كۆرۈش: 802|ئىنكاس: 11

ئەترەت پىلانى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشلانغۇچ مەكتەپ پىئونېرلار ئەتىرتىنىڭ  2011-2012-ئوقۇش يىلى 2 -مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى


مەكتىۋىمىزدە بىر چوڭ ئەترەت ۋە بەش ئوتتۇرا ئەترەت بۇلۇپ 67نەپەر ئوغۇل 52نەپەر قىز بۇلۇپ جەمئىي119نەپەر پىئونېردىن تەشكىل تاپقان بۇمەۋسۇمدا مەكتىۋىمىزنىڭ ئەملىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ پىئونېرلار ئەتىرتىنىڭ خىزمىتىنى تۈۋەندىكىچە ئىشلەيمىز.
1.جوڭگۇ پىئونىرلار ئەترىتى جوڭگۇ ئۆسمۈرلىرنىڭ ئاۋانگارىت ئەترىتى، جوڭگۇ كومنىستىك پارتىيەسى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان ئۆسمۇر بالىلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. ئۆسمۇر بالىلار كومۇنىزىمىنى سوتسىيالىزىم ئۆگنىش ۋە كومۇنىزىم قۇرۇشنىڭ زاپاس قوشۇنى.
شۇڭا ئەترەت خىزمىتىنى كۈچەيتپ، ئەترەت تەشكىلىنىڭ ئۆسمۇر بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تەبىيلەشتەك، يادرولۇق رولىنى تولۇق جارىي قىلىدۇرۇپ، قۇرمىغا يەتكەنلەرگە بولغان ئىددىيە- ئەخلاق قۇرلۇشنى كۈچەيتپ، ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمىللەشتۇرۇپ
غايلىك، ئەخلاقلىق ،مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان، ئەخلاقى -ئەقىلى، جسمانىي ،گۈزەللىك قاتارلىقلاردىن ئومۇمىيۈزلۈك يېتىلگەن، جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىللىرى ۋە ئىشەنىچلىك ئىز باسارلىرىنى، تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ بۇ خىزمەتنى ئىشلەيمىز.
2.پىئونېرلارغا ئېلىپ بېرىلدىغان ئىديىۋى-سىياسى تەربىينى كۈچەيتىپ، پىلانلىق، سېستىمىلىق ھالدا تەربىيە پائالىيەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، <<مىللەتلەر ئىتپاقلىق تەربىيسى>>،<<ماركىزىملىق بەش قاراش تەربىيسى>>،<< ئىككىگە قارشى تۇرۇپ ئۈچنى قوغداش تەربىيسى>>،<<ئاتئېزىم تەربىيسى >>،<< ۋەتەن پەرۋەرلىك تەربىيسى>>، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى قاتارلىق تەربىيلەرنى ياخشى ئىشلەپ پىئونېرلارنىڭ ئىدىيىسدە ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىپ، مەكتىۋىمىزنى ۋەتەننى،خەلىقنى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرۇت ماكانىنى قىزغىن سۆيدىغان، قانۇنسىز دىننىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ دىننىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرشىگە يول قويمايدىغان، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئارا ئىناق ئتتىپاق ئۆتۈپ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، سوتسىيالىزىمنىڭ ھەقىقى قۇرغۇچى ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەيدىغان بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرشىپ ئىشلەيمىز .
3.مەكتەپتە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمدا پىئونېرلارنىڭ سانى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرگە ئەترەت باشلىقلىرىنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىلى تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ ئورنۇتۇپ، مەسئولىيەت مەجبۇرىيەتلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئەترەت خىزمىتىنىڭ پىلانلىق، سېستىمىلق تەرتىپلىك ئېلىپ بېرلىشغا كاپالەتلىك قىلمىز.
4.پىئونېرلارنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە كۈندۈلۈك ھەركەت ئۆلچىمى، ئوقۇغۇچىلار سۆز ھەركىتىدىكى يەتتىنى قىلماسلىق، پىئونېرلار نىزام نامىسدىكى ھوقۇق مەجبۇرىيەت مەسئولىيەتلىرىنى ،تۈرۈلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگۈتۈپ ۋە ئەملىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشەن- فاڭجىن سىياسەتلىرى ياخشى ئىش ياخشى پائالىيەتلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيدىغان، خەلىقنى سۆيدىغان، ئەمگەكنى سۆيدىغان، پەننى سۆيدىغان، ئومۇمىنىڭ مال- مۈلكىنى ئاسرايدىغان، ئالتۇن تىپىۋالسىمۇ كۆز قىرنى سالمايدىغان ،تەشكىلى تۈزۈمگە ئاڭلىق بوي سۇنىدىغان، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى، ئاتا-ئانىلارنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،كوللىكتىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى خۇشاللىق دەپ بىلدىغان، ياخشى ئىش-ياخشى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشدىغان،  پىئونىرلارغا خاس ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەملىي تەربىيلەپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز.
كەڭ پىئونىرلارنى، پىئونىرلار نىزامنامىسى ئۆگنىشىگە تەشكىللەپ، پىئونېرلارنىڭ ئۆگنىش، تۇرمۇش كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىئونىرلارغا ئىتتىپاق تەربىيىسى ئېلىپ بىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تىنچ ئىتتىپاق بولغان ۋەزىيەت يارتىمىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن باش ئەترەت قەرەرلىك ھالدا، تەربىيچىلەر يېغىنى چاقىرىش ،ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئىگەللەپ، تەجربىلەرنى ئالماشتۇرۇش ،تەلىم-تەربىيەنى بىرلىكگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرمىز.
5. مەكتەپتىكى پىئونىرلار، ھەرۋاقىت پىئونىرلار باش ئەترىتى ۋە پىئونىرلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ،تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشىنى، ھەرخىل يېغىن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەقىلى-ئەخلاقى جىسمانىي جەھەتلەردە تەڭ يېتىشكەن، ئاۋانگاراتلاردىن بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈنۈملۈك بولغان پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئاساس قىلىمىز.
پىئونېرلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى، قىزىقىشى، تەربىيلىنىش ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر خىل ئۈگىنىش، لىكسىيە سۆزلەش مەدىنىي كۆڭۈل ئىچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرگە ئۇيۇشتۇرۇپ پائالىيەت مەزمۇننىى جانلىق تەربىيە ئەھمىيتى چوڭ بولۇش قارىشى بويىچە پائالىيەت پىلانى تۈزۈپ چىقىپ ئەمىللەشتۈرمىز.
ھەرخىل زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، ھىكايە سۆزلەش، ناخشا ئوقۇش، ئۇسۇل ئويناش، كىتاپ ئوقۇش، تەسىرات سۆزلەش، مودىل ئەۋرىشكە ياساش، توپ ئويناش ..... قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق پىئونىرلار ئەتىرتىنىڭ ئىللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرمىز.
6. ياخشى ئىش ياخشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن لېي فىڭ، لەينېڭ چە ئوسمۈرلەرنى تاللاپ مۇكاپاتلاپ، قارا دوسكا ۋە  رادىئو ئۇزۇلىدىن پايدىلىنىپ كەڭ تەشۋىق قىلىپ  ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرنى شەرەپ خاتىرسىگە تىزىملاپ، پىئونېرلىققا يېشى توشقانلاردىن پىئونېرلار ئەتىرتىگە ئەزا تەرەققىي قىلىش ئوبىكتى قىلىپ بەلگىلەپ پىئونېرلار سانىنىڭ كۆپىيشىگە ئاساس سېلىپ 13نەپەر قىز 20 نەپەر ئۇغۇل بۇلۇپ جەمئىي33نەپەر پىئونېر قۇبۇل قىلمىز. يۇقرى يىللىقتىن نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولغان ئاكتىپلاردىن ئۈچ نەپەر پىئونېرنى جۇڭگۇ كومنىستىك ياشلار ئىتپاقىنىڭ ئىتپاق تەشكىلاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىپ بىرىمىز
7.چوڭ ئەتىرەتنىڭ شەرەپ تاختىسى شەرەپ خاتىرللىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئالاھىدە شەرەپ كەلتۈرگەن ياخشى ئىش قىلغان پىئونىرلارنى ۋاقتىدا تىزىمىلاپ، قىرائەتخانا ۋە سىنىپ ئىچى قىرائەتخانسى قۇرۇش« ئوسمۈرلەر گىزىتى» ۋە «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىغا مۇشتەرى قوبۇل قىلىپ. مەكتەپلەردە پىئونىرلار باش ئەترىتىنىڭ قارمىقىدا «ئۆسمۈرلەر ئاۋازى »رادىئو ئۇزۇلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز.

8.ھەركۈندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە پىئونېرلارنىڭ پائالىيەتكە تۇلۇق قاتنىشىش گىلاستۇك تاقاش ئەھۋالىنى كۈزتۈپ سان ئېلىپ ھەپتىلىك ئايلىق خىزمەتلەردە سېلىشتۇرۇپ نۇمۇر قۇيۇپ باھالاپ دەرجىگە تۇرغۇزۇپ ئاشكارلاپ مۇۋاپىق تدبىرلەرنى قوللۇنۇپ پىئونېرلانىڭ تۇلۇق گىلاستۇك تاقاپ مەكتەپكە كىرشىنى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن تۇلۇق قاتنىششىنى ئەملىي ئىشقا ئاشۇرۇمىز.
6.ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ كۈندۈلۈك سىنىپ ۋە شەخسى تازلىقى ھەپتىنىڭ2-4-كۈندىكى چوڭ تازلىق ئەھۋالىنى ھەرقايسى ئەترەتلەرنىڭ ئەترەت باشلىىقلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ نۇمۇر قۇيۇپ سېلېشتۇرۇپ باھالاپ دەرجىگە تۇرغۇزۇپ ۋە ئاشكارلاپ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ مەكتەپ مۇھىتىنىڭ پاكىز ساغلام بۇلۇشغا كاپالەتلىك قىلمىز.

9. « 1- ئىيۇل بالىلار بايرىمى» نى خاتىرلەش پائالىيتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ خاتىرلەش يېغىننى چوقۇم ياخشى ئېلىپ بارمىز.
10. 3- ئايدا  «نەۋرۇز بايرىمى»، «كۆكەرتىش بايرىمى » مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنۇ مەزمۇنلۇق ئاساسى تىما قىلىنغان ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيتى باش ئەترەت پائاليىتى ئورۇنلاشتۇرمىز.
  4- ئايدا كۆكەرتىش ياخشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرا كىچىك ئەترەت پائاليتى ئورۇنلاشتۇرۇمىز.
5- ئايدا «ئەمگەكچىلەر بايرىمى»مۇناسىۋىتى بىلەن ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەش ئەمگەك مىۋىسنى قەدىرلەش مەقسىتىدە باش ئەترەت ۋە ئوتتۇرا ئەترەت پائاليتى، مۇھىت ئاسراش ھەققىدە «مۇھىتنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى » دىگەن تىمىدا ئەترەت پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇمىز.
6- ئايدا «1-ئىيۇل بالىلار بايرىمى»، ئەترەتكە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەترەت بىلىملىردىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىش، پىئونىرلار ئەتىرەت تەربىيسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇمىز.

بايقاش باشلانغۇچ مەكتەپ
پىئونېرلار ئەتىرتى
2012-يىل 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +8تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
火山 + 8 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-20 17:32:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتېريال يوللاپسىز لېكىن بۇنىڭىدىن كىيىن ماتېريال يوللىغاند ائۇرۇن ئىسمنى ئۈچۈرۈپ ئاندىن يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ
ۋاقتى: 2012-7-21 00:51:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرىيال يوللىغاندا ئۇرۇن ئىسمىنى ئۈچۈرۈپ  يوللىغايسىز. بۇلامدۇ. ياخشى ماتىريالكەن. تىرشىڭ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 00:52  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-21 01:11:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىلەرگە مىنىڭ تېخ تۇنجى قېتىم ماتېريال يوللىشىم ئىدى،پايدىلىق پىكىرلىرىڭلار بولسا ئايمىغايسىلەر.
ۋاقتى: 2013-10-4 12:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەتراپلىق تۇزۇلۇپتۇ.
ۋاقتى: 2014-2-12 12:41:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن،مۇنداق تىمىلار بولسا كۆپەيسۇن ،ئەلۋەتتە بىزمۇ تىرشىمىز!
ۋاقتى: 2014-2-15 17:52:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە جاپا تارتىپسىز .
ۋاقتى: 2014-2-21 19:03:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت...ماڭا مۇشۇ پىلان بەك لازىم ئىدى....
ۋاقتى: 2014-2-21 19:07:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما بۇ تىمىنى قانداق چۈشۈرىمىز؟
ۋاقتى: 2014-2-21 19:12:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىلان ئىكەن،ئەمما بۇنى قاندق چۈشۈرىمىز؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش