پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرلاردا پىچاق مەدەنىيىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
58
قىزغىنلىق
344 سەر
تىللا
0 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
51 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 00:31:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا پىچاق مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى تاش قوراللار دەۋرىدە تاشتىن، برونزا(كۈك مىس)قوراللىرى دەۋرىدە مىستىن، تۈمۇر قوراللىرى دەۋرىدە تۈمۇردىن ھەر خىل پىچاق ۋە خەنجەرلەرنى ياساپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۇنى كۈپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ، ئۈتكۇر، نەپس- كۈركەم، ھالەتكە كەلتۇرۇپ پىچاقتىن ناھايىتى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ، ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرى داۋاملىق دەلىللەپ كەلدى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردىكى پىچاق مەدەنىيىتى ئۇيغۇر قول ھۇنەر سەنئىتى ۋە يىپەك يولى سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ راۋاجلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۈتكۇر، نەپس،كۈركەم ۋە مەپتۇنكار پىچاق مەھسۇلاتلىرى بىر تەرەپتىن ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمى ھېساپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ھېساپلانغان. پىچاققا ئىشلەنگەن ھەر خىل نەقىش-بېزەكلەر ئۇيغۇر ھۇنەر- سەنئىتىنىڭ گۇلى ۋە ئىستېتىك بۇلىقى بولۇپ، بۇنداق خاس مىللىي نەقىشلەر ئەمگەك رېتىمى، تۇرمۇز رېتىمى، ھەر خىل گارمونىك،رەڭدارلىق ۋە تۇرلۇك مىللىي شەكىل نۇسخىلىق ئالامەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى روھىي ھىسسىياتىنى ۋە ئىستېتىك قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەڭگۇلۇك زوقلانغۇچ ئىستېتىك قىممىتى كۇنسايىن ئېشىپ بارغان. شۇڭا ئۇيغۇر پىچاقلىرى يەنە ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر قول-ھۇنەر سەنئىتى خۇسۇسەن پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ نەق ماددىي پاكىتى ۋە تارىخىي گۇۋاھچىسى سۇپىتىدە، مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك ھەم تارىخىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ.

بۇگۇنكى كۇندە ئۈزىنىڭ ھەر خىل داڭلىق ماركىسى ھەم كۈركەم، نەپىس، گۇزەللىكى بىلەن جوڭگو ۋە چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئۇيغۇر پىچاقلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇر خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئەڭ نەپىس مەپتۇنكار بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ھەم مۇھىم ئىجتىمائىي ئۇنۇم يارىتىۋاتىدۇ.

شۇڭا ئۇيغۇر پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخىي قاتلاملىرىنى يورۇتۇش ۋە ئۇنى پىچاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تارىخىي مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش- ۋىجدانىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ۋىجدانى پاك، ئىمانى كامىل تارىخچىلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بولسا كېرەك.

مەنبەسى: ئانا دىيار تورىدىن.


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 09:56:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق»بولۇپ قالدىمۇ-نېمە؟

باھا سۆز

ئابلىمىت شۇنداق  يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 14:49:46
نۇرزىبا بۇ گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟مەكتەپ ئەپەندىم بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن باي تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 13:04:37

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
866 سەر
تىللا
603 دانە
تۆھپە
619 سەر
شۆھرەت
711 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 13:04:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 09:56
«قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق»بولۇپ قالدىمۇ-نېمە؟

بۇ گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

مەكتەپ ئەپەندىم بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن بايقاشتىن كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بۇلىۋاتىمەن.
بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:02, Processed in 0.155794 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش