| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 23:16
1-2 ئاتا- ئانىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش
ئوقۇتۇش نىشانى: 1.بىلىش نىشانى:ئاتا-ئانىنىڭ جاپاسىنى چۈشنىش،ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىنىغا كۆڭۈل بىلىشنى بىلىش،ئائىلىدە ياخشى پەرزەنىت بۇلۇش. 2.ھەركەت نىشانى:ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىش،ئاتا-ئانىلارنى ئاۋارە قىلماسلىق ،ئاتا-ئانىلارغا ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش،ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىسىنى كەمتەرلىك بىلەن قۇبۇل قىلىش،ئەمەلى ھەركەتلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلارنى خۇشال قىلىش. ھىسيات نىشانى:ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنى قىزغىن سۆيۈش ھىسياتىنى ئويغۇتۇش. دەرىس سائىتى :بىر سائەت ئوقۇتۇش جەيرانى: 1.مەسىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش 1) مەسىلىنىڭ ئارقا كۈرنىشىنى تۇنۇشتۇرۇش:بۈگۈن مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرئىش ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلماقچى ، بۇ ئىشنى سىلەر بۇرۇن ئۇچچۇرتۇپ باققان ،4-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئاكاش كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ،ئاتا-ئانىسى دۇكانغا بېرىپ ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭغا قاچىلارنى يۇيىۋىتىشغا بۇيرۇپتۇ،بىراق ئۇ ۋاقتىم يوق ،مەن يەنە ئائىلە تاپشۇرىقى ئىشلەيمەن .بولمىسا ئىككى يۈەن بىرىڭلار دەپتۇ. 2)مۇلاھىزە: 3) سىزنىڭچە بۇ ئاكاشنىڭ ئىككى يۈەن تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ ؟ نىمەئۈچۈن ؟ 4) ئوقۇغۇچىلارنى جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ . 5) قىسقىچە خۇلاسە:ئائىلە ئىشلىرىنى پەقەت ئاتا-ئانىلا قىلامدۇ ؟ ئەمىلىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل تېپىشى ئاسان ئەمەس. 2.ئاتا ئانىلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى چۈشىنىش 1،ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل تېپىشى ئاسان ئەمەس 1) ئائىلە ئۈچۈن بىزنىڭ ئازادە مۇھىتىمىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىمىز تىرىشىپ خىزمەت قىلىدۇ .سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نىمە خىزمەت قىلىدىغىنىنى بىلەمسىز ؟ئۇلار قايسى ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ ، قايسى ۋاقىتتا قايتىپ كىلىدۇ؟ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ (1) جاۋاپ بىرىشكە تەشكىللەش،بىر ئۈستەلدە ئولتۇردىغانلار ئۆزئارا سۆزلەش. (2) ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق جاپا تارتىشى كىم ئۈچۈن . 2،قىسقىچە خۇلاسە:بىزنىڭ يەيدىغىنىمىز كىيىدىغىنىمىز ئشلىتىدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئاتا-ئانىمىزنىڭ قان- تەر بەدىلىگە كەلگەن،بىر يۈەن بىر مۇنىڭ كەلمىكى ئاسان ئەمەس.(ئوقۇغۇچىلارغا قىستۇرما رەسىم كۆرسىتىش :پۇلنى مۇشۇنداق تېپىپ كەلگەن ) 2.ئاتا-ئانىلارنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلمىقى ئاسان ئەمەس، ئۇلار بىر تەرەپتىن تىرىشىپ خىزمەت قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىمىزگە ۋاقىتسىز ئۆزىنىڭ مىھرى –مۇھەببىتىنى سەرىپ قىلىدۇ.بىر ساۋاقداش ئانىسىغا بولغان مۇھەببىتىنى مۇنداق يېزىپ ئىپادىلىگەن . 1)دەرىس ئارلىقىغا مۇزىكا كىرىشتۈرۈپ شىر دىكىلىماتسىيە قىلىنىدۇ:ئانىنىڭ مۇھەببىتى 2)ئاتا-ئانىنىڭ بارلىق مۇھەببىتى پەرزەنىتلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن بۇلىدۇ.سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش يولىدا سەرىپ قىلغان مىھرى –مۇھەببىتىنى سۆزلەپ باقامسىز؟ 3)بىر ئويۇرۇندىكىلەر ئۆزئارا سۆزلەش ،ئورنىدىن تۇرغىزىپ سۆزلەش.(كىسەل ۋاقتىمىزدا ،بىر كۈن ئىچىدىكى كىچىك ئىشلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىمىز ،ئەتراپىمىزدىكى كىچىك ئىشلار ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەبىتىنى قوزغايدۇ.) 4)ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت باھالاش ئېلىپ بارىدۇ 5)ناخشا :«دۇنيادا ئانا بەك ياخشى» 3.ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ ،ئاتا-ئانىلارغا كۆڭۈل بىلەيلى 1،بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك (1) ئاتا-ئانىمىز بىز ئۈچۈن چەكسىز بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنى سەرىپ قىلدى .ھازىر بىز چوڭ بۇلۇپ 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدۇق،ئۇنداقتا بىز ئاتا-ئانىمىزغا قانداق جاۋاپ قايتۇرىشىمىز كىرەك؟ (2) ئاتا-ئانىغا كۆڭۇل بۈلۈپ بىز قانداق ئىشلرنى قىلىپ .ئۇلارنى خوش قىلىمىز ؟كىچىك گۇرپىلار ئارا مۇلاھىزە قىلىنىدۇ . (3) كىچىك گۇرپا ۋەكىللىرى پىكىر قىلىدۇ (4) دوسكىدا ئۇمۇملاشتۇرلىدۇ «1»ئاتا-ئانىلارنى ئاۋارە قىلماي ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىش «2»ئاتا-ئانىلارنى چارچىتىۋەتمەسلىك ،ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارنىڭ كىچىك ياردەمچىسى بولۇش «3»ئاتا-ئانىلارنى خاپا قىلماسلىق،ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاش بۇ ببولسا بىزنىڭ ئاتا-ئانىلارغا كۆرسەتكەن مىھرىبانلىقىمىز 2،بىز قانداق قىلدۇق 1) ئانىلار بايرىمىدا ،سىز ئانىڭىز ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز 2) ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بىرىدۇ ،خالىغانچە مىھرىبانلىق يەتكۈزسە بولىدۇ. 3) بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى بىز ئاتا-ئانىمىزنى ئويلىشىمىز ،بۇلۇپمۇ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ،ئادەتتە سىز نىمە ئىشلارنى قىلىپ ئاتا –ئانىڭىزنى خۇشال قىلدىڭىز 4) بىز تىخى گۈدەك بولغانلىقتىن ،كەپسىزلىكتىن ئىش ئۇقمايمىز ،بىز بۇرۇن ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ ،ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتىپ قويغانمۇ؟سىز بۇرۇن قانداق ئىشلارنى قىلغان؟ 5) ئوقۇتقۇچى باھالاش ئېلىپ بارىدۇ؛سەن ناھايىتى سەمىمى ،مۇئەللىم ساڭا ئىشىنىدۇ،سەن بۇنىڭدىن كىيىن ئاتا-ئاناڭنى خاپا قىلما. 3،بىز يەنە قانداق قىلساق ئەڭ ياخشى بولىدۇ 1) ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ،بىزنىڭ چوڭ بۇلىشىمىز ئۈچۈن بىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز ،تۈۋەندىكى قىلمىشلار ئارقىلىق سىزنىڭ قانداق قىلغانلىقىڭىزغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. 2) ئوقۇغۇچىلارئۆز-ئۆزىنى باھالاش ئېلىپ بېرىش 3) ئىلھاملاندۇرۇش ئېلىپ بېرىش بىزنىڭ سىنىپ ئاتا-ئانىلارغا ۋاپادار ياخشى ئەتىرەت دەپ ماختاش ئېلىپ بېرىش (1) ئاتا –ئانىلارغا ۋاپادار بۇلۇش ئىش –ئىزلىرىنى سۆزلەش (2) ۋاپادارلىق قامۇسىنى تار قىتىپ بىرىش 4.خۇلاسە ساۋاقداشلار،ئاتا-ئانىلارغا كۆڭۈل بۈلۈشنى ھەر ۋاقىت ھەر دائىم ھىس قىلىشمىز ،ئۇلارنىڭ تەلەپىنى چۈشىنىپ،ئۇلارنى خاپا قىلماسلىقمىز ،ئۇلارنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئاۋارە قىلماسلىقىمىز ،ئۇلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ،خۇشاللىق ئېلىپ كىلىشىمىز كىرەك .مۇئەللىم سىلەردىن ئاتا-ئاناڭلارغا بىر كىشلىك مىھرىبانلىق كۆرسىتىشىڭلارنى ئۇلارغا ۋاپادار بۇلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ.
|
|