| مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى كۈچەيتىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەميئەت بەرپا قىلايلى.. ھەممىزگە مەلۇم،مىللەتلەرئىناق-ئىتتىپاق بولمىسا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۇچەيتىش جەميئەت مۇقىملىقىنى ساقلاش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالى مەنپەئىتى،شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلىقىنڭ بۇيۇك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى. شۇنداق ، تەرەققىيات چىڭ قائىدە بىز تەرەققى قىلىمىز ، گۇللىنىمىز روناق تاپىمىز ،دەيدىكەنمىز چۇقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىنى كۈچەيتىشىمىزئۇنىكۆزقارچۇغىمىزنى ئاسىرغاندەك ئاسىرشىمىز كېرەك . نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئسپاتلىدىكى ئۇرۇمچىدىكى يۇزبەرگەن 5-ئيۇل ۋەقەسىنىڭ چوڭقۇر سىياسى ئارقاكۇرنىشى بار بۇلۇپ ئۇنى مىللەت بۆلگۇنچى ئونسۇرلار ئەستايىدىل پىلانلىغان رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇچ خىل كۇچ چىگرا سىرتىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغان چىگرا ئىچىدىكىلەر ھەرىكەت قىلغان تەشكىللىك مەخسەتلىك نىشانلىق بولغان ئېغىر جىنايەت ۋەقەسى ،يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭدا يۈزبەرگەن خارەكتىرى زىيىنى ئىنتايىن يامان بولغان قەبىھ ۋەقە .زوراۋان جىنايەتچىلەر نىڭ ھەركەتلىرى كىشىنى تۇلىمۇ غەزەپلەندۇرىدۇ ،ۋە ئېچىندۇرىدۇ،ئويغا سالىدۇ.بۇقېتىمقى ۋەقەنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىشنىڭ مەخسىتى تىنىچ ئىناق ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇش مللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىش ،دىمەك ئۇلارنىڭ قىلمىشى ،مەخسىتى يامان ئاقىۋىتى ئېغىر ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ كىلىدىغان ھەركەت .ئەگەر بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيىمىز روناق تاپقۇزۇمىز قۇدىرەت تاپقۇزۇمىز تەرەققى قىلدۇرۇمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم مىللەتلەر ئىتىتىپاقلىقىنى كۇچەيتىشىمىز ،ئۇنىڭدا چىڭ تۇ رىشىمىز ،ئۈچ خىل كۈچ ،تۆت خىل ئونسۇرلار بىلەن ھەرۋاقىت بايرىقىمىز رۇشەن مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك .ھەمممىىز مۇقۇملۇق بەخىت قالايمىقانچىلىق ئاپەت دەيدىغان ئېدىيەدە مۇستەھكەم تۇرۇپ قەتئى تەرۋەنمەي ،چىگرا ئىچى سىرتىدىكى زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار نىڭ مەخسىتىنى ئشقا ئاشۇرۇشقا قەتئى قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك .سوتسىيالىستىك ئىناق جەميەت بەرپا قىلىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم ھەرمىللەت خەلقى ئىناق-ئىتىپاق بۇلۇپ قولتۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ پەقەت بىر نىيەت بىر مەخسەتتە تىرىشقاندىلا ئاندىن شۇمەخسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ .يولداشلار مىللەتلەر ئىناق-ئىتىپاق بولسا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قۇدىرەت تاپىدۇ گۇللىنىدۇ .روناق تاپىدۇ ،ئەكىسچە بولغاندا ۋەيران بۇلۇپ زوراۋانلىققا يۈزلىنىدۇ ،شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەتەننىڭ بىرلىگى ۋە جەميەتنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش باشتىن ئاخىر شىنجاڭنىڭ ئۇمۇمىيتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ،مىللى بۆلگۇنچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ھەركەتلىرى ،ۋەتىنىمىزدىكى ھەرمىللىەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۇشمىنى . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يەنە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،تەرەققىياتنى ئورتاق نىشانلاپ،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ – شىمالىدا مىسلىسىز ھاياتىي كۈچنى نامايەن قىلدى. ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سانائەت،يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلدىن يىلغا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ ، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق بېيىپ،تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلەندى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىقتىسادى،ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى سىجىل ، ساغلام ئىچكى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنى كۈنسىرى باياشات ۋە گۈزەل زىمىنغا ئايلاندۇردى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقىنى قوغداش ۋە ساقلاش _ نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە.مۇقۇملىق كىشلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى،جەمئيەتتە داۋالغۇش بولۇپ،تەرتىپ بۇزۇلسا، كىشلەر ئەقەللىي ئىززەت ھۆرمىتىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇش شارائىتى ، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ،ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى ساقلاش ئىنسانلار ئومۇمىيۈزلۈك ئىتراپ قىلغان تۈپ مىزان ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇەىم نىشانى،شۇنداقلا ھەر بىر پۇقرانىڭ تۈپ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى.بۇنىڭ ئۈچۈن،شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەر دەرىجلىك تەشكىلاتلار ھەركەتكە كېلىپ،خەلق ئاممسنىڭ ئاساسى تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ،ئاممغاسياسەتنى تەشۋىق قىلىپ،ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۇمۇمىيىتىگە كاپالاتلىك قىلىشى؛پارتىيە ئەزالىرى،بولۇپمۇ ھەر دەرىجلىك رەھپىرى كادىرلار نەمۇنىلىك،باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ،ئىجتىمائىي مۇقۇملىقنى،سوتسيالستىك قانۇنچلىقنى ۋەخەلق ئاممسىنىڭ تۈپ مەنپئەتىنى قوغداپ ، خەلق ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكللەپ ۋە يىتەكلەپ،ئىجتمائىي مۇقىملىقنى ساقلايدىغان قۇدىرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش ۋە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. قانۇن ئىجتمائىي مۇقۇملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سوتسيا- لىستىك قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى،ئىززەت- ئابرويى ۋە نۇپۇزىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرادىن دۆلەت قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار ، ئامما سەگەك بولۇپ ، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئاكتىپ ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ ، ئورتاق گۈللەنگەن ، تەرەققىي قىلغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۆزىدىن ۋە ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ ، ئىغۋا تارقاتماسىلىقى ، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى ، كۈشكۈرتۈش ، قۇتراتقۇلۇققا ئۇچرىماسلىقى،قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەرگە قاتناشماسلقى ، قانۇنسز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلرىگە قارشى قەتئي كۆرەش قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە جەمىئيەت مۇقۇمىلقىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك. دېڭ شىياۋپىڭ ئېيىتقاندەك: << تەرەققىيات چىڭ قائىدە >>.تەرەققىيات بولمسا،جەميئەت ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ،خەلىق تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ ۋەياخشىلانمايدۇ.بەلكى،تەرەققىيات مۇقىم ئىجتمائىي مۇھتنىڭ كاپالتىگە تاينىدۇ،مۇقىم ئىجتمائىي مۇھىت بولمسا،خەلقنىڭ خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇشىغا ئىمكانىيەت بولمايدۇ،خاتىرجەم ترىكچلىك قىلشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىمىز ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغانلىقتىن ، دۆلىتىمىز ئىسلاھات ،ئېچىۋىتشنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئىقتىسادى،ئىجتمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىيارلىق شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى،شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتىدە زور ئىلگىرلەش بولۇپ،ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقۇملاشتى.خەلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش،تۇرمۇش تەرتىپى نورماللاشتى.خەلىقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈك-سىز ئېشىۋاتىدۇ . ۋەزىيەت بارغانسىرى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلەن-مەكتە.شۇنداقتىمۇ يەنە ھازىر خىلمۇ خىل مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت ، مۇقۇملۇقنى ساقلاش ئامىللىرى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر . شۇڭلاشقا ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلىق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار ،ئورۇنلا ر ۋە پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلا ر ، ئامما ئىدىينى مەركەزنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمى ،خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، مۇقۇملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن بۇيانقى 60 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلەرنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن قوغدىشى كېرەك . تەشكىلى رەھ-بەرلىكنى كۈچەيتىپ ، موقۇملۇقنى ساقلاش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ ، ھەر تەرەپنىڭ كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ ، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك . يامان ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشىقا تەييارلىق كۆرۈپ ، ئالدىن بىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ ، خىزمەت لاھىيسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگنلەش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىپ،يوشۇرۇن ھالاتنى بىخ ھالىتىدە تۈگۈتۈپ ، مەسىلىنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش كېرەك . ئاممىۋىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ، تەشۋىقات ، تەربىيە پائالىيىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇش ، پارتىيىنىڭ فاڭجىن –سىياسەتلىرى ۋە دۆلەت قانۇنىنى ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن،ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەسىرلىك ئىش پائالىيەتلىرىنى ، << ئىتتىپاقلىق ، مۇقىملىق _ بەخت ، بۆلگۈنچىلىك،مالىمانچىلىق _ ئاپەت >>دېگەن قائىدىنى تەشۋىق قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداش كېرەك . ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىپ ، ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇش ، موقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىپ ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇخىتىلاش كېرەك . قانۇن ئالدىدا ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش ، قانۇنغا چېقىلغانلارنى قانۇن بويىچە ئېغىر،تىز ،جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ ، قانۇننىڭ ئىززەت ئابرويىنى قەتئىي قوغداش ، ھازىرقىنى ھەل قىلىش بىلەن كەلگۈسىنى پىلانلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، شىنجاڭ ، بولۇپمۇ ، جەنۇبى شىنجاڭ قاتارلىق قىيىنچىلىقى باررايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش،مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت ، تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەت _ لەندۈرۈپ ۋە ياخشلاپ ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈللەنگەن ، مۇقىم قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ، ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختىيار قىلىش كېرەك . يۇقۇردىكى ئەمىلىي پاكىتلار ، ھازىرقى كەسكىن ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ، ئىدىيۋى تۇنۇشىمىزنى مەركىزى كومېتىت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومېتىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ شىنىجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسدىكى ئالاقىدار روھى ئاساسدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، ئىرادىمىزدىن قورغان ھاسىل قىلىپ ، يۈكسەك سياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك . ئىدىيىدە يەنىمۇ بىرلىككە كېلىپ ، تۇنۇشنى ئۆستۈرۈپ ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ رەزىل ماھىتنى تولۇق تۇنۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنى-مىزنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش خىزمىتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلۈكى ، مۈش-كۈللىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تۇنۇشىمىز كېرەك شۇڭابىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى گۇزەل قىلىپ قۇرىمىز ،قۇدىرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز ،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۇچەيتىپ ،مىللەتلەر ئىناق ئىتتىپاق بۇلۇپ ۋەتىنىمىزدىن،ئىبارەت بۇچوڭ ئائىلىنى جانتىكىپ قوغداپ ھۇشيارلىقنى ئۆستۇرۇپ قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى بۇزىدىغان مىللەتلەر ئارا بۆلگۇنچىلىك سالىدىغان ھەرقانداق ئش، ۋە ھەركەتلەرنى قەتئى قىلماسلىقىمىز كېرەك ،شۇنداق بولغاندا سوتسىيالىستىك مۇقىم، ئىناق ،باياشات بەخىتلىك جەميەت بەرپا قىلالايمىز. بىز مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، << ئۈچ ئايرىلالماسلىق >> ئىدىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ، ھەمنەپەس ، تەقدىرداش ، قەلىبداش بولۇش ، جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش ، قان بىلەن گۆشتەك قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنتىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ ، ئورتاق گۈللەنگەن ، راۋاجلانغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . شۇنداق بولغاندا سوتسىيالىستىك مۇقىم ، ئىناق ، باياشات بەخىتلىك جەميئەت بەرپا قىلالايمىز.
مەنبەسى :ئۈزەم
زەپەر
2012-5-21 |
|