلۇق دەلىلەپ يىڭى ئۈزىنىڭ يىڭى دەۋىردىكى تەرەققىياتلىرىنى تۇلۇق نامايەن قىلماقتا . ئىھ ،ئانا يۇرتۇم قاراقاش ،سەن تۇلىمۇ تۈرلۈك مۇشكۈل قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باتۇرلارچە روھىڭ بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئەقىل بۇلىقى ،ئىلىم – پەنگە تاينىپ ئۆز جىسمىڭدا تۇلۇق بولغان ھەيران قىلارلىق ،ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىپ كىلىۋاتىسەن .دىھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،ئۈزۈمچىلىك ، ياڭاقچىلىقتىن،ماتاڭچىلىق ، ئىبارەت ئالا سوتلۇق يۇقىرى مەسۇلارلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ ئاشۇ تەجىرىبەڭ بىلەن دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدە ياخشى شان –شەرەپلەرگە ئىرىشىپ داۋاملىق مەردانە قەدەملىرىڭ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتىسەن. سەن مەنىۋىي مەدەنىيەت ،ئەدەبىيات سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ تىز ئالغا باستىڭ .بۇ تۇلۇق تەرەپلەشكە ،ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۇلۇغ مۆجىزە . ئانا يۇرتۇم قاراقاش .مەن سىنى كۆپلەپ يۈرۈكۈمدىكى ئاشۇ ئوتلۇق سۆيگۈمنى تۈۋەندىكى شېئىر يازمىللىرىم ئارقىلىق قاندۇراي.
يۇرتىمىزدا قوغۇن –تاۋۇز، ئۈزۈم كاۋاپ ، سۇ يېغىلار ئېغىزلارغا يىگەندە . يەيمىشلەردىن يەۋالسىڭىز بىر تىلىم ، قايتالمايسىز ئەگىپ قېلىپ بىر زامان .
قۇتانلاردا بۇرداق سىمىز چارۋىلار ، ئېلىپ- سېتىم بۇلار كۈندە نەچچە مىڭ . بازار دىگەن قاراقاشتىكىدەك قىززىماس ، قاراپ باقسام ھېچ ئۇرۇندەك جاھاننىڭ .
تەرەپلەردىن، تىجارەتچى ئادەملەر ، سەيلە قىلىپ يۇرتىمىغا كىپ كىتىڭ . ئاشۇ ئۇيغۇر بازارلىرنىڭ نامىنى ، بۇ ئۇرۇندىن يىراقلارغا ئەپ كىتىڭ .
ئىھ !ئانا يۇرتۇم قاراقاش ، مەن ئىشىنىمەن ! سەن ھەرۋاقىت دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلە ،داۋاملىق گۈللەپ روناق تاپقىن ،ئىسمى جىسمىڭغا مۇناسىپ ھالدا <<ھاللىق سەۋيىگە>> تۇلۇق يىتىپ ،ئازاتلىقتىن ئىلگىركى نامىراتلىق قىياپىتىڭنى ياپ ، ھازىرقى تارىخ بېتىدە ئۆچمەس سەھىپىلەرنى نەقىش قىلىپ باق ! مەنمۇ بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ،ھازىردىن باشلاپ داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىپ سىنىڭ ئاشۇ ئەجىر تۆھپەڭگە،ئەمەلىي ھەركىتىم بىلەن ئۈزەمنىڭ بىركىشلىك ھەسسىنى قۇشىمەن . گۈزەل يۇرتۇم قاراقاش مەن كىچە-كۈندۈز ئويلايمەن كەلگۈسىڭ مەڭگۈ پارلاق بولغۇسىغا تۇلۇق ئىشىنىمەن ! مەنبەسى : ئۆز يازمام زەپەر 2012- يىلى7- ئاينىڭ 30- كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-2 23:33
|
|