كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 0

8-يىللقلارئۈچۈن2-قىسىم مۇزىكا دەرسلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىرىبە دەرسلىكى 8-يىللقلارئۈچۈن2-قىسىم مۇزىكا دەرسلىكى















ئوتتۇرا مەكتەپتىن:


مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمى تەجىرىبە دەرسلىكى 8-يىللقلارئۈچۈن2-قىسىم مۇزىكا دەرسلىكى
3-باسىقۇچ:«ئېلىكتىرونلۇق سادالار»نىڭ 1-سائەتلىكى«تەبىئەت ئانام»ناملىق ناخشىنىڭ بىرسائەتلىك دەرس لاھىيەسى


ئوقۇتۇش مەزمۇنى:
بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىق ‹‹تەبىئەت ئانام›› ناملىق ناخشنىنىڭ ئومۇمى مۇزىكا قۇرۇلمىسىنى بىلىش،ناخشا تېكىستىنى پىششىق ئىگەللەش،ناخشا ئاھاڭنى ئەستە ساقلاش،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئەتنى سۆيۈش،ئۇنى قوغداش توغۇرسىدىكى بىلىملەريەتكۈزىلىندۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى
1-بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى
«تەبئەت ئانام» دىگەن ناخشىنى يېقىملىق ئاۋازدا ئېيتالايدىغان، تەبىئەتنى  مەدھىيلەيدىغان،تەبىئەتنى سۇيدىغان، تەلپۈنىدىغان ھېسياتنى ئاۋاز، سۈرئەت ۋە كۈچ مىقدارى ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان بۇلۇش.  
2-ئۇسۇل ۋە جەريان
«تەبىئەت ئانام» ناملىق ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆگەنگەندىن كىيىن مۇزىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەمدە ئاۋاز تۈسىنى ھېس قىلالايدىغان ،ئۆز كۆز قارىشىغا ئاساسەن ناخشىنىڭ ئىجاد قىلىنىش ئۇسۇلىغا باھا بىرەلەيدىغان ،ناخشىنىڭ ئىدىيۋى ھېسياتىنى چۇشنەلەيدىغان بۇلۇش.
3-ھېسيات، پوزتىسىيە ۋە قىممەت قارىشى
«تەبىئەت» مەزمۇن قىلىنغان مۇزىكىلىق ئەسەرلەر ئارقىلىق تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىدىن خەھەردار بۇلۇش،تەبىئەت ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقلارنى ھېس قىلىش،«تەبىئەت» مەزمۇنىغا ئالاقىدار مۇزىكىلىق ،ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە ئىپادىلەشكە قاتنىشىشنى خالايدىغان بۇلۇش.شۇنداقلا تەبىئەتنى سۇيدىغان،ئۇنى قوغدايدىغان،تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالالايدىغان ھېسياتنى شەكىللەندۇرۇش.
مۇھىم نوقتا
«تەبىئەت ئانام» ناملىق ناخشىنى يېقىملىق ئاۋازدا ئېيتالايدىغان ، ناخشىنىڭ مەزمۇنى ئارقىلىق تەبىئەت ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلالايدىغان بۇلۇش . ئۇنى مەدىھلەيدىغان، ناخشىنىڭ ئىدىيۋى ھېسياتىنى چۇشنەلەيدىغان بۇلۇش.
قىيىن نوقتا
«تەبىئەت ئانام» ناملىق ناخشىنى ئەسلى پۇراق بۇيچە،ئۇدارغا چۇشرۇپ ئۇرۇندىلىش كەيپىياتى بۇيىچە ئۇقۇپ ئۆگۈنۈش ،تەبىئەتكەا تەلپۈنىدىغان ھېسياتنى ئاۋاز، سۈرئەت  ۋە كۈچ مىقدارى ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان ،ناخشىدىكى ھەرخىل مۇزىكىلىق بەلگىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بۇلۇش.
دەرىس خاراكتىرى ۋە ئوقۇتۇش سائىتى
بۇ سائەتلىك دەرسىمىز خاراكتىر جەھەتتىن ئۇرۇنداش دەرسى بۇلۇپ ،3-باسقۇچ ئېلىكتىرونلۇق سادالار ناملىق بۆلەكنىڭ 1-دەرىس سائىتى .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
ئۇقۇتقۇچىنىڭ تەييارلاپ كەلگەن‹‹يەرشارى›› ناخشىسنى ئاڭلىتىش ئاساسىدامۇلاھىزىگە تەشكىللەش ، ئىلھاملاندۇرۇش،گۇرۇپپلار ئارا مۇلاھىزىگە يىتەكلەش،ھىس قىلغانلىرى بۇيىچە ئەسلىتىش، ئاڭلىتىش، ئۈلگە كۆرسۈتۈش ، چۈشەندۈرۈش ،قۇزغىتىش، مەشقلەندۇرۇش،كىچىك گۇرۇپپلار ئاراھىس قىلش،چوڭ گۇرۇپپلار ئارا مۇسابقىلىشىىش.
.ئوقۇتۇش قۇراللىرى
ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى ،ئىلىكتىرونلۇق رۇيال ،ئوقۇتقۇچى توپلاپ كەلگەن دەرس بايلىقىلىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
1.ھېس قىلىش ۋە ھەۋەس قىلىش
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش
(1)ئاڭلىتىش، مۇلاھىزە ئارقىلىق  يېڭى دەرىسكەباشلاپ كىرىش
ئوقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچلارغاتەبىئەتنى يەرشارىىنى قوغداش مەزمۇن قلىنغان «يەر شارى» ناخشىنى قۇيۇپ ئاڭلىتىپ مۇلاھىزىگە تەشكىللىندۇ ۋە قسقىچە سۇئاللار ئارقلىق يېڭى  دەرسكە باشلاپ كىرىلدۇ.
مۇلاھىزە  ۋە  سۇئال
ساۋاقداشلار بۇ ناخشىنى ئورۇنلىغۇچى كىم؟ ناخشىنىڭ ئۇدارى،تىزلىكى،ھىسيات ئىپادلىنىشى قانداق؟
ساۋاقداشلار سىلەر بۇ ناخشىدىن نىملەرنى ھېس قىلدڭلار ؟ بۇ ناخشىدا ئاپتۇر بىزگە نىمە دىمەكچى؟ئۇنداقتا بىز ياشاۋاتقان يەر شارى ئۈچۈن بىز نىملەرنى قىلشىمىز كېرەك ؟
«تەبىئەت» ھەققىدە قانداق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ؟ قانداق ناخشا- مۇزىكىلارنى ئاڭلىغان ؟
(ئوقۇغۇچلار ھىس قىلغانلىرى بۇيىچە جاۋاپ بىرىدۇ،ئوقۇتقۇچى بۇئارقلىق دەرس تىمىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ)
مۇزىكا ۋە بىلىم
«تەبىئەت ئانام»ناملىق ناخشىنىڭ MTVكۇرىنىشى قۇيۇلدۇ،ئوقۇغۇچلار ناخشىنى بىرتەرەپتىن ئاڭلاپ يەنە بىرتەرەپتىن ھۇزۇرلىندۇ.
(كىچىك گۇرۇپپلار ئارا مۇلاھىزىگە تەشكىللەش)
ساۋاقداشلار ناخشا سىلەرگە ياقتىمۇ ؟ بۇ ناخشىنى سىلەرنىڭمۇ ئوقۇپ باققۇڭلار كەلگەندۇ ؟ناخشىداتەبىئەتنىڭ گۇزەل كارتىنىسى قانداق مۇزىكىلق ھىسيات ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن؟
(ئوقۇغۇچلار ھىس قىلغىنى بويىچە جاۋاپ بىرىدۇ)
ئوقۇتقۇچى ناخشىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئورۇنداپ بىرىدۇ.
ناخشىنىڭ قۇرۇلمىسى،مۇزىكىلىق بەلگىلەر ۋە كومپوزىتۇر ھېكىم ھەسەن تۇغىرسىدا قىسقىچە چۇشەنچە بىرىلدۇ.
(1)«تەبىئەت ئانام»ناملىق ناخشا كىچىكDكىچىك كۈيدە،4/4ئودرادا،تېزراق سۇرئەتتە ھېسياتلىق ئۇرۇندالغان
(2)كومپوزىتۇرھېكىم ھەسەن


(3)ناخشىدىكى مۇزىكىلىق بەلگىلەر ھەققدە قىىسقىچە ئەسلىتىش؛
‹1›         ♭    -  بۇلار ئاۋاز ئۆزگەرتىش بەلگىسى بۇلۇپ بۇبەلگە ئۇچىرىغاندا ناخشا
باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە(شى ،مى) قاتارلىق ئىككى ئاۋازنى ئەسىلدىكى ئاۋاز ئورنىدىن  بىر گىرادۇس  تۈۋەنلىتىپ ئوقۇيمىز .
‹2›         ‖:   :‖    -بۇ بەلگە قايتىلاش بەلگىسى بۇلۇپ ،مۇشۇ بەلگە ئىچىدىكى مىلودىيەنى قايتىلاپ ئوقۇيمىز .
‹3›(      ︵   -بۇبەلگە تۇتاشتۇرۇش ئاۋاز بەلگىسى بۇلۇپ بۇبەلگە ئۇچىرىغاندا مۇشۇ بەلگىنىڭ ئاسىتىدىكى ئاۋازلار بىرتىنىق ئىچىدە ئۇلاپ ئۇقۇلدۇ .
ئۇرۇنداش ۋە ماھارەت
ساۋاقداشلار ئۇنداقتا ناخشىنى بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى .
ئىلىكتۇرنلۇق رىيال ئارقىلىق ناخشىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئەگىشىپ ئوقۇتىشقا يىتەكلىندۇ.
ساۋاقداشلار ناخشىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقامدۇق ؟( ئەگىشىپ ئوقۇتۇلدۇ )
ساۋاقداشلار ناخشىنىڭ مىلودىيەسىنى ھېس قىلالىدىڭلارمۇ؟ناخشىنى قانداق ھىىسياتتا ئورۇندىساق تەبىئەتنى سۈيدىغان ھېسياتلىق ئاۋاز، سۈرئەت  ۋە كۈچ مىقدارى ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق ئىپادىىلىيەلەيمىز.؟
ھېس قىلغىنىڭلار بۇيىچە ناخشىنى كولىكتىپ بىر قېتىم ئوقۇپ باقامسىلەر ؟
(ئۇقۇتقۇچى ئوقۇغۇچلارنىڭ ئوقۇغىنىنى ئاڭلاپ ئۇقىيالىمغان جايلىرىغائىلىكتۇرۇنلۇق رۇيال ئارقىلىق  تۇزىتىش كىرگۇزۇپ تۇللۇقلايدۇ)
بۇ ناخشىنى قىز ساۋاقداشلار ياخشى ئوقۇيالىدىڭلارمۇ ياكى ئوغۇل ساۋاقداشلار ياخشى ئوقۇيالىدىڭلارمۇ؟ (ناخشىنى قىز –ئوغۇل گۇرۇپپىسى ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق ناخشىا مۇستەھكەملنىدۇ.)
مۇستھكەملەش مەشىقى
ناخشىنى كۇلىكىتپ بىرقېتىم ئورۇنداپ بىقىڭلار؟
تۆۋەندىكى بوش ئۇرۇننى تۇلدۇرۇڭلار.
«تەبىئەت ئانام»ناملىق ناخشا(               )كۇيدە(             )ئۇداردا
(           )ھىسياتتا ئۇرۇندىلندىغان (                  )بۆلەكلىك قۇرۇلىمغا ئىگە ناخشا.
5-دەرسخانا خۇلاسىسى
ساۋاقداشلار سىلەر بۇسائەتلىك دەرستىن نىمىنى ھىس قىلدىڭلار؟،ناخشا-مۇزىكا بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇناسۋىتى قانداق؟بىز تەبىئەت ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟ (ئۇقۇغۇچلارمۇلاھىزىسى ئارقىلق دەرس خۇلاسە قىلندۇ)
دوسكا لاھىيەسى
3-باسقۇچ؛ئېلىكتىرۇنلۇق سادالار
‹‹تەبىئەت ئانام
ھېكىم ھەسەن مۇزىكسى
مۇختەر بۇغرا   شېئرى  
4/4 ئۇدارلىق
بىزنىڭ پەقەت بىرلا يەرشارىمىز بار

تاپشۇرۇق(خالىغان بىرنى ئىشلەڭ)
‹‹تەبىئەت ئانام›› ناملىق ناخشىنڭ تېكىستىنى پىششىق ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئاھاڭنى ئۆگىنىپ كىلىش؟
«تەبىئەتنى سۇيەيلى» دىگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىسقا ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ كىلىڭلار؟



دەرىستىن كېيىنكى خاتىرە:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش