| يېزىق-ئىملا جەھەتتە .
يېزىق ئىملا ئۆلچەملىك ، بىرلىككە كەلگەن يېزىق بولسا –بىر مىللەت مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى . مىللىتىمىز تارىختىن بۇيان ،ئىنسانىيەت تارىخىغا يېزىق ئىختىرا بولۇپ قۇشۇلغىنىدىن تارتىپلا ئۆز تارىخىدا تۈرك-رونىك يېزىقى ، ئورخۇن-يىنسەي يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ھازىرقى يېزىق ...قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېزىقلارنى قوللىنىپ كەلگەن . شۇ يېزىقلاردا ئورخۇن ۋادىلىرىدا نۇرغۇنلىغان مەڭگۈ تاشلارنى پۈتكەن . ئاز بولمىغان بەدىئىي –تارىخىي ، تىببى ، قامۇس خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن . ھازىرقى زاماندا ئەنە شۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى ياپونىيە ، گېرمانىيە ، شىۋىتسىيە ، ئامرېكا ۋە باشقا دۆلەت ئالىملىرى تەتقىق قىلىپ ، توم-توم ئەسەرلەرنى ئىجاد ئەتمەكتە . گەپكە كەلسەك ، مېنىڭ مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان يازمىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشۈمدە ئاز بىر قىسىم دوسىتلاردا ئىملا خاتالىقى ھەقىقەتەنمۇ كۆپكەن . مەسىلەن : « ئې ، ئى ، ئو ،م ئۇ ، ئۆ ، ئۈ » ھەرپلىرىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش ، بۇنىڭغا مىساللار ئاز ئەمەس . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، يېزىق تىلى ئەلۋەتتە ئېغىز تىلىدىن پەرق قىلىدۇ . ئېغىز دا دېگەننى ئەينەن يازىدىغان بولساق ، يازما مەقسىتىنى تولۇق چۈشىنىش تەسلىشىپ كېتىدۇ . بىر ھەرپنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھەرپ ئالمىشىپ كەتسە مەنا ئۆزگىرىپ كېتىپ ، ئوقۇرمەندە ھېچقانداق ئىستېتىك زوق قوزغىيالمايلا قالماستىن بەلكى يازغۇچىغا قارىتا نەپرەت قوزغايدۇ . ئانا تىلىمىز كەسكىن خرىسقا دۇچ كەلگەن پەيتتە ، تىلىمىزنى قەدىرلەيلى .... مەيلى ئىنكاس يازغاندا ، مەيلى تىما يوللىغاندا ئىملا مەسىلىسىگە دىققەت قىلايلى . مېنىڭ تەكلىپىم : مۇمكىن بولسا ئۆزىنىڭ خەت-ئىملاسىدا مەسىلە بارلار ئېغىر كۆرمەي ، يېزىقىمىزدىكى 32 ھەرپنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ، قانۇنىيىتىنى يېڭىباشتىن ئىگەللەپ چىقسا . بەلكىم-بىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر خاتالىقلىرىمىز ھېچگەپ ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلار تۈزەتمەي نېمە ئىش قىلىدۇ ؟-دېيىشىڭلار مۇمكىن . باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مەشغۇل بولىدىغان ئىشى-كەسپى بولىدۇ .بىزمۇ قىلىمىز ، يەنىلا ئۆزنىڭ ئىشىنى ئۆز قىلغۇلۇق .ھازىرقىدەك شارائىتتا بىر نەچچە مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ گۆھەردەك قىممەتلىك ئانا تىل-يېزىقىنى تولۇق بىلمەسلىكتىن ئۆتە نومۇس ئىش بارمۇ ؟ ئۆگىنەيلى ، توختىماي ئۆگىنەيلى !!! ئانا تىل-يېزىقنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى . مۇنبەرگە يازما يوللاش توغرا كەلسە يازمىنى تولۇق يېزىپ ، تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قويۇپ ، ھەرپلەرنىڭ ، سۆز-جۈملىلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ئىشەنچلىك ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئاندىن يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسساق ، ئاندىن « مېنىڭ ئەسىرىم تەستىقلانماپتۇ ۋاھاكازا...» دېگەندەك ئىشلاردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ . (كىچىككىنە تەكلىپ : بىكار ۋاقىتلىرىمىزدا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى جۈملىدىن ، رومان-پوۋېسىت ، ھېكايىلەرنى ... كۆرۈپ تۇرساق .) بۇنىڭدىن كېيىن ئىملا خاتالىقى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغان يازمىلارنى تەسىقلىماسلىقنى ئويلىدىم . ئەسەر يازمىلارنى مۇناسىپ سەھىپىسىگە يوللاش جەھەتتە
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ، ھەممىمىز باشلانغۇچ-تۇلۇقسىزلاردا ۋە يۇقىرى مەكتەپلەردە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى ئوقۇپ باققان ، ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ ۋە ھەرقانداق يازمىنىڭ چوقۇم تۈرى-ژانېرى بولىدۇ . مەسىلەن : شېئىر-نەسىر ، ماقالا ، ھېكايە ، پوۋېسىت-رومان ...دېگەندەك . مۇنبەردىكى سەھىپىلەر تېخىمۇ كۆپ . بەزىلەر ئۆزى چاغلىغان يەرگە ئەكېلىپلا يازمىسىنى يېزىپ يوللايدىكەن ، مۇنبەر ئۇقتۇرۇش سەھىپىسىدە شېئىر ، شېئىر-نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىدە ھېكايە ...لەرگە ئوخشاش . ئوبدان ئانالىز قىلساق ، چوقۇم مۇناسىپ سەھىپىسىنى تاپقىلى بولىدۇ . ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگىنەيلى ، مۇنبەر ئىقتىدارلىرىنى ئىگەللەيلى ، بىلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىلىدىغانلاردىن سورىساق .بىز قانداق تېما يوللىماقچى بولساق ، تېمىنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇنبەرنىڭ سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ ، قايسى سەھىپىگە ماس كېلىدىغاندەك تۇرسا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يازمىنى تاپشۇرساق .دىگەننى تۇلۇق ئويلاش كىرەك .
زەپەر
2012- يىلى 7- ئاينىڭ 28- كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-28 18:40
|
باھالاشباھا خاتىرىسى
|