| ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېغىنىنىڭ روھى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ خىزمەت يېغىنىنىڭ روھى ، خوتەن شەھەرلىك خەلىق ھۆكىمىتىنىڭ مائارىپ خىزمەت يېغىنىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن، 2016-يىلى2-ئاينىڭ25-كۈنى خوتەن شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە ، ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدىقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزى ئۇستازلار ‹‹ سۈپەت قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتىرەيلى!›› دىگەن تىمىدا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئۇيۇشتۇردى. ئىككى نەپەر ئاتاقلىق يازغۇچى، ‹‹ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ مۇھىملىقى ، قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك، ساپالىق ئوقۇتقۇچى بولغىلى بۇلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە ئۆزىنى قانداق بېغىشلاش، مائارىپ ئەقىدىسى ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى قانداق يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ›› دىگەن نوقتىلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەجربىلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. لىكسىيە ئاخىرسىدا، خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېلى ئۇبۇلھەسەن، يېڭى ئوقۇتۇش ماۋسۇمىدا ، پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆتىرەڭگۈ روھ، يىڭى قىياپەت، يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن شەھرىمىز مائارىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ۋەتىنىمىزگە، خەلقىمىزگە ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن بىركىشىلىك تۆھپە قوشۇش توغرىسدا چاقىرىق قىلدى.
|
|