كۆرۈش: 6720|ئىنكاس: 15

تورداشلار نىمە ئۇچۇن چ چ دا ساپ ئۇيغۇرچە يازمايسىلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بايقاش تورىنىڭ چ چ توپىغا يىڭىدىن ئەزا بولدۇم. توپتىكى يولداشلارنىڭ يازغىنىغا قارىسام ساقلا پىنىيىن يىزىقىدىكى ئۇيغۇرچە .ئالدىنقى كۇنى بىر دوستۇمدىن چ چ دا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.مەن ئۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر يىڭى ئىرا شىركىتىنىڭ چ چ دا ئۇيغۇرچە يىزىش دىتالىنى( مۇشۇ توردا بار) ئىشلىتىپ باققان ئىدىم.مەن بۇگۇن شۇنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىمكى چ چ دىمۇ ساپ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىكەن.مەشغۇلاتىمۇ ئاددى ئىكەن.تورداشلارنىڭ مالال كۆرمىسە بۇندىن كىيىن چ چ دا ساپ ئۇيغۇر يىزىقىدا پاراڭلاشسا دىگەن ئۇمىدىم بار . بۇنىڭ ئۇچۇن كومىپيۇتىرغا ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش بىلەن ئۇيغۇر خەت نۇسخلىرىنى قاچىلىشىغا توغرا كىلىدۇ.مىنڭچە بۇ تورغا ئەزا ھەربىر يولداشنىڭ كومپىيۇتىرىدا ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش بىلەن خەت نۇسخىسى بار دەپ ئويلايمەن.ئەگەر بۇدىتال بولمىسا توردىن چۇشۇرۇپ قاچىلىۋىلىڭلار.
مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:
چ چ دا پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچقاندىن كىيىن،چىراي ئىپادىسى يوللايدىغان كونۇپكىنىڭ سول تەرىپىدىكى كونۇپكىنى چىكىمىز.(ئىنگىلىزچە     ئا    ھەرىپى بار كونۇپكا) ئۇنىڭدىكى خەت نۇسخىسىنى تاللايدىغان يەردىن ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى تاللاپ قويۇپ،كونۇپكا تاختىسىنى ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇشكە ئالماشتۇرۇپ،يازماقچى بولغاننى يىزىپ بوللىساق بولىدۇ. تورداشلارنىڭ سىناپ بىقىشىنى سورايمەن، ئىشلىتىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ،ئەگەر ئەپلەشمىسە، مىنىڭ چ چ رىم 1781608868

باھا سۆز

ياخشىكەن  ۋاقتى: 2012-6-4 23:18

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-4 08:11:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلساق بۇلاتتى !لېكىن بەزى دوستلار تېلفۇندا چىقىدىكەن ئۇلار بىلەن بۇنداق ۋاقىتتا بۇنى كۆرەلمەيدۇ !
ۋاقتى: 2012-6-4 09:19:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى تەكلىپ بوپتۇ . ھەممىمىز ئۇيغۇر بولغاندىكىن ،ئۆز يېزىقىمىزنى  قوللانساق ياخشى بولىدۇ .بەزىلەر چ چ دىمۇ خەنزۇچە يېزىدىكەن تېخى ،شۇنداقلارغا سەن ئۇيغۇرمۇ دىگۈم كېلىدۇ. تەكلىپىڭىز ياخشى تەكلىپ بوپتۇ مەن قوللايمەن .رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز !رەھمەت سىزگە !!!!
ۋاقتى: 2012-6-4 11:41:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دېتال ئۇيغۇرچە خەتنى يېزىق شەكىلدە يوللىماستىن رەسىم شەكلىدە يوللاش ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم تېلفۇندا چىققانلار بۇ رەسمنى قۇبۇل قىلالماي، قانداق ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي، يەنىلا شۇ ئىنگىلىزچە يېزىشقا مەجبۇرى بۇلىۋاتىمىز. بولسا ئۇيغۇرچە خەتنى بىۋاستە يېزىق شەكىلدە يوللىيالىغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2012-6-4 14:11:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياردەم

مەن چۈشۈرگەنتىم لېكىن پەقەتلا ئىشلىتەلمىدىم.    بۇ نىمە ئۈچۈندۇر.چ چ  نۇمۇررىم    1450583655   مەن ئەزەلدىن  ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۈرىمەن. ئۈگۈتۈپ قويساڭلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-4 14:12  

ۋاقتى: 2012-6-5 11:38:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇيغۇرچە يېزىشنى تەشەببۇس قىلىمەن . بۇ تەكلىپنى بېرىپ ياخشى قىپسىز .
مەنمۇ ھەيران ،بىر قىسىم تورداشلار خەتنى خەنزۇچە يازغاننى ئاز دەپ توردىكى ،چ چ دىكى ئىسمىنىمۇ خەنزۇچە قويىۋالغان خۇددى ئۇيغۇرچە  ئىسىم  تېپىلمىغاندەك .
ۋاقتى: 2012-6-5 16:02:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە......ي......ي ، ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ ! لېكىن ئويغۇرچە يېزىقنى ئەۋەتكىلى بولمايدىدە ! مەن سىناپ باققان ، ئۇچۇر ئەۋەتكەن تەرەپتە ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۋىلىش ئېنكاسى بولمايدۇ . شۇڭا پەقەت رەسىم شەكىلىدە ياكى باشقا دىتالدىن پايدىلىنىپ ئەۋەتكىلى بولىدۇ . مانا بۇ ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ .................................بولدىلا شۇنچىلىكلا دەي .
ۋاقتى: 2012-6-5 16:57:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا ھەيران بولدۇم . تىل بىلەن يېزىقنى ئايرىيالمىغاندەك قىلىسىز ھەم بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرچە سۆزلىمەيۋاتقاندەك مەنە كېلىپ چىقىدىكەن .  تىل بىلەن يېزىق ئوخشىمايدۇ دوستلار بۇنى ئېنىق ئايرىپ ئاندىن بىرنەرسە دەيلى . مەيلى قانداق يېزىقتا ئىپادىلەيلى بىز يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز . كومپيۇتېر بىزگە كىرگەندىن بۇيان بىزنىڭ يېزىقىمىزغا يەنە بىر قېتىم يېزىق تاللاش كېلىپ قالدى ، بۇنى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىمىز ھەل قىلىپ UKY ( ئۇيغۇر كۆمپيۇتېر يېزىق ) ىنى قوللىنىش ئۈچۈن يۇقۇرىدا مۇنبەرداشلار تىلغا ئالغان ( پىنيىنچە يېزىق ) نى ئىجات قىلغان ئىدى، بۇنى كوپۇنچىمىز مۇشۇ بويىچە ئاتاۋاتىمىز . ئەمىليەتتە بۇنىڭ ئاتىلىشى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى ئىدى . بۇنىڭدا يەنىلا بىز سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ ، شۇڭا ساپ ئۇيغۇرچە تىلدا سۆزلىشەيلى دېگەن سۆز پۇتۇنلەي خاتا ئاتاش . مەنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىشەيلى ئەمەس ئۇيغۇركونا يېزىقتا سۆزلىشەيلى دېيىش  ئەڭ توغرا ئاتاش . مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتلەر رۇس ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىگە كرىل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ چىقىپ رۇس ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىپادىلىگەن . بۇنىڭ ھەرپلىرىگە قاراپلا ئۇنى ھېچكىم رۇس تىلى دېمەيدۇ .( پەقەت سىز رۇس تىلى ھەرپلىرىنى بىلىپلا ئوقۇسىڭىز چۈشۈنەلەيسىز ) . ئىشەنمىسىڭىز ئۆزبېكچە تور بېكەتلەرگە كىرىپ باقسىڭىز بىلىسىز ، ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ ، خالىسىڭىز رۇس ھەرپلىرىنى ئۆگۈنۈپ ئوقۇپ بېقىڭ .بۇ يەردە ئىككى يېزىق ئارقىلىق بىر تىلنى ئىپادىلەيدۇ خالاس .
يۇقۇرىدا دېيىلگەندەك ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى دېگەندىن ھازىرقى كونا يېزىقتا پاراڭلاشساق دېسەك مەنچە توغرا بولىدۇ . مەنچە سىز دەۋاتقان پىنيىنچە بولسۇن ،ياكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىدا سۆزلىشىڭ سىز يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىسىز . مەسىلەن :

Avh urarmen , avh urarmen
Avhlirim tutqay seni
Koz yeshim derya bolup
Beliqlirim yutqay seni

ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى

مانا بۇ بىر كۇپلىت شېئىر ئىككى خىل يېزىقتا بىر تىلدىكى ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ . شۇڭا مەنچە مائارىپ تور بەتلىرىدە بۇنداق خاتالىقلارغا يول قويۇلمىسا دېگەن ئۇمۇتتىمەن .
كەچۇرۇڭلار ئارتۇق سۆزلەپ قويغان يەرلىرىم بولسا ياكى خاتا تەرەپلىرىم بولسا دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرساق دېگەن ئۇمۇدتىمەن .  
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-5 17:26  

باھا سۆز

قوللايمەن!  ۋاقتى: 2012-6-5 17:22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-5 17:40:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ مەن ئۈچۈن مىنىڭ بىر خاتالىقىمنى تۇزىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن رەھمەت ئىيتىمەن،شۇنداقلا بارلىق تورداشلاردىن مىنىڭ بۇ سەۋەنلىكىم ئۇچۇن خاتا چۇشىنلگەن جايلار بولسا كەچۇرۇم سورايمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-5 17:45:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
apande يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 16:02
ھە......ي......ي ، ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ ! لېكىن ئوي ...

كەچۇرىسىز، مەن بۇ ئىشنىڭ تىخنىكا تەلىپىنىڭ بۇنچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تازا ئىنىق ھىس قىلماپتىمەن.مىنىڭ كومپيۇتىرىمدا يىزىق نورمال كۆرۇنگەندىكىن باشقا كومپىيۇتىرلاردىمۇ شۇنداق دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.مەن ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ پىروگراممىرلىرىمىزمۇ چوقۇم بۇ مەسلىنى پات ئارىدا ھەل قىلغۇسى...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش