ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ ئازابلايدىغان 9 جۈمىلە سۆز
ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىنى، پەرزەنتىگە بولغان سۆيگۈسىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ كۈل بولۇشقا رازىكى، پەرزەنتىنىڭ بەختى، شادلىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن ھەر ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ، بىر پەرزەنتى قاتارغا قوشۇپ بولغۇچە ئۇلارنىڭ يىمىگىنى پوق، كىيمىگىنى يىرتىق ماتا بولىدۇ... ئەپسۇس، بىزلەر بەكلا ئۇنتۇغاقمۇ، نادانمۇ، بىئەقىلمۇ، نائىنساپمۇ، تاش يۈرەكمۇ، ئىشىقىلىپ بەزى گەپلەرنى بىلىپ ياكى بىلمەي "گەپ قىلدىم" دەپ دەۋىتىپ سالىدىكەنمىز، ئەمما بىزنى مىڭبىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ، قاتارغا قوشۇپ، قانات-قۇيرۇقىمىزنى قىرقىپ، پەپىلەپ بۈيۈكلەر قاتارىغا قوشقان ئاشۇ ئەزىزلەرنىڭ دىلىنىڭ قانچىلىك زېدە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ تۆۋەندە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشارە بولسۇن ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنى ئەڭ ئازابلايدىغان 9 جۈمىلە سۆز بېرىلدى. شەپقەتلىك ئاللاھ ھەممىمىزگە شاپائەت، كەڭ قورساقلىق، مۇلايىملىق، مېھىر-مۇھەببەت، مەغپىرەت، گۈزەل قەلب ئاتا قىلسۇن! 1. بولدى بولدى، بىلدىم، كوتۇلداۋەرمىسەڭچۇ؛ 2. بىرەر ئىش بارمىدى؟ ئىش بولمىسا (تېلېفۇننى) قويىۋەتتىم ھە؛ 3. دىسەممۇ بەرىبىر چۈشەنمەيسەن، سورىمىغىنە بولدى؛ 4. ساڭا قىلالمايسەن دەپ تالاي قېتىم دېدىم، قىلساڭمۇ بىر يىرى بىر قانداق؛ 5. ئۇ قائىدەڭلارنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى؛ 6. ساڭا ياتىقىمدىكى نەرسىلەرگە تەگمە دەپ نەچچە دېدىم، سېنىڭ قولۇڭ تەگسىلا ھېچنىمىنى تاپالمايمەن؛ 7. مەن نېمە يېيىشنى بىلىمەن، قورسىقىمنىڭ غېمىنى قىلىۋەرمە؛ 8. ئاشقان قورۇمىلارنى يىمەڭلار دەپ نەچچە دېدىم، نېمىشقا گەپ ئاڭلىمايسىلەر؟ 9. مېنىڭمۇ ھەسسەم بار، دەۋەرمىسەڭچۇ، زېرىكمىدىڭمۇ؟ |