| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-22 23:19
باشلانغۇچ مەكيەپلەر ئۈچۈن تىل-ئەدەبىيات 3-يىللىق 2-مەۋسۈم
23.ئەلكېزەر قۇياش
دەرس تەييارلىغۇچى:ھۆريەم ياقۇپ باي ناھيە قېيىر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن
23.ئەلكېزەر قۇياش شېئىر ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم ئىقتىدار نىشانى: ئوقۇغۇچىلار بۇ شېئىرنى توغرا،راۋان،ھسسياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇيالايدىغان بۇلۇش ، ھەمدە شېئىر ئىچىدىكى قىيىن سۆزلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش. قۇياشنىڭ تىنىمسىز ئايلىنىش ھەركىتى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى بىلىۋېلىش. جەريان ۋە ئۇسۇل: شېئىرنى ئىنتۇناتسىيە بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇش،ھەربىر كۇبلىت شېئىرنى رەسىمگە باغلاپ سۆزلەش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ،ئىلھام بېرىش ئارقىلىق دەرسكە قىزىقتۇرۇش. ھېسسيات ۋە پوزىستىيە نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا بۇ شېئىرنى ئۆتۈش ئارقىلىق قۇياشنىڭ پائالىيەت جەريانىنى بىلىش بىلەن بىرگە قۇياشنىڭ يۇرۇقلۇقنى،ئىسسىقلىقنى ھىچ ئايىماستىن تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتكە تەقدىم ئىتىدىغان تىنىمسىز،مىننەتسىز تەرەپلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ،ھەر قانداق ئىشتا باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئويلايدىغان پىداكارلاردىن بۇلۇش،ھاياتلىقنى سۆيۈش،قەدىرلەش ھەققىدىكى ھىسياتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش.شۇنداقلا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىش ئىرادىسىگە ئەكىلىش. مۇھىم نۇقتا: • شېئىرنى توغرا،راۋان ھسسياتلىق دىكلاماتسسيە قىلىش، شېئىر مەزمۇنىنى بىلىش قىيىن نوختا: شېئىردىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە قۇياشنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى ئەترەپلىق بىلىش.. دەرس تىپى ۋە دەرس سائىتى: • بۇ دەرس شېئىر بۇلۇپ،بىر سائەت ئۆتۇلىدۇ • دەرستىن ئاۋالقى تەييارلىق • قۇياشنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ھالىتى كۆرسىتىدىغان مودىل،بۇ دەرىس ئۈچۇن تەييەرلانغان رەسىملىك ئوقۇتۇش دىتالى ،ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئورنىنى تەق قىلىش......... ئوقۇتۇش جەريانى: ¡ 1.ئوقۇغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. سىز قۇياشنى بىلەمسىز؟(قۇياشنىڭ سۆرىتىنى كۆرسىتىپ‹‹ مۇشۇمۇ؟›› دەپ سورىلىدۇ.) قۇياشنىڭ قانداق رۇلى بار؟قۇياش ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟................ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك تېپىشماق سورىلىدۇ. تېپىشماق ئۆزى دۈگىلەك ئالتۇن شار، يەر –جاھانغا نۇر چاچار. تىرىكلىكنىڭ ئانىسى، ھارارەتلىك مېھرى بار. كائىناتتا ئايلىنار، ئاي – يۇلتۇزلار بېقىنار. يەر شارىمۇ كۆكسىنى ، تۇتۇپ ئاڭا ئىسسىنار. ئاڭا جىمى جانلىقتا، ئىنتىزار بار ھۆرمەت بار. ئازادلىققا سىموۋول، ئۇ يوق يەردە زۇلمەت بار. پىكىر قىلىڭ ئوبدان دوست، جاۋاب بېرىڭ تېز، راۋۇرۇس . جاۋاپ:قۇياش،كۈن. • 2 . ئېكراندا ماۋزۇ كۆرسىتىلىپ، دەرس رەسمى باشلىنىدۇ 3 .ماۋزۇ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ. ئەلكېزەر قۇياش ــــ يەر شارى ئۆز ئوقۇدا ئايلىنىدۇ،بۇ جەرياندا قۇياش ئسسىقلىق ئىنىرگىيەسى بىلەن يۇرۇقلۇق ئىنىرگىيەسىنى يەريۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرگە تەقدىم ئىتىدۇ؛قۇياش ھەرقايسى ئەللەردىكى ھەربىر ئادەم،گۇل-گىياھ....قاتارلىق بارلىق مەۋجۇدىيەتكە يىتىپ بارىدۇ؛قۇياش كۆپچىلىكنىڭ......دېگەن مەنىلەردە. 4.قۇياش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىدۇ. قۇياش – سامانيولى سىستىمىسىدىكى تورغۇن يۇلتۇزلادىن بىرى،يەنى كۈن.ئۇ ئوتلۇق گاز شارى بولۇپ ،ھەجىمى يەر شارىدىن بىر مىليۇن 300مىڭ ھەسسە چوڭ. يۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرسى 6000 سېلسىيە گىرادۇس .يەر شارى ۋە باشقا پىلانىتلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇرۇقلۇق،ئىسسىقلىق ئالىدۇ.......... 5.بۇ دەرسنىڭ شېئىر ئىكەنلىكى،شېئىرنىڭ ئېنىقلىمىسى بېرىلىدۇ. شېئىرـــــ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ھىسسىيات ۋە مول تەسسەۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق، ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلەپ بىرىدىغان، ئوبرازلىق تىل ۋە يېقىملىق ئاھاڭ،مۇئەييەن رېتىمغا ئىگە ئەدەبىي شەكىلدىن ئىبارەت. 6.شېئىر ئۈلگىلىك ئوقۇلىدۇ. 23.ئەلكېزەر قۇياش غەربتىكى ئاق بۇلۇت، شەپەق بولدى،قىزاردى. كۈن شەرقتىن ئۆرلىگەن، غەربكە كېلىپ ئولتۇردى قۇياش بەكمۇ ئالدىراش، بىر كۈن تىنىم تاپمىدى. گۈلگە بەردى نۇرىنى، مايسىلارنى ئۆستۈردى. بالىلارغا ئەگىشىپ، دولقۇن بىلەن يۈگۈردى. ھەممە كىشى ھەممە ئۆيگە، شادلىق بېرىپ ئۈلگۈردى. كۈن غەربكە پاتماقتا، ئەمدى نەگە بارار ئۇ. بىزلەر ئۇخلاپ قالغاندا، باشقا ئەلنى كېزەر ئۇ. ئاشۇ يىراق ئەللەردە، بىزگە ئوخشاش دوستلار بار. نۇرغا تەشنا گۈل-چېچەك، كۆچەت، مايسا، قۇشلار بار. شۇ تاپ شېرىن ئۇخلىشار، كۈننى چۈشەپ چىقىشار. 7.يېڭى سۆزلەر چۈشەندۈرىلىدۇ. چۈشەندۈرىلىدىغان يېڭى سۆزلەر: 1).غەرىپ - دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى؛شەرققە قارىمۇ-قارشى تەرەپ ؛كۈنپېتىش. 2).شەرق - دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى؛ غەربكە قارىمۇ-قارشى تەرەپ ؛ كۈنچىقىش. 3).شەپەق - كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق. 4).تىنىم تاپمىدى - توختىماي،دەم ئالماي(تىنىم تاپماي ئىشلەش). 5).مايسىلار - زىرائەتنىڭ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىنكى ئۆسكەن يۇمران تېنى. 6).دولقۇن - دېڭىز-ئوكيان ،كۆل سۇلىرىدا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك چايقاق(دېڭ دولقۇن ىز دولقۇنى).②تەۋرىنىشنىڭ جىسىمدىكى تارقىلىشى(ئاۋاز دولقۇنى)③كۆچمە مەنە:كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى ھەرىكەت(ئىنقىلاب دولقۇنى).④ئىچكى كەچۈرمىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى(قەلب دولقۇنى).⑤ئەرلەرنىڭ ئىسمى. 7)ئەلكېزەر - سەرگەردان ،مۇساپىر،يۇرتمۇ –يۇرت،شەھەرمۇ شەھەر ئارىلاپ يۇرىدىغان. 8).تەشنا - سۇسىرىغان،چاڭقىغان (سۇغا تەشنا) كۆچمە مەنە:مۇھتاج،ئىنتىزار(تەشنا بولماق). 8.ئوقۇغۇچىلارغا شېئىرنى ئوقۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ. 9. ھەربىر كۇبلىت شېئىرنى مۇناسىۋەتلىك رەسىمگە باغلاپ ،مۇلاھىزە قىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزىتىش،كۈزەتكىنىنى دادىللىق بىلەن سۆزلىتىش ئارقىلق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرىلىدۇ.سورىلىدىغان سۇئاللار جانلىق بۇلىدۇ. 10.رەسىمنى كۈزىتىش ئارقىلىق قۇياشنىڭ ھەركەت پائالىيىتى ئىگىلىتىلىدۇ.قۇياشنىڭ شەرقتىن چىقىپ،غەرپتە ئولتۇرۇش جەريەنىدىكى ئىنسانلار بىلەن بولغان باغلىنىشى جانلىق سۇئاللار ئارقىلىق ئەتراپلىق ئىگىللىتىلىدۇ. 11.ئوقۇغۇچىلارغا تۆۋەندىكى بوش ئۇرۇنغا مۇۋاپىق سۆز قۇيۇپ، سۆز بېرىكمىسى تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ‹‹قۇياش›› دېگەن سۆزگە سۆز بېرىكمىسى تۈزەش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرىلىدۇ. ( ئىللىق ) (چىقىش ) ( نۇرلۇق ) } قۇياش قۇياش { (ئولتۇرۇش،پېتىش) ( ئالتۇن ) ( نۇرى ) 12.خۇلاسە(ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىلىدۇ، تەسىرات سۆزلىنىدۇ). ئوقۇغۇچىلارغا قۇياشنىڭ پائالىيەت جەريانىنى بىلىش بىلەن بىرگە قۇياشنىڭ يۇرۇقلۇقنى،ئىسسىقلىقنى ھىچ ئايىماستىن تەبىئەتتىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتكە تەقدىم ئىتىدىغان تىنىمسىز،مىننەتسىز تەرەپلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ،ھەر قانداق ئىشتا باشقىلارغا مەنپىئەت يەتكۈزۈشنى ئويلايدىغان پىداكارلاردىن بۇلۇش،ھاياتلىقنى سۈيۈش،قەدىرلەش تەربىيەسى ئېلىپ بىرىلىدۇ.تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىش تەربىيەسى بېرىلىدۇ. دوسكا لاھىيەسى: 23.ئەلكېزەر قۇياش شېئىر مەن تۆۋەندىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالاي دەيمەن. 1).غەرىپ - دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى؛شەرققە قارىمۇ-قارشى تەرەپ ؛كۈنپېتىش. 2).شەرق - دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىنىڭ بىرى؛ غەربكە قارىمۇ-قارشى تەرەپ ؛ كۈنچىقىش. 3).شەپەق - كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق. 4).تىنىم تاپمىدى - توختىماي،دەم ئالماي(تىنىم تاپماي ئىشلەش). 5).مايسىلار - زىرائەتنىڭ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىنكى ئۆسكەن يۇمران تېنى. 6).دولقۇن - دېڭىز-ئوكيان ،كۆل سۇلىرىدا پەيدا بولىدىغان كۈچلۈك چايقاق(دېڭ دولقۇن ىز دولقۇنى).②تەۋرىنىشنىڭ جىسىمدىكى تارقىلىشى(ئاۋاز دولقۇنى)③كۆچمە مەنە:كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋى ھەرىكەت(ئىنقىلاب دولقۇنى).④ئىچكى كەچۈرمىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى(قەلب دولقۇنى).⑤ئەرلەرنىڭ ئىسمى. 7)ئەلكېزەر - سەرگەردان ،مۇساپىر،يۇرتمۇ –يۇرت،شەھەرمۇ شەھەر ئارىلاپ يۇرىدىغان 8).تەشنا - سۇسىرىغان،چاڭقىغان (سۇغا تەشنا) كۆچمە مەنە:مۇھتاج،ئىنتىزار(تەشنا بولماق). تۆۋەندىكى بوش ئۇرۇنغا مۇۋاپىق سۆز قۇيۇپ، سۆز بېرىكمىسى تۈزۈڭ. ( ئىللىق ) (چىقىش ) ( نۇرلۇق ) قۇياش قۇياش (ئولتۇرۇش،پېتىش) ( ئالتۇن ) ( نۇرى )
تاپشۇرۇق : 1. .مەن بۇ شىئېرنى ئاتا-ئانامغا يادلاپ دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي. 2.مەن بۇ شېئىرنى مەزمۇنىغا ئاساسەن سىزىپ كېلەي.
|
|