baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 2193|ئىنكاس: 19

بىر قېتىملىق سىنىپ يىغىنى(سىنىپ مۇدىرلىرىغا تەۋىسىيە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى- ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئورتاق بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى

شام ئەپەندىم تەييارلىغان سىنىپ يىغىن يېزىقچە ماتىرىيالى: كۈرۈپ باقاي
ئىچىدىكى مەزمۇنلار:
1) يىغىن كۈن تەرتىۋى
2) يىغىن ئىنتىزامى
3)يىغىن مەقسىتى
4)سىنىپنىڭ ئومومى ئەھۋالى
5) مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئاساسلىق قائىدە تۈزۈملىرى
6) ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر
7) سىنىپنىڭ كىينكى ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
8) ئاتا-ئانىلارغا قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر
9) سىنىپ شەرەپ تاختىسى
10) ئاتا-ئانىلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش

2. سىنىپ يىغىنى كۆپ ۋاستىلىق دېتالى:       چۈشۈرۈش

3. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن لىكسىيە:       چۈشۈرۈش

بۇ ماتىرىياللار بايقاش مائارىپ تورىغا تەۋە! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-18 20:57:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ماتىريال يوللاپسىز . سىنىپ مۇدىرلىرى ئۈچۈن كوپ جاپا چىكىپسىز.
ۋاقتى: 2012-6-19 07:13:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخخشى ماتىريال يوللاپسىز.
ۋاقتى: 2012-6-19 23:19:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت  ياخشى ماترياللارنى يوللاپسىز  ،چۈشۈرۈپ كۆرۇپ  باقاي
ۋاقتى: 2012-6-28 18:01:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان ماتىياللىرىڭىزنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ياىشى تۈزۈلۈپتۇ
ۋاقتى: 2012-6-28 18:08:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇلچىغا  يوقما  تېمىلار  ھە  
ۋاقتى: 2012-9-19 03:33:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى- ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئورتاق بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى» بۇ مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنىنى مەن 2010-يىلى ئۆزەم بىر قوللۇق تەييارلاپ مەكتەپتە نەقمەيدان يىغىنى ئېچىپ ئۈلگە كۆرسەتكەن ئىدىم ئەپسۇس نەچچە ھەپتە ئەجىر قىلىپ تەييارلىغان مېھنىتىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ تەييارلىغۇچى ئىسمىنى بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىپ ئەسكەرتىپ قويمايستىن ئۆز نامىدا ئېلان قىپتۇ. قاتتىق ئۆكۈندۈم....... سان-ساناقنى ئۆزگەرتىپ يېزىپلا قالغان قىسمىنى ئەينەن ئېلىپ تەييارلىغۇچى ئوغۇلنىسا قاسىم دەپ يېزىپتۇ . مەن باشلانغۇچقا تەييارلىغان مەزمۇنلار ئىدى، بۇنى تولۇقسىز7-يىلللىق 1-سىنىپنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى دەپ ئىشلىتىپتۇ، ھېچ بولمىغاندا پايدىلانغان ماتىريال ئىكەنلىگىنىمۇ ئەسكەرتمەي خىجىل بولماستىن ئۆز نامىنى قوللىنىپتۇ. ئەپسۇس مەندەك نەچچە كۈن ئۇخلىماي بىرەر بەت تەييارلاپ باققان بولسىدى-بۇنىڭ جاپاسىنى بىلگەن بولاتتى بۇ بىر ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ قانداق؟
بۇ تېمىنى ئەسلىدىنلا بايقاش مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئىدىم يەنە تەكرار ئېلان قىلىش ھاجەتسىزغۇ؟
ئەسلى تېما بۇ ئادرېستىن كۆرۈپ بېقىڭلار؟
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2063
   
مەن پايدىلىنىڭلار دەپ جاپالىق تەييارلاپ يوللاپ بەرگەن ھەقسىز تېمىنى مېنىڭ رۇخسىتىمنى ئالماي ئۆز نامىدا ئېلان قىلغانلىقىغا مېنىڭ قاتتىق نارازىلىقىم بار. بۇ تېمىنى مەن مەخسۇس بايقاش ئۈچۈنلا يوللىغان،  تېمىنى نومۇسسىزلارچە ئۆز نامىدا قىلىۋالغۇچى  مەندىن ۋە مۇنبەرداشلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلمىشلارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىنى سورايمەن.
ئەسلى تېما: ئەلپىدا خەت نۇسقىسىدا ئۇرۇلغان. مانا مۇشۇنداق تەييار لوق گۈش كۆرۈپ بېقىڭلار

پەرزەنىتلەرنىڭ ئىستىقبالى- ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ ئورتاق بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى
تەييارلىغۇچى : سەمەت خېلىل
( -يىللىق  -سىنىپنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئائىلە باشلىقلىرى يىغىنى)
سىنىپ مەسئولى:-

ھۆرمەتلىك ئاتا- ئانىلار ياخشىمۇ سىلەر!
سىلەرنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى سەرىپ قىلىپ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، قاتتىق سوغۇقلارغا باش ئەگمەي، بۈگۈنكى ئاتا- ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كىلىپ بەرگىنىڭلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىگىگە ۋاكالىتەن، ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋامى، ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى بولغان پەرزەنىتلىرىنى ئەزىزلىگەن ھەرقايسى ئاتا- ئانىلاردىن سەمىمى ھال سورايمەن.
تۆۋەندە بۈگۈنكى يىغىننىڭ كۈن تەرتىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:-
1. يىغىن ئىنتىزامىنى ئېلان قىلىش.
2. يىغىننىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
3. مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئاساسى ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
4. مەكتەپنىڭ ئاساسلىق قائىدە- تۈزۈملىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش.
5. ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىنجىلەر ۋە ساقلانغان مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
6. ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلغان پۇللارنىڭ ھېساۋاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
7. سىنىپنىڭ بۇندىن كېيىنكى (2-مەۋسۈملۈك) خىزمىتىنىڭ تەسەۋۇر پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
8. يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى تەلىپى بۇيىچە ئائىلە باشلىقلىرىنى تەربىيلەش ۋە قايتا تەربىيلەش.
9. مەكتەپنىڭ ئاتا- ئانىلارغا قويغان ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش.
10. ئىنتىزام، ئىتىپاقلىق، ئۆگۈنىش، تازىلىقتا كۆپ شەرەپ تاختىسىغا چىققان ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلىنىپ، يىغىندىن خۇلاسە چىقىرىش.
11. ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپ ۋە سىنىپ خىزمەتلىرىگە قارىتا بەرگەن تەكلىپ- پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا تىگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇش.
1. بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىنتىزامى:-
يىغىننىڭ باشتىن- ئاخىر تەرتىپلىك، سېستىمىلىق، نەتىنجىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن يىغىن ئىنتىزامىنى ياخشى ساقلاش تولىمۇ زۆرۈر.
(1) بۈگۈنكى يىغىن مەۋسۈمدە ياكى يىلدا بىرلا قېتىم ئېچىلىدىغان، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇھىم ئويلىنىش بۇلىدىغان يىغىن بولغىنى ئۈچۈن، بارلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ يىغىن ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن چىقىپ كەتمەسلىكىنى، يىغىنغا باشتىن- ئاخىر تولۇق قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
(2) يىغىن جەريانىدا ئاتا- ئانىلارنىڭ پاراڭ سالماسلىقىنى تاماكا چەكمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز.
(3) يىغىن جەريانىدا ئاتا- ئانىلارنىڭ يان تېلىفونلىرىنى ئېتىۋېتىپ ئولتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
(4) يىغىن جەريانىدا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۇخلاپ قالماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.
2. يىغىننىڭ مەقسىتى:-
ھەرقايسى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۆز- ئارا ئۇچرىشىپ، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش. مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش.ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلەنگەن ئەقلاقى، ئەقلى، جىسمانى ۋە گۈزەللىك تەربىيىسى ھەققىدىكى  خىزمەتلەر ۋە بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىنجىلەر ھەم ساقلانغان مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئوقۇغۇچىلاردىن يىغىلغان پۇل راسخوتلارنىڭ ھېساۋاتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا قويىدىغان تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسى ھەققىدە بەرگەن ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئائىلە مەكتەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋېتىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت.
3. مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئومومى ئەھۋالى:-
1) مەكتىۋىمىزنىڭ نامى:- ئاقسۇ شەھەرلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپ بۇلۇپ، مۇنتىزىم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئىگە ئۇيغۇر- خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ. مەكتىۋىمىز 1986-يىلى قۇرۇلغان بۇلۇپ ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق 23 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بۇ مەكتەپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ، ھازىرقىدەك مۇنتىزىم بىر يۈرۈشلەشكەن 36 سىنىپلىق ئوقۇغۇچى سىغدۇرالايدىغان، 4 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، كومپىيوتېر ئۆيى، سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى، مۇزىكا ئۆيى، گۈزەل- سەنئەت ئۆيى، ئەمگەك تېخنىكا ئۆيى، كۈتۈپخانا ئۆيى، تەنتەربىيە ئۆيى، تەجىربىخانانىدىن ئىبارەت 8 ئۆي ۋە كۆپ ۋاستىلىق ئېلىكتېرلىك ئوقۇتۇش ئۆيى، پىئونېرلار ئۆيىدىن ئىبارەت 2 ئاممىۋى پائالىيەت نوقتىسى مۇكەممەل بولغان، ئۇيغۇر7 سىنىپ، خەنزۇ 7سىنىپتىن تەركىپ تاپقان 14سىنىپ 600دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپكە ئايلاندى.
مەكتىۋىمىز 1985- يىلى قۇرلۇپ، 1986- يىلىدىن باشلاپ رەسمى ئوقۇش باشلىغان. مەكتىۋىمىز دۆلەت يولى 314- لېنيە بۇيىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئاقسۇ شەھرىنىڭ يېڭى شەھەر كوچا ئىش باشقارمىسى ۋە جەنۇبى شەھەر كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەلىگىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى كېلىش مەنبەسى قىلغان. ھازىر مەكتىۋىمىزدىكى ئومۇمى ئىشچى- خىزمەتچى 32 نەپەر، رەھبىرى خادىم 2 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 28 نەپەر، ئىشچى 2 نەپەر، پارتىيە ئەزالىرى12 نەپەر،ئىتىپاق ئەزالىرى 2 نەپەر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەرخىل ۋەزىپىدىكىلەردىن مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى بىر نەپەر (__________)، مەكتەپ مۇدىرى بىر نەپەر (__________)، مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى ئىككى نەپەر (__________)، (__________)، سىياسى مۇدىر بىر نەپەر (__________)، مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى بىر نەپەر  (__________)، ئىلمى مۇدىر بىر نەپەر (__________)، ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى ۋە ماتىماتكا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بىر نەپەر (__________)، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى بىر نەپەر(__________)، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بىر نەپەر (__________)، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بىر نەپەر(__________). ئارىيەتكە يۆتكېلىپ كېلىپ ئىشلەۋاتقان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار 12نەپەر، ئىككى يىللىق ياردەمگە كېلىپ ئىشلەۋاتقان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار 5 نەپەر.
ئىنۋان قورۇلمىسى جەھەتتە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى بىر نەپەر (__________)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار (__________)،(__________)،(__________)، قاتارلىق 12 نەپەر، 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار 15 نەپەر، 2- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار 2نەپەر، ئىنۋان ئالمىغانلار 1 نەپەر.
مەكتىۋىمىزدە 3بەنزە رەھبەرلىك قىلىش ئورگىنى بار بۇلۇپ، ئۇلار پارتىيە ياچىيكىسى، مەمۇرىيەت ۋە ئىشچىلار ئويۇشمىسىدىن ئىبارەت.
پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى(__________)، سىياسى مۇدىر(__________)، پىئونېرلار ئەترەت تەربىيچىسى (__________).
مەكتەپ مۇدىرى(__________)، مۇئاۋېن مەكتەپ مۇدىرى(__________)، ئىلمى مۇدىر (__________)،
ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى(__________)، تەشكىلى ھەيئەت(__________)، تەشۋىق ھەيئەت(__________)، راسخوت تەكشۈرۈش كومىتىت ھەيئىتى(__________)، ئاياللار كومىتىت ھەيئىتى(__________)، مۇرەسسە كومىتىت ھەيئىتى (__________)،
2) تەرەققىيات ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلەر.
مەكتىۋىمىز 1986- يىلىدىن بۇيان شەھەرلىك پارتىكوم ۋە خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە ياردەم بىرىشى نەتىنجىسىدە، مەكتەپ رەھبەرلىگى ھەم ئوقۇتقۇچى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى نامايەن قىلىش ئىرادىسى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى ۋە جاپاغا چىداپ ئىشلىشى بىلەن، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك نەتىنجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
(1) 1995- يىلدىن بۇيان شەھەر مالىيىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، 200مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ تەجىربىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، 62 دانە كومپىيوتېر، كىتاپ- ماتىريال، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تەجىربىخانا سايمان، ئىشكاپ قاتارلىقلارنى تۇلۇقلاپ بەردى. ئۇندىن باشقا، مەكتەپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىزاتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ 150 مىڭيۈەن مەبلەغ سېلىپ 1200 كىۋادىرات مېتىر يەرنى قاتقىقلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش ئارقىلىق ياخشى بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلدۇق. مەكتىۋىمىز يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتلەردىمۇ ئاز بولمىغان تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، تەۋەيىمىزدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش، تۇراقلىشىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەم مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ئىزچىل تۈردە %100 گە يەتكۈزۈپ، ئاقسۇ شەھرىنىڭ 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنىڭ ئومۇمىلىشىش دەرىجىسىنىڭ يوقۇرى كۆتىرىلىشىگە تىگىشلىك تۆھپە قوشتۇق.
(2) مەكتىۋىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەقلاقى تەربىيە خىزمىتىنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى خىزمىتىنى، ھەم مۇقۇملۇق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ 7- نومۇرلۇق، ئاپتونۇم رايوننىڭ 5- نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشۋىقات- تەربىيە خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يولداش جاڭزېمىننىڭ« ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى، پارتىيە 17- قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، « پۇقرالار ئەقلاق قۇرلىشى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىدولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قايتا تەربىيە ئېلىش پائالىيىتىنى ئىزچىل بوشاشتۇرماي ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ئىدىيە جەھەتتىكى تەربىيلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. بۇنىڭ بىلەن مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنى پائالىيەتلەر ۋە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغان ھەم مۇقۇمسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى.
(3) ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيسىنى ئۆزلىكسىز كۈچەيتىپ، ئاقسۇشەھرىدە تۇرۇشلۇق يېزا ئىگىلىگى 1- دېۋىزىيە2- ئوتتۇرا مەكتىۋى، 1- دېۋىزىيە پارتىيە مەكتىۋى، بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاقسۇ شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاقسۇ شەھەرلىك 11- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئورمان مۇداپىئەسىنى قوغداش قوراللىق قىسىم ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بولغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دوستلۇق پائالىيىتىمىزنى بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.
(4) ۋىلايەت شەھەر رەھبەرلىرى ۋە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى مەكتىۋىمىزگە دائىم كېلىپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ، تەجىربىلىك ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش نەتىنجىسىدە مەكتىۋىمىز يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا ئوڭۇشلۇق ھالدا قەدەم قويدى. ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مەكتىۋىمىزگە 36 سىنىپلىق يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى سېلىپ بەردى. بۇ ئىمتىيازلار مەكتىۋىمىزنىڭ يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى تەجىربىلىك ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى.
(5) ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتەننى، خەلىقنى، پارتىيىنى، سوتسىيالىزىمنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، غايىلىك، ئەقلاقلىق، ئىنتىزامچان بىر ئەۋلات كىشىلەردىن بۇلۇش تەربىيىسىنى مەكتەپ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا قويۇپ كەلدۇق، ھەمدە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا بولغان تۇنىشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، 16 نەپەر خادىمنى ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئېۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللىشىنى قولغا كەلتۈرۈدۇق، 11 نەپەر ئوقۇتقۇچىمىز شەھەر، ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بۇيىچە كۆرەك دەرىسى، مۇسابىقىلىق دەرىسلەرگە قاتنىشىپ، بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىمىز يىللاردىن بۇيان ئېلىببە، ماتىماتكا، جەمىيەت، ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسلىرىنى شەھەر، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇندا ئۆتۈپ، ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى بۇيىچە ئاپتونۇم رايۇن تەرىپىدىن ئىككى قېتىم 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ۋىلايەت تەرىپىدىن ئىككى قېتىم ئىدىيە- ئەخلاق دەرىسى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دەرىسى بۇيىچە ئوقۇتۇش ماھىرى 1- دەرىجىلىك دەرىس، شەھەر، بۇيىچە ئىدىيە- ئەخلاق، تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئۈلەۈلۈك دەرىس ئوقۇتقۇچىسى دىگەن شەرەپنى قولغا كەلتۈردى(__________). بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىمىز يىللاردىن بۇيان خەنزۇ تىلى دەرىسلىرىنى شەھەر ۋىلايەتتە ئۆتۈپ شەھەر بۇيىچە بىرىنجى دەرىجىگە ، ۋىلايەت بۇيىچە 3- دەرىجىگە ئېرىشتى (__________). قالغان ئوقۇتقۇچىلاردىن(__________) قاتارلىقلار تىل- ئەدەبىيات دەرىسىدىن، (__________) ماتىماتكا دەرىسىدىن،(__________) خەنزۇ تىلى دەرىسىدىن، (__________) كومپىيوتىر دەرسىدىن، (__________) ئونۋېرسال ئەمەلىيەت دەرىسىدىن، (__________) ئەخلاق ۋە تۇرمۇش دەرىسىدىن، (__________) مۇزىكا دەرىسىدىن، (__________) گۈزەل سەنئەت دەرىسىدىن شەھەر بۇيىچە مۇسابىقىلىق دەرىس ئۈتۈپ  2-دىن 3- لىككىچە نەتىنجىگە ئېرىشتى. باشقىلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىتىمىزدىن پايدىلىنىپ مەكتەپتە كومپىيوتېر ئارقىلىق دەرىس ۋە دەرىس پىلاستىنكىسى تەييارلاش بۇيىچە 2قارار تەربىيلىدۇق، نەتىنجىدە ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى ۋە ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ مەۋسۈمدە 2 سائەتتىن مەكتەپ دەرىجىلىك ئوچۇق دەرىس ئۆتۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈردۇق. ئۆز- ئۆزىنى تەربىيلەش، كۈچلەندۈرۈش، ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىشىنى چىڭ تۇتتۇق. نەتىنجىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن تولۇق كۇرسى مەلۇماتىغا ئىگە بولغانلار 6 نەپەرگە، مەخسۇس كۇرسى مەلۇماتىغا ئىگە بولغانلار 22 نەپەرگە، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە بۈولغانلار 2 نەپەرگە يېتىپ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىدا لاياقەتلىك بۇلۇش نىسبىتى %100 كە يەتتى.
دىمەك . مەكتىۋىمىز ئىككىلا قول قاتتىق بۇلۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، « ئۈچ دەرىجىلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىش» خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەپ، سىياسى، ئىجتىمائى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئەدەبى سەنئەت پائالىيەتلىرىدە، ئىلگىرى ئاخىرى بۇلۇپ ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك ئىلغار كوللىكتىپ بۇلۇپ ئېرىشكەن شان- شەرەپلەر 21 قېتىم، ئاپتونۇم رايۇن، ۋىلايەت، شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردە شەخسىلەر 30 ئادەم قېتىم شان- شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا 2000- يىلى شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك بىخەتەر كىچىك رايون، 2002- يىلى شەھەر دەرىجىلىك پاكىزە ئورۇن. 2003- يىلى شەھەر بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن لېيفىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش قول يازما گېزىتلىرىنى باھالاشتا ئىلغار كوللىكتىپ، 2003- يىلى 6-ئايدا شەھەر بۇيىنچە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىنپىكنى كۈتىۋېلىش ئۆسمۈرلەر پۇتبو مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاتقا ئېرىشكەن، 2003- يىلى 11- ئايدا كۈز پەسىللىك ئۆسمۈرلەر پۈتبول مۇسابىقىسىدە مۇنەۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى، 2004 يىلى 1- ئايدا مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى 2003-يىللىق ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ، 2004- يىلى 4- ئايدا شەھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىدا قوش نەمۇنىچى ئورۇن، شەھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن، 2004- يىلى 5- ئايدا شەھەر دەرىجىلىك ئەقلاق- تەربىيىدە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن، 2004- يىلى 5- ئايدا «1-ئىيۇن» نى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۆسمۈرلەر چاسا سەپ پارات كۆرىگىدە 3- دەرىجىگە، ئۆسمۈرلەر ئۇسۇل ئەترىتى 3- دەرىجىگە ئېرىشتى، 2005- يىلى 1- ئايدا 28- قرتىملىق قىش پەسىللىك ئومومى خەلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىدە مۇنەۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا، 2005- يىلى 2- ئايدا ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇنەۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى، 2005- يىلى 11- ئايدا دولان ئۇسۇل مۇسابىقىسىدەمۇناۋەر تەشكىللەش مۇكاتى، 2007- يىلى 1- ئايدا 30-نۆۋەتلىك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ساغلاملەق پائالىيىتىدە مۇنەۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتى، 2007- يىلى 6- ئايدا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى، قوش ھىمايە قىلىش بالىلار سەنئەت كۆرىگىدە «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» كوللىكتىپ ئۇسۇل رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا، 2007- يىلى 8- ئايدا تىنىچ مەكتەپ قورۇسى دىگەن شەرەپكە، 2008-يىلى مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى، شەھەر دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى»، 2008-يىلى 4- ئايدا مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى»، 2008-يىلى پارتىيە ياچىيكىسى 2007- يىللىق پارتىيە خىزمىتىدە ئىلغار پارتىيە ياچىيكىسى،  2009- يىلى 4- ئايدا مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى ئۈلگىسى»، 2011-يىلى 10-ئايدا ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى ئۈلگىسى» دىگەن شان- شەرەپلەرگە ئېرىشتۇق.
بىز بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلىقى، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ياردىمىنى ئۇنتۇپ قالماي، خىزمەتلىرىمىزدە تەجىربە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تۈزىتىپ، تەلىم- تەربىيە، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز
3) سىنىپىمىزنىڭ تەشكىلى ئاپاراتلىرى:
سىنىپىمىزنىڭ نامى  - يىللىق  - سىنىپ سىنىپىمىزدا      نەپەر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ پىئونېرلار      نەپەر. ئوغۇللار     نەپەر، قىزلار     نەپەر.
ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى: (__________).       
سىنىپ باشلىقى: (__________)،  (__________).
ئۆگۈنىش باشلىقى: (__________)،  (__________).
تۇرمۇش ھەيئىتى: (__________)،  (__________).
تەنتەربىيە ھەيئىتى: (__________).
ئىنتىزام ھەيئىتى: (__________).
گۇرۇپ ھەيئەتلىرى: (________).(________).(________).
يوقۇرىدا ئىسمى چىققان ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش، ئەقلاق، ئىنتىزام، ئىتىپاقلىق، تازلىق ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويالايدىغان، سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، دىموگىراتىك باھالاش ئارقىلىق سايلانغان ھەيئەتلەر بۇلۇپ، بىر قەدەر يوقۇرى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، سىنىپ مۇدىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان ئاۋانگىرات قوشۇنلاردۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆگىنىش، ئەقلاق، ئىنتىزام، ئىتىپاقلىق، تازلىق ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتىدىغان، ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل قارايدىغان، ياخشى ئىشلارنى تالىشىپ قىلىدىغان،  (_________). (_________). (_________).   (_________).(__________).(__________).(_________).
قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۆگىنىشتە تىرىشچان ئوقۇغۇچىلاردۇر.
سىنىپىمىزغا 13 خىل دەرىس ئۆتۈلىدىغان بۇلۇپ، سىنىپىمىزغا دەرىسكە كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالى تېخنىكوم ۋە تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئالى ۋە 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئىنۋانىغا ئىگە، كەسپى بىلىم سەۋىيىسى ۋە ئوقۇتۇش مىتودى ئالاھىدە ياخشى قابىل ئوقۇتقۇچىلاردۇر.
(1)  سىنىپ مەسئولى:- (__________).  (تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى،  باشلانغۇچ مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە ئونۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(2)  ماتىماتكا دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە، ئىلمى مۇدىر،  قوش تىل ماتىماتكا دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(3) تىل- ئەدەبىيات دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئالى دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە تىل- ئەدەبىيات، ئونۋېرسال ئەمەلىيەت، ساغلاملىق دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(4) خەنزۇ تىلى دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە خەنزۇ تىلى دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(5) ئىدىيە- ئەخلاق دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە ئىدىيە- ئەخلاق دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(6) كومپىيوتېر دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە قوش تىل كومپىيوتېر دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(7) تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(8) مۇزىكا دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە مۇزىكا دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(9) مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (ئوتتۇرا- تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە  كۈتۈپخانا خادىمى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دەرىس ئوقۇتقۇچى).
(10) ئىلىم-پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىسى:- (__________). (مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ 1- دەرىجىلىك ئىنۋانغا ئىگە، لابۇرانىت، ئىلىم-پەن دەرىس ئوقۇتقۇچى).
4. مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ ئاساسلىق قائىدە تۈزىمى:
1) مەكتەپتىكى كۈندىلىك مەشغۇلات ۋاقتى. قىش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 11:50 گىچە. چۈشتىن كېيىن 1:50 تىن 4:20 گىچە بۇلۇپ جەمى 7 سائەت. سەيشەنبە، پەيشەنبە 7سائەتتىن چارشەنبە، جۈمە 6 سائەتتىن، دۈشەنبە كۈنىدىكى سىنىپ يىغىنى، چارشەنبە كۈنىدىكى ئەترەت پائالىيىتى بۇلۇپ ھەپتىدە 34 سائەت دەرىس ئۈتۈلىدۇ. ( دەرىس تولۇقلاش زۆرۈرىيىتى بىلەن بەزى شەنبە كۈنلىرىمۇ دەرىس ئۆتۈلدى). بىر سائەتلىك دەرىس ۋاقتى 40 مىنۇت، ھەربىر سائەتلىك دەرىستىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 مىنۇت، ھەركۈنى بىرىنجى سائەتلىك دەرىستىن كېيىن كۆز گىمناستىكىسى، 2- سائەتلىك دەرىستىن كېيىن رادىئو گىمناستىكىسى ئوينايمىز.
2) مەكتىۋىمىزدە 70 خىلدىن ئارتۇق قائىدە تۈزۈملەر بۇلۇپ، ئاساسلىقى مەكتەپنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى، ئىجتىمائى تەرتىۋىنى قوغداش ھەققىدىكى باشقۇرۇش چارىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش قائىدىسى، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە 20 ماددىلىق ھەركەت ئۆلچىمى قاتارلىقلار.
3) يوقۇرقىلاردىن باشقا ئەتىگەنلىك مۇزاكىر، تازىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېچىكىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش تۈزىمى بېكىتىلىپ، ئەتىگەنلىك مۇزاكىر، تازىلىق، ئەتىگەندە مەكتەپكە كېلىش ئەھۋاللىرى پىلانلىق باشقۇرۇلىۋاتىدۇ. بىر ئوقۇغۇچى كېچىكىپ قالسا مەكتەپ سىنىپنىڭ شۇ كۈنلۈك ئومومى نومۇرىدىن 0.5 نومۇر تارتىدۇ. تازىلىق پاكىز بولمىسا 2 نومۇر تارتىدۇ، ئۇرۇش- جىدەل ئىتىپاقسىزلىق يۈز بەرسە 2 نومۇر تارتىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى زېھنىنى چاچىدىغان ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇق تاپانچا، ئالامباي، تېيىلىش تاختىسى قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى مەكتەپتە ئويناشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يان تېلىفون، ناخشا تىڭشىغۇچلارنى ئەكىلىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ.  ئەگەر ئوينىغۇچىلار ۋە ئەكەلگۈچىلەر بولسا يىغىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ.
4) سىنىپىمىزدىمۇ بىرنەچچە خىل قائىدە تۈزۈملەر بېكىتىلگەن بۇلۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بۇ تۈزۈملەر پۇت تىرەپ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.(1) ئوقۇغۇچىلار يوقلىمىسى ئەتىگەن سائەت 7:50 ئۆتكەندە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغانلار كېچىككەنلەر قاتارىدا مەكتەپ مەيدان تازىلىقىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. (2) ئەتىگەن كېلىپ ئۆزلىگىدىن ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشى ئىش خاتىرىسىگە ئەنگە ئېلىنىپ ئايلىق خولاسىدە تەقدىرلىنىدۇ. (3) ھەرقايسى گۇرۇپپا ھەيئەتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا گۇرۇپپا يوقلىمىسى بۇلۇپ، ھەر بىر سائەتلىك دەرىس ئىنتىزامى، گالىستۇك چىگىش، مەكتەپ پورمىسى كېيىش، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىش، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك، دەرىسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماسلىق قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتىن نازارەت قىلىنىپ ئەنگە ئېلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا كېچىككەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە مەيدان تازىلىقىنى قىلىدۇ. (4) ھەركۈنى ئەتىگەندە سائەت 8:00 دىن 8:30 غىچە ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرە ۋاقتى بۇلۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، خەنزۇ تىلىدىن ئۈنلۈك ئوقۇش، ئاڭلاپ يېزىش، ئەدەبىيات، ماتىماتكىدىن مەشىق ئىشلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىيات، ماتىماتكا دەرىس تەكرارلاش، خەنزۇ تىلى ئۆگۈنۈشكە شارائىت ھازىرلىنىپ، تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ. (5) ھەر بىر سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆز دائىرىسىدە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش بىلەن بىرگە سىنىپ باشلىقى بىلەن ئۆگىنىش باشلىقىنىڭ يۈكى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىلدى ھەمدە باشقۇرۇش جەريانىدا ئىجادى ئۇسۇل تېپىپ چىقىلىپ، سىنىپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرۈتكە بولۇندى.  
5) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەتىگەن سائەت  8:30 دا چوڭ دەرۋازىنى تاقاپ، چۈش سائەت 11:50 تە ئاچىدۇ. چۈشتە ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 دا دەرۋازىنى ئېچىپ، 2:00 دە تاقايدۇ. كەچتە سائەت 4:00 تە دەرۋازا ئېچىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تەرتىپ بۇيىچە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ ئارىلىقتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئىشى بولسا نۆۋەتچى خادىمغا تىزىملىتىپ ئىش سەۋەبىنى يازغاندىن كېيىن دەرۋازىدىن كىرىپ ئىش بىجىرىشكە بۇلىدۇ، بىراق دەرىس ئىنتىزامىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
5. ئىشلەنگەن خىزمەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىنجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر:
ئەقلاقى تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:- ئەقلاقى تەربىيە مەكتەپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا، ياش- ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدىكى ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ رولى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن ئەقلاقى تەربىيىنىڭ تۈپ يېتەكچىسى بولغان سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى. بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، سوتسىيالىستىك كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيىسى، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك بۇلۇش تەربىيىسى، قانۇن- تۈزۈم ۋە ئىنتىزام تەربىيىسى، ئىتىپاقلىق تەربىيىسى، پىسخىك پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش تەربىيىسى ئىزچىل ئېلىپ بېرىلدى. سىنىپىمىزدا كۆپ سانلىق ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئەقلاقى ساپاسى ناھايىتى ساغلام بۇلۇپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ پەخىرلىنىشىگە، سۆيىنىشىگە ئەرزىيدۇ. ئەمما ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار دەرىس ۋە مۇزاكىرگە كېچىكىش، دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىق، دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلماسلىقتەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بىزنىڭ ئەقلاق جەھەتتىكى تىرىشىش نىشانىمىز بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى %100 لاياقەتلىك قىلىش. بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئەقلاق جەھەتتە، روھى جەھەتتە، پىسخىكا ۋە پىسخىلوگىيە جەھەتتە ساغلام، ئەقلى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئىزباسارلارغا مۇھتاج، شۇڭا باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ئەقلاقى تەربىيىنى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن. شۇڭلاشقا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن (1) خىلمۇ خىل تېمىدا سىنىپ يىغىنلىرى ئېچىلدى. (2) مەكتىۋىمىزمۇ مەخسۇس دوكلات يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز- ئارا ئىتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئارا ئىتىپاقلىققا ئەھمىيەت بىرىش، مىللى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش، جەمىيەت مۇقۇملىقى، مەكتەپ مۇقۇملىقىنى ساقلاش ھەققىدىكى تەشۋىقات تەربىيىنى ياخشى ئېلىپ باردى. (3) ھەر كۈنلۈك خۇلاسىنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىپ، كۆرۈلگەن ياخشى ئىشلارنى ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈش، كەمچىلىك سادىر قىلغانلارغا ئايرىم تەنقىت- تەربىيە بىرىش خىزمىتى ھەرقاچان چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلدى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ بارلىق قائىدە- تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىش، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە 20 ماددىلىق ھەركەت ئۆلچىمىنى ئۆز ھەركىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلاندۇرۇش، ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەرقانداق ئورۇندا ئۆزىنىڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەققىدىكى تەربىيە ئىزچىل ئېلىپ بېرىلدى. (4) ئەقلاق پەزىلەتتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلاق جەھەتتە ئالغا بېسىشىغا يېقىندىن ياردەم بېرىلدى. (5) ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتا- ئانىلارنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئۆز قەدىر- قىممىتىنى ساقلاش ھەققىدىكى تەربىيە ئىزچىل ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلەر:- (1) ئوقۇغۇچىلاردا سىياسى ئىدىيىسى تۇراقسىز، ئىدىيىسىدە داۋالغۇش بولغانلار ئۆز- ئارا ئىتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ناچار بولغانلار كۆرۈلمىدى. (2) مۇتلەق كۆپ ساندىكى ساۋاقداشلار مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ھەردائىم ئاڭلىق رىئايە قىلىپ كەلدى. (3) ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگۈنىشتە بىر- بىرىگە ياردەم بىرىدىغان تۇرمۇشتا كۆيىنىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان ياخشى ئادەت شەكىللەندى.
ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە:- ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى مول پەننى بىلىملەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، يېتەرلىك پەن- مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈنلا مەۋجۇت، شۇڭا ئوقۇتۇش خىزمىتى مەكتەپنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا ئۆگىنىش خىزمىتىمۇ سىنىپنىڭ ئومومى خىزمەتلىرىدە ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەندى.
(1) ئۆگىنىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سىنىپ يىغىنى ئېچىلدى ۋە قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۆگىنىش مەقسىتى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى، ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى توغرا بولغاندىلا ئۆگىنىش جەريانىدىكى ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بۇلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى.
(2) ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىگى ھەر ۋاقىت تۇنۇتۇلۇپ، ئۇلاردا ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، دىققەتنى ئۆگىنىشكە قارىتىدىغان، پۈتكۈل زېھنى- قۇۋۋىتى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئىدىيىگە ئىگە قىلىندى.
(3) خەنزۇ تىلى، ماتىماتكا دەرىسلىرىدە ئاجىز، تاپشۇرۇق ئىشلىمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىپ، ھەركۈنى تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇق تولۇقلاپ ئىشلىتىلدى ۋە تەكشۈرۈلۈپ ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئەھۋالى دائىم سىناپ كۈرۈلۈپ، ئىلگىرلەشكە تۈرۈتكۈلۈك رول ئوينالدى.
(4) «پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئالتۇندەك غەلبە ياتىدۇ» بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ مەنىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىنتىزامنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىگى دائىم ئەسكەرتىلدى. سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە، دەرىس ئارىلىقىدىكى ئىختىيارى پائالىيەت تەرتىپ ئىنتىزاملىرى قاتتىق باشقۇرۇلۇپ، ئىنتىزام كۆز قارىشى تىكلەندى. نەتىنجىدە سىنىپىمىزدىن زېھنىنى چاچىدىغان ھەرخىل تۈردىكى ئويۇنچۇق تاپانچا، ئالامباي، تېيىلىش تاختىسى قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى مەكتەپتە ئويناشتەك ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يان تېلىفون، ناخشا تىڭشىغۇچلارنى ئەكىلىشتەك قىلمىشلار سادىر بولمىدى.
(5) دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسخانىدىكى ئىپادىسى، ئىنتىزامى، تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالى ئىگەللىنىپ ئۆگىنىش جەھەتتە يول كۆرسىتىلدى.
(6) ئەدەبىيات، ماتىماتكا، خەنزۇ تىلى قاتارلىق پەنلەردە ئاكتىپ پىكىر قىلىدىغان، ھەر دائىم تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپ ئىچىدە ماختالدى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى، باشقا ساۋاقداشلارنىڭمۇ بۇلارنى ئۈلگە قىلىپ تىرىشىشى كېرەكلىگى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
(7) سىنىپتا يېتەكلىگۈچى، يېتەكلەنگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىپ چىقىپ، ئۆگىنىش جەريانىدا ھەمكارلىشىش ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىشنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىنىڭ ئاساسى تىكلەندى.
(8) بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا   (___) نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇق قاتناشقان بۇلۇپ، ئىمتىھاندىن تولۇق ئۆتكەنلەر(___) نەپەر، ئۆتەلمىگەنلەر: 1پەندىن ئۆتەلمىگەنلەر  (___) نەپەر. 2 پەندىن ئۆتەلمىگەنلەر  (___) نەپەر. 3پەندىن ئۆتەلمىگەنلەر  (___) نەپەر. 4پەندىن ئۆتەلمىگەنلەر  (___) نەپەر. لاياقەتلىك نىسبىتى% (___). ئەلاچىلار (___) نەپەر بۇلۇپ %  (___) نى ئىگەللەيدۇ.ئۇلار (_______________________________).
ئۇنىڭدىن باشقا ساۋاقداشلاردىمۇ گەرچە ئەلاچىلار قاتارىغا كېرەلمىسىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىلگىرلىشى ناھايىتى زور. (ئۇلار:____________ ____________________________________________)
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىدا ساقلانغان مەسىلىلەر:-
(1) ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىدى توغرا ئېنىق ئەمەس، ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىشىپمۇ قويمايدۇ، %20 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى ياخشى ئەمەس.
(2) بىر قىسىم ساۋاقداشلاردا مۇستەققىل تاپشۇرۇق ئىشلەش ئىقتىدارى كەمچىل، دائىم تاپشۇرۇقنى كۆچۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالغان.
(3) بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قىزىقىدىغان پەننىلا ئۆگىنىپ، قىزىقمايدىغان نەتىنجىسى تۆۋەن بولغان پەنلەرنى ئۆگەنمەيدۇ.
(4) بىر قىسىم ساۋاقداشلار دەرىسخانىدا  قۇرۇق خىيال ۋە ئويۇن، پاراڭلار بىلەن ئولتۇرىدۇ، مۇزاكىرە ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي دەرىسكە مۇناسىۋەتسىز قۇرۇق پاراڭ سالىدىغان، دەرىس ۋاقتىدا سىنىپ ئىچىدە قالايمىقان مېڭىپ يۈرۈيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى بىلەنلا كەتمەي، ئەتىراپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ نورمال ئۆگىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.
(5) بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ مىجەزى تۇراقسىز، ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى، نىمە قىلىشى كېرەكلىگىنىمۇ بىلمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىنجىسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدىكى سەۋەب بۇلىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى ئىمتىھان نەتىنجىسى ئانالىزى
ھەرقايسى پەنلەردىن تولۇق ئۆتكەنلەر (___) نەپەر، نىسبىتى % (___). ئەلاچىلار سانى (___) نەپەر، نىسبىتى % (___).
ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان سۇئالى تەھلىلى : سۇئاللار دەرىسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ، تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇر ئىقتىدارىنى سىناشنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان بۇلۇپ، سۇئال قورۇلمىسى جەھەتتىن قىيىنمۇ ئەمەس نورمال چىقىرىلغان.
نومۇرلار تەھلىلى: ھەرقايسى پەنلەردىن چىقىرىلغان سۇئاللاردا ئوقۇغۇچىلار قانۇنىيەتلىك، ئۆلچەملىك مەزمۇنغا ئىگە سۇئاللاردىن ئاساسەن تولۇق نومۇر ئالغان، ھۆكۈم قىلىش، تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇر ئارقىلىق شەرھىلىنىدىغان سۇئاللاردىن نومۇر كەتكۈزۈپ قويغان.
ساقلانغان مەسىلە: ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئوبدان ئىشلىتىپ ئىمتىھان بەرمەي، ئالدىراقسانلىق قىلىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى بۇرۇن بىرىپ بۇلۇپ، چىقىپ ئويناشنى مەقسەت قىلغان، ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتمىغان.
ياخشىلاش تەدبىرى: كېيىنكى مەۋسۈمدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرتەرەپلىمىلىك ئەھۋاللىرىنى ئوبدان ئىگەللەپ، دەرىسكە بولغان چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ.
دىمەك: ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ۋاقتىدىكى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۆگىنىش قىلغان بولسا بەلكىم ھەممە ئاتا- ئانىلار رازى بولغىدەك نەتىنجە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى چوڭ ئىدى، بۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دائىم سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنغان ھەق مەسىلىسى:-
9يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئوقۇش پۇلى، دەرىسلىك كىتاپ پۇلىنى دۆلەت بىر تۇتاش تولۇقلاپ بېرىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار پەقەت دەرىسلىككە يانداش مەشىق، تەتىل تاپشۇرۇقى، ئوقۇغۇچىلار پورمىسى قاتارلىقلارنىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇدۇ. يازلىق تەتىل تاپشۇرۇقلىرى  (___) يۈەن، دەرىسلىككە يانداش مەشىق ۋە بۇ مەۋسۈمدىكى ئەدەبىيات، ماتىماتكا، خەنزۇ تىلى سىناق سۇئاللىرى توپلىمى  (___) يۈەن، مەكتەپ پورمىسى يوقلار ۋە تولۇقلاپ ئالىدىغانلار تاپشۇرغان پۇل (___) يۈەن، ھەمكارلىق داۋالىنىش كېنىشكىسىنى يېڭىدىن بىجىرىدىغانلار  (___) يۈەن، ھەمكارلىق داۋالىنىش كېنىشكىسىنى قايتا تەكشۈرتكەنلەر  (___) يۈەن، ئوقۇغۇچىلار ئارخىپ رەسىمى ئۈچۈن  (___) يۈەن يىغىلدى. بىخەتەرلىك بوشەن ئىختىيارى ئاساستا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، بۇ يىلغا قارىتا سىنىپىمىزدىن  (___) نەپەر ئوقۇغۇچى  (___) يۈەنلىك بىخەتەر بوشەنگە قاتناشتى.
7. سىنىپنىڭ بۇندىن كېيىنكى 2- مەۋسۈملۈك خىزمىتىنىڭ تەسەۋۇر پىلانى:-
(1) ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيلەش ئارقىلىق كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىدە 3-5كىچە ئەلاچى ئوقۇغۇچى، 10-12 كىچە ياخشى ئوقۇغۇچى سانىنى ئاشۇرۇپ يېتىشتۈرۈلىدۇ. ھەممە پەندىن تولۇق ئۆتكەن ئوقۇغۇچى%  (___) دىن ئاشۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پىسخىك تەربىيە كۈچەيتىلىپ، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ بەك كۆيىنىپ ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى خارەكتېر، ياخشى بولغان روھى ھالەتنىڭ يېتىلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
(2) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن- تۈزۈم، ئىنتىزام تەربىيىسى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان سۆھبەتلىشىشنى ۋە تەربىيىنى زىرىكمەي ئېلىپ بېرىپ، سەۋەبسىز دەرىس قالدۇرىدىغان، دەرىسكە كېچىكىدىغان، دەرىس ئىنتىزامى ۋە مۇزاكىر ئىنتىزامىنى بۇزىدىغان قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
(3) ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى تەربىيە، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى،  ئەقلاقى تەربىيە، گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئادىمىيلىك تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئەقلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
(4) ئۆگىنىشكە قويۇلىدىغان تەلەپ يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقايسى سىنىپ ھەيئەتلىرى ۋە يېتەكلىگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دەرىستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى نوقتىلىق يېتەكلىنىدۇ.
8. يېڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى تەلىپى بۇيىچە ئتا- ئانىلار بىلىۋالىدىغان مەزمۇنلار:-
1. ھەر بىر ئائىلە باشلىقلىرى ئۆزىدە ۋە پەرزەنىتلىرىدە تەشەببۇسكار روھىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. ئائىلىدە، مەكتەپتە بار بولغان شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى ھەم ئىلغار يېتەكلەش ئۇسۇللىرنى تېپىپ چىقمىسا ئۇ چاغدا ئۇقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرمىغان بۇلىدۇ.
2. ئائىلە تەربىيسى بىلەن ئۇقۇتۇش تەتقىقات مۇناسىۋىتى بىر- بىرىگە ياندىشىپ تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇقۇتقۇچىلار چۇقۇم ئۇقۇتۇش يېتەكچىسى، تەتقىقاتچىسى، ئائىلە باشلىقلىرى بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ يانداشما يېتەكلىگۈچىسى، ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى پەقەت دەرىسخانىدا دەرىس ئۈتۈش بىلەن چەكلىنىپ قالماي بوش ۋاقىتتا توختىماي ئىزدىنىپ ۋە ماتىريال توپلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق بىلىم ئىگەللىشىگە كۈچ چىقىرىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بولسا بالىلارنىڭ قىزىقىشى بۇيىچە ئەركىن ئۆگىنش شارائىتى ھازىرلىغۇچى.
3. يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىدا ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆگۈنىشىگە نىسبەتەن ياردەمچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇقۇتقۇچى پائالىيىتى ئاساسلىق ئۇرۇندا بۇلۇشىغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇقۇتقۇچى چۇقۇم ئۇقۇغۇچىلار پائالىيىتىنىڭ ئاساسى ئۇرۇندا بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ، بالىلار پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى زۆرۈر.
4. ئۇقۇتقۇچىلار ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆزى بىلەن باراۋەر ئۇرۇندا كۆرىدۇ، ئەگەر باراۋەرلىك بولمايدىكەن ئۆز ئارا چۈشۈنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرىمۇ بالىلارنى ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇندا كۆرىشى زۆرۈر.
5. ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى ئۆزىدە ياخشى بولغان ئەخلاق پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش كېرەك، يەنى ئۇقۇغۇچىلارغا ھەم دادا ھەم ئانا بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سىرداش دوستى بۇلىشى كېرەك، ساپالىق ئۇقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن دوسلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەر قانداق ئۇقۇغۇچىنى ئوخشاش كۆرۈش ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇقۇتقۇچىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋاكالەتچىسى ھەم ئۇلارنىڭ سىرداش دوستى.
6. يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى ئۇقۇتقۇچىلاردا مۇكەممەل بولغان پىسخىك ساپا بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلگىرى ئۇقۇتقۇچىلارنى بىلىم ئامبىرى دەپ ئاتايتۇق،  ھازىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىشلا بۇلۇپلا قالماستىن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەلللەش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىۋى ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەش پائالىيەتلەردە ئۇقۇغۇچىلارنى قايىل قىلىش ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ھىسسىيات ۋە مۇھابەت تەربىيىسى بىرىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇتقۇچى كىتاپلاردا تەرىپلەنگەن ئىسمى جىسمىغا لايىق « ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» بۇلالايدۇ.
7. يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بۇيۇنچە ئۇقۇتقۇچىنى شامغا ئوخشاتماي يۇقۇرى قۇۋۋەتلىك لامپىغا ئوخشاتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى شامغا ئوخشىتىش تىراگىدىيەلىك ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ كۈيۈپ تۈگەيدۇ، ئەمما ئۆز-ئۆزىگە ھىچ قانداق قۇۋۋەت قۇشالمايدۇ، شۇڭا ئۇقۇتقۇچى بۇ تىراگىدىىيەگە مەڭگۈلۈك خاتىمە بىرىپ ئۆزىنى توك قاچىلىغۇچ (充电器) چۇڭدىيەنچىغا ئوخشىتىش كېرەك شۇنداق قىلغاندا ئۇ باشقىلارغا بىلىم بىرىپلا قالماستىن بەلكى ئۆز بىلىمىنىمۇ تولۇقلاپ، يېڭىلاپ تۇرالايدۇ.
9. ئاتا- ئانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر:-
ئائىلە جەمىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى بۇلۇپ، بالىلار مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بۇلىدۇ ۋە ئاتا- ئانىسىغا بېقىنىدۇ. ئۇلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ھەق- ناھەققە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارايدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئورنىدا ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىگە ئايلىنىدۇ. يوقۇرى يىللىقلارغا چىققانسېرى ئاڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ئاتا- ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە قارغۇلارچە ئىتائەت قىلماستىن، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە ئىشلەش دائىرىسى كېڭىيىدۇ. ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويىشى پىسخىك تەرەققىيات سەۋىيىسىدىكى بىر ئىلگىرلەش، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئۆز- ئۆزىگە خوجا بۇلۇش تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى ئاسرىشى لازىم. بالىلارنى سۆيىش ئۇلارغا مەسئول بۇلۇش كىشىلەردە بولىدىغان بىر خىل ھېسىيات، بىراق ھەمىلا ئىشقا چات كېرىۋالماسلىق، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالماسلىق، مۇستەقىل پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۋېلىشىغا ئىلھام بىرىش، پىرىنسىپال مەسلىلەردە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا يول قويماسلىق لازىم.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بالىلار چوڭلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلغاندا، رولسىز پاراخوتقا ئوخشاش نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى جەزمەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەمما تاللاش قابىلىيىتى ئاجىز بۇلۇشتەك پىسخىك ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئىجابىي تەربىيىنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىشى لازىم.
ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنى- قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان بۇلىدۇ، شۇڭا ئۇلار جىملىقتىن قورقىدۇ، ئون نەچچە ياشلىق بالىنىڭ بىر كۈن جىم ئولتۇرۇشى ئىنتايىن قىيىنغا چۈشىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار دائىم يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدۇ، بىكار قالسا ئىش پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بەزى ئويۇنلارنى ئويلاپ چىقىرىدۇ. جىدەل- ماجرا ۋە ئاقىۋېتى يامان قاباھەتلىك ئويۇنلار، ئۇرۇش تالاش، توپلىشىپ چاتاق چىقىرىش، تېتىقسىز پاسكىنا گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مۇۋاپىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ئەڭ مۇھىمى ئائىلىدە تەرتىپلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، مەكتەپتە بولسا ئىككىنجى دەرىسخانا پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بىرىش ھەم ئۇنى يولغا قويۇش لازىم، بۇلۇپمۇ بالىلار مەكتەپكە بېرىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىدە باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى، پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىگەللەپ «كېسەلگە قاراپ دورا بىرىش» مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنى توغرا يولغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، يېڭىلىققا ئىنتىلىش، ئىجات قىلىش روھىنىڭ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىش لازىم، شۇنداقلا مەلۇم مىقتاردا ئائىلە ئىشلىرىغا ئۆگىتىش لازىم. مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدال پىسخىك ئالاھىدىلىگى ۋە قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى لېيفىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتا- ئانىغا يېقىندىن ياردەملىشىش، ئومومنىڭ مال- مۈلىكىنى ئاسراش، تازىلىق ۋە ئەمگەك، كوللىكتىپنى سۆيۈش پائالىيىتىگە ئوخشاش ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنى توغرا تەرەققىيات يولىدا ماھارەت ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بىرىپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ مەكتەپكە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئائىلە باشلىقلىرىغا تۆۋەندىكىدەك تەلەپ قويىمەن:
1) بالىلارنىڭ مەكتەپكە كېچىكمەي تولۇق كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئورۇنسىز  مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈنلەرگە بىرگە ئاپىرىدىغان باھانا- سەۋەبلەر  بىلەن سورايدىغان ئىشلاردىن ساقلانساق.
2) بالىلارنىڭ بىر كۈنلۈك ئۆگىنىش ئەھۋالىنى قەرەرلىك سۈرۈشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسۈتۈپ مەنىۋى جەھەتلەردىن مەدەت بىرىپ ئۆگىنىشتە ئىلگىرلىشىگە ياردەم بەرسەك.
3) بالىلارنىڭ مەكتەپكە بارغىچە، مەكتەپتىن يانغىچە نەلەردە بولغانلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرسەك.
4) بالىلاردا پەيدا بوپ قالغان غەيرى نەرسىلەرنى قايەردىن ئالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەقلاقى تەربىيىنى ئائىلە تەربىيىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى چىڭ تۇتساق.
5) بالىلارغا قالايمىقان پۇل بېرىش، ئورۇنسىز نەرسە كېرەكەرنى ئېلىپ بېرىش، چوڭ يەپ، چوڭ خەجلەش ئىشلىرىغا چەك قويساق.
6) ئۇششاق- چۈششەك خالتىلىق ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك ھەققىدە تەربىيىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتە ئىلگىرلىشى ئۈچۈن دەپتەر- قەلەم قاتارلىق ئوقۇش قوراللىرىنى تولۇق ئېلىپ بەرسەك.
7) بالىلارغا مەلۇم دائىرىدە ئۆزىنىڭ چامىسى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى تاپشۇرۇپ، جىسمانى جەھەتتىكى ساپا ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ چىقارساق.
8) بالىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، سىنىپ مەسئوللىرى بىلەن ھەپتىدە بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئائىلىدىكى ئەھۋال بىلەن مەكتەپتىكى ئەھۋالنىڭ ئانالىزىنى بىرلەشتۈرۈپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ يېتەكلەشنى چىڭ تۇتساق.
  ياش ئۆسمۈرلەردىكى ناچار ئىللەتلەر باشلىنىشىدىلا تاسادىپى يۈز بېرىدۇ، دەل مۇشۇ پەيىتتە ئالدى ئېلىنمىسا تەكرار داۋاملىشىۋېرىش تۈپەيلىدىن، يامان ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن:- 8 ياشقا كىرگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بىر كۈنى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدىن بەش مولۇق پۇلدىن بىرنى تېپىۋالىدۇ- دە، ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ كېتىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ داۋاملىق بازارغا بارسىلا ئادەملەر تارقاپ كەتكىچە ساقلاپ تۇرۇپ، يەنە شۇنداق « ئامەت» نىڭ كېلىشىنى كۈتىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. بارا- بارا ئۇ ئادەملەر بىلەن قىستىلىشىپ تاللا بازىرى ئىچىگە كىرىۋېلىپ، بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا يۈرۈپ« ئولجا» ئىزلەيدىغان بۇلىدۇ، ئاتا- ئانىلىرى سىزىپ قېلىپ بۇ نەرسىلەرنى نەدىن ئالدىڭ؟ دەپ سورىغاندا، تېپىۋالدىم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئاتا- ئانىسى بۇنى قايتا سۈرۈشتۈرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بالىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، دىققەت- ئېتىبارىنى ساۋاقداشلىرىنىڭ بوقچىلىرىغا، خولۇم-خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە، ھەتتا ئۆيىدىكى ساندۇق ئىشكاپلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرغىدەك نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ ئېلىشقا قاراتقان. بۇ ئىش دەسلەپتە ئاتا- ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ھەركەت كۆپ قېتىم توسالغۇسىز داۋاملىشىش نەتىنجىسىدە ئاخىرى تەرەققى قىلىپ ئوغۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆسمۈر جىنايەتچىگە ئايلانغان.
     بەزى ناچار ئىللەتلەرنىڭ تاسادىپىي يۈز بېرىشىدىن ساقلقنىش قېيىن، لېكىن بۇ خىل تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىللەت ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ بىر خىل يامان ئادىتىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. بۇ ئاتا- ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك مۇھىم بىر ئىش. ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار، ياش ئۆسمۈرلەر تەسادىپى شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئەھۋالنىڭ جەريانىنى تەپسىلى ئېنىقلاپ، ئۇلارغا قوپاللىق قىلماي ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن تەربىيە بېرىشى، بالىلارنىڭ قانداق تەلەپ ئارزۇلىرى بولسا ئۇنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلىشى، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇۋاپىق بولغان تەلەپلەرنى قاندۇرۇپ بېرىشى لازىم. ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، ياخشى ئەخلاق، ياخشى پەزىلەتنى تۇرغۇزىشىغا، ياخشى ئىش، ياخشى ھەركەتلەرنى قىلىشىغا ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىلھام بېرىشى كېرەك. ياش ئۆسمۈرلەر كىشىلەرگە پايدىلىق بىرەر ئىشنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختاپ رەھمەت ئېيىتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىدە بىرخىل خوشاللىق تۇيغۇسى تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ بالىلارنىڭ نىمىنىڭ ياخشى، نىمىنىڭ يامان ئادەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىدىكى، ياخشى ئادەتنى شەكىللەندۈرىشىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بۇلۇپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلغىنىمىزدىلا ھەرخىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇنى تۈزىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
دىمەك:- پەرزەنىت ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى ۋە ئەڭ مۇقەددەس شۆھرىتى. شۇنداق ئىكەن ئۇنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ ئارزۇسى ھەم شەرەپلىك بۇرچى. ئىنسان ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئۆزى ئاپىرىدە قىلغان يەنە بىر ئىنساننى توغرا يولغا يېتەكلەش، ساغلام قاتارغا قوشۇشتىن ئارتۇق مەسئولىيەت ۋە ئۇلۇغ مەجبۇرىيەت بولمىسا كېرەك! ئاتا- ئانا بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق ئىستىقبالى ئۈچۈن بۇ ئۇلۇغ مەجبۇرىيەتنى خوشاللىق بىلەن ئادا قىلىش ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇقەددەس ئىشتۇر. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ تەرەققى قىلىشى ياكى خارابلىشىپ ۋەيران بۇلىشى مۇقەررەر ھالدا بىز ۋە بىزنىڭ ۋارىسلىرىمىزنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىغا باغلىق. شۇڭا بىز ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرىمىز ۋە جەمىيەتكە مەسئول بۇلۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشى، چوقۇم ھاياتىمىزنىڭ داۋامى بولغان سۆيۈملۈك پەرزەنىتلىرىمىزنى ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيلەش ئارقىلىق، ياراملىق ئەۋلاد قىلىپ تەربىيلەپ چىقايلى!
(پەرزەنىتلەرنىڭ ئاتا- ئانىلارغا ئېيتىدىغان يۈرەك سۆزلىرى سىنئالغۇدا كۆرسىتىلىدۇ.)


10. ئىنتىزام، ئىتىپاقلىق، ئۆگۈنىش، تازىلىقتا كۆپ شەرەپ تاختىسىغا چىققان ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ( ئانارگۈل غۇجى، بۇئايشەم پەرھات، ئەسقەر ئەنۋەر، نۇسرەتگۈل ھەسەن، گۈزەلنۇر تۇرسۇن ) لار مۇكاپاتلىنىدۇ.
11. ئاتا- ئانىلارنىڭ مەكتەپ، دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سىنىپ خىزمەتلىرىگە بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرى ئاڭلىنىپ، ۋە تىگىشلىك ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ.    (ئاخىرىدا يىغىن قىسقىچە خۇلاسىلىنىدۇ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 03:57  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-19 10:29:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XAM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 07:33
«پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى- ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ...


بۇ مەسىلىنى دەل ۋاقتىدا بايقاپسىز. بۇ ماتىرىيالنى بىر ماتىرىيال يوللاشنى بىلمەيدىغان بىر توردىشىمىزنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللىغان ئىدىم.شام ئەپەندىم سىز ماتىرىياللارنى بەك ياخشى يازغاچقىمۇ سىز يوللىغان ماتىرىياللار كۈرۈلىشى ۋە چۈشۈرلىش سانى كۆپ بۇلىۋاتىدۇ. مىنىڭچە بۇ ماتىرىيال قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تەييارلىغۇچىمۇ باشقىلارنىڭ تەمىنلىشى بىلەن ئۆزگەرتىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن. مەنمۇ ئادەتتە تېما يوللاشنى بىلمىگۈچىلەرنى تەربىيەلەپ ئۆزى يوللاشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بىر قىسىم تور مۇھىتى بولمىغانلار تېما يولاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئالدى بىلەن «ئاپتۇرى كىم؟، ئۆزىڭىز تەييارلىغانمۇ ياكى توردىن چۈشۈرگەنمۇ؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىغاندىن كىيىن ئاندىن يوللايمەن. مەن  قىسقا مۇددەت ئىچىدە ماتىرىيال تەمىنلىگۈچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا قايتا تەربىيە ئىشلەيمەن. بۇ ئۇقۇشماسلىقنى توغرا چۈشۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەمدە سىزنىڭ ماتىرىيالىڭىزدىن پايدىلنىپ ئۆزگەرتىپ يوللانغان ماتىرىيالنى ھازىرلا ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. ئاستىدىكى دەرسلىك دېتال ۋە ئاۋازلىق لىكسىيەمۇ سىزنىڭمۇ؟ ئىنىق جاۋاب بەرگەيسىز....

باھا سۆز

ئاستىدىكىسى مېنىڭ ئەمەس تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-20 01:47
ۋاقتى: 2012-9-20 01:47:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 10:29
بۇ مەسىلىنى دەل ۋاقتىدا بايقاپسىز. بۇ ماتىرىيالنى بىر ...

ئاستىدىكىسى مېنىڭ ئەمەس
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-20 01:53:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XAM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 05:47
ئاستىدىكىسى مېنىڭ ئەمەس


ئۇنداق بولسا مەن ئۈستىدىكى لىكسىيەنى ئۆچۈرۋىتەي. خاتالىق كۈرۈلگەن ئىكەن چۇقۇم تۈزۈتۈش كېرەك. بايقاش دەل سىزگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر باشقۇرغۇچىلار كېرەك. كۆپ رەھمەت سىزگە!

بۇ تېمىنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:11, Processed in 0.406928 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش