دوختۇرخانا سىلەر بولغاچقا ئەڭ گۈزەل
8- مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى تەبرىك سۆزى:
3-ئاي كېلىشى بىلەن ئىللىق قوياش نۇرى ھەممە يەرنى ئىللىتقان ، ھەممە باھار تۈسىگە تولغان مەزگىلدە بىز 106-قېتىملىق 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن دوختۇرخانا كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق ئايال يولداشلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق ۋە گۈزەل تىلەكلىرىمنى تىلەيمەن ، سىلەر جاپا چەكتىڭلار ! دوختۇرخانىمىزنىڭ ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلىرى دوختۇرخانىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، دوختۇرخانىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، دوختۇرخانىمىز قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر نەتىجە دوختۇرخانىدىكى بارلىق ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە قان – تەرى سىڭگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ،ئايال يولداشلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەقىل پاراسىتى،تىرىشچانلىقى ،يېڭىلىق يارتىشى، پىداكارلىق روھى قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىمىزنىڭ پەرۋىش، داۋالاش ، مەمۇرىيەت،ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداپ ، مېھىر مۇھەببىتىنى بىمارلارغا ئاتاپ، خىزمەتداشلار ئارا ئىناق دوستانە ئۆتۈپ،بىمارلارنىڭ ماختىشىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ، شۇنداقلا دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا سازاۋەر بولدى . سىلەر بولمىساڭلار خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بۈگۈنى بولمايتى! بىز چىن-كۆڭلىمىزدىن سىلەر كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى پىدا قىلىش روھىڭلاردىن پەخىرلىنىپ ھەم تەسىرلىنىپ تۇرالمايمىز ، بىز سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز! بۇ يىلدىن بۇيان، دوختۇرخانىمىز قوبۇل قىلىپ داۋالىغان كېسەل سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، كۆپ قىسىم بۆلۈملەردە كارىۋات قوشۇش ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئايال يولداشلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، دوختۇرخانىنى ئۆز ئۆيىدەك بىلىپ ،ئۆز ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى. ئەر يولداشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئايال يولداشلار تېخىمۇ كۆپ رولنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ،سىلەر ئۆيدە ئانا بولۇپ، جاپالىق ئەمگەك ۋە مېھىر مۇھەببىتىڭلارنى ئائىلىگە بېغىشلىدىڭلار. دوختۇرخانىدا دوختۇر بولۇپ تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل - پاراسىتىڭلارنى دوختۇرخانىغا تەقدىم قىلىپ، بىمارلارنى ئىنچىكە ئاسىراپ داۋالىدىڭلار . ئائىلىدە سىلەر بولغاچ ئىللىقلىققا ۋە مىھېر مۇھەببەتكە تولدى،دوختۇرخانىمىزدا سىلەر بولغاچ جۇشقۇنلۇققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۇ يىل دورا سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشقان بىر يىل، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ، ئىشچان بىر جۈپ قولىمىزبىلەن دوختۇرخانىنى بېزەپ،ئەقىل-پاراسىتىمىز بىلەن دوختۇرخانىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، مېھىر-شەپقىتىمىزنى ھەر بىر بىمارنىڭ كۆڭلىگە ئورنىتىپ،بىرلىكتە خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتايلى ئاخىرىدا ، ئايال يولداشلار ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! خىزمىتىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك ،ياشلىق باھارىڭلارنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا ،دوختۇرخانىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل قۇدىرەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن!
2016-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
医院因你们而更美丽 ——“三八” 国际劳动妇女节致辞 伴着三月明媚的阳光,在这春意盎然的时节,我们迎来了“三八”国际劳动妇女节106周年。借此机会,我代表院委会向全院的女同胞们深深的谢意和美好的祝愿,你们辛苦了! 我院的女职工约占全院职工的三分之二,回顾医院的发展历程,医院所取得的每一点成绩,都凝聚着全院女同胞们的智慧盒汗水.尤其是近几年来,广大女同胞们以特有的聪慧,勤奋,创新,奉献的精神,备战在护理,医疗,行政后勤等各个岗位上,将关爱奉献给病人,将友爱传递给同事,赢得了患者的称赞和社会的肯定,也赢得了医院的发展。没有你们,就没有人民医院的今天!我们真心诚意地为你们的成绩而骄傲,为你们的奉献而感动,为你们的努力而表示衷心的感谢! 今年以来,我院收治病员数量不断增多,大部分科室处于加床状态,许多女同胞加班加点,以院为家,坚守在各自的岗位上。 和男同志相比,女同胞们担当了更多的角色,做为母亲,妻子,女儿,你们把自己的辛劳和爱心奉献给了家人,作为医生,护士,职工,你们把自己的勤奋和智慧献给了医院,献给了你们细心呵护的病人。家庭因你们充满温馨和甜蜜,我们的医院也因你们而充满了生机和活力。 今年是深化医药卫生体制改革的一年,让我们齐心协力,用勤劳的双手去装扮医院,用聪明的智慧区发展医院,把爱心播撒到每一位患者的心里,共同创造人民医院更加美好的明天! 最后,祝各位女同胞节日快乐,工作顺利,合家幸福,青春长驻,!祝我们的医院越来越美丽,越来越强大! 2016年3月8日
|