بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 00:44
ھەي ئابلىمىت، ئابلىمىت، نەگە كەتتىڭ ئابلىمىت. بايقاش تورى ئېلانى، يۇقاپ كەتتى ئابلىمىت.
تايلىقىمنى مىندىم مەن، شەمۇ-شەھەر يول ئالدىم. تاغغۇ- داۋانلار ئاشتىم، كەڭ سايدىن راۋان ئاشتىم.
روھلاندا مەن روھلىنىپ، ئىنتىلدا مەن ئىنتىلىپ، بۇلاقلاردىن سۇ ئىچتىم، بايقاش ئۈچۈن ئىزدىنىپ.
يەنە كەلدىم بايقاشقا، ئېلان بىرىپ بەشتاشقا. نىمە بەك ئەلەم بولدى، ئابلىمىت خاپان باشقا.
يۇرت- يۇرت كىزىپ كەتسەڭمۇ، يەرگە كىرىپ كەتسەڭمۇ. سالام خەتنى يېزىپ تۇر، كۆرۈشەرمىز بايقاشتا، كۆزلىرىمىز قان ياشتا.
بايقاشتا بار مەرىپەت، بايقاشنىڭ يىرى مۇنبەت، ئورمان سۇلىرى ئەلۋەك، مېھمانلار كىلۇر سەلدەك.
بايقاش بىر جاھان ئەينەك، كۆرۈنگىن بىر پەرى قىزدەك، قايەرگە كىتىپ قالدىڭ، سىيت گاڭگۇڭ بولۇپ قالدىڭ.
كۆكبۆرە غېرىپ دوستۇڭ، تىكەندەك يالغۇر قالدى. گاڭگۇڭ سېنىڭ ئىشقىڭدا، كۆزىگە قان-ياش ئالدى.
يول ئالغىن دىيارىڭ بايقاش، سېغىندۇق دىدارىڭنى، ئۇنتۇپ كەتمىگەنسەن يار، غەمگۈزار ئاداشىڭنى. |