| تۇرسۇن مۇئەللىمنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ-تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتىكى ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆز خىزمەت ئورنىدا لاياقەتلىك خىزمەتچى ھېسابلانسا، ئائىلىدە يەنە بىر لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭمۇ ئەينى چاغدا بەختلىك بىر ئائىلىسى بولغان بولۇپ، بىراق تەقدىرنىڭ رەھىمسىز چاقچىقى بىلەن ئايالى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ پالەچ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك يۈكى شۇنداقلا ئىككى ئوغلىنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىگە يۈكلىنىدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ئۆيدە تاماق ئېتىش، كىر قات يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشكىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2006-يىلى تۇرسۇن مۇئەللىم ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنە بىر دەرىجىدە ئېغىرلايدۇ. تۇرسۇن مۇئەللىم بۇ كوللېكتىپقا باش مەسلىھەتچى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلاردا بولىدىغان ئۆزىنى كەمسىتىش، ھاياتقا بولغان خاتا قاراشلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم قىلىپ، ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇشسىز قالغان بالىلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئاددىي-ساددا سۆز ھەرىكىتى، تەسىرلىك ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەممىمىزگە ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدىغان تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم مانا ھازىر مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەر نامزاتىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ. ھەممىمىز مانا بۇ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىمىزغا بېلەت تاشلاشنى ئۇنتۇمايلى ! بىلەت تاشلاش ئادرېسى: http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htm تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللمنىڭ ۋاكالەت نۇمۇرى: 051 كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئۇستازىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنبە: ئۇلىنىش.س ن تورى |
|