| 2005-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئىشلەنگەن تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاچچىق ھايات . ھازىر ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىرى . بۇ فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ مەھمەت (كىنودىكى ئەسلى ئىسمى : Mehmet Kosovalı ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار مۇھەممەد دەپلا تەرجىمە قىلىۋالغان) ، جەسۇر ۋە ئەركەكلەرگە خاس ئوبرازى بىلەن نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى . شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ كۆڭۈل ئارزۇسى بويىچە ئۇنىڭ ماتىرياللىرىنى يوللىدۇق .
 ئسمى :كىنان ئىمىرزالىئوگلو تۈركچە يېزىلىشى : Kenan İmirzalıoğlu تۇغۇلغان ۋاقتى :1974-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى يۇرتى : تۈركىيە . ئەنقەرە مىللىتى : تۈرك كەسپى : ئارتىس ياراتقان ئوبرازلىرى : Yusuf Miroğlu (Deli Yürek) Mehmet Kosovalı (Acı Hayat) Ezel قىسقىچە تارىخى : ئەنقەرەدە تۇغۇلغان كىنان ئىمىرزالىئوگلو ئىستانبۇل يىلدىز پەن تېخنىكا ئۇنۋېرستېدا ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان . 1995-يىلى مودىللىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ۋە دوستلىرىنىڭ قوللىشى ۋە قۇۋۋەتلىشى بىلەن مودىللىق ساھەسىدە دۇنياۋى شۆھرەتلەر قازانغان . 1999-يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئېلىشقا باشلىغان ، ئۇ تالانتلىق مودىل ۋە داڭلىق كىنو ئارتېسى بولۇپ كىنولاردا ياراتقان ئوبرازلىرى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىرىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە . ھازىر ئىشلەۋاتقان كىنوسى : ئەزەل (تۈركىيە ATV تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىۋاتىدۇ)
|
|