كۆرۈش: 517|ئىنكاس: 3

خۇشخەۋەر: ماتېرىيال يوللاپ پۇل تېپىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


مۇسابىقە قائىدىسى:
1.ماتېرىيال يوللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تورداشلار چوقۇم بېكىتىمىزگە ئەزا بولغان بولۇشى، شۇنداقلا ئەزالىق ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاپ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلىي قالدۇرۇشى كېرەك؛
2.يوللىماقچى بولغان ماتېرىياللار دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ بولماسلىقى، ئىجادى بولۇشى، نەشر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، مىللىەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە پايدىسىز ھەر قانداق ماتېرىيالنى يوللىماسلقى كېرەك، بولمىسا قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛
3.يوللىغان ماتېرىيال چوقۇم ئانا تىلدا تەييارلانغان، ئۆلچەملىك خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن بولۇشى كېرەك. ئىجادى ماتېرىياللار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ؛
4.ماتېرىيال يوللىغاندا ماتېرىيالنىڭ ماۋزۇسى چوقۇم ئۆلچەملىك، ئېنىق بولۇشى، ئۇيغۇرچە ماۋزۇ قويۇلغان بولۇشى، چوقۇم ماس كەلگەن سەھىپىنى توغرا تاللىشى لازىم، ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى بىكىتكەندە 10 تىللادىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛
ماتېرىيال ماۋزۇسىنى مۇنداق قويۇش كېرەك: مەسىلەن، دەرس تەييارلىقى يوللىغاندا، باشلانغۇچ 1-يىللىق 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى: xxxxx; ئىمتىھان سوئالى يوللىغاندا، قايسى ئوقۇش يىلى، قانچىنجى مەۋسۇم، قانچىنجى يىللىق قانچىنجى قىسىم قايسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك
مۇسابىقە ۋاقتى:
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە
مۇكاپاتلاش قائىدىسى:
بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يوللىغان ماتېرىياللىرى ھەم سۈپەتلىك ھەم باشقىلار چۈشۈرگەن سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر نەپەر ئەزاغا 100 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان ئەزاغا 50 يۈەن نەق پۇل مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۈچىنچى بولغان ئەزاغا 1000 تىللا سوۋغا قلىنىدۇ؛
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
سىز يوللىغان ماتېرىياللارنى باشقا ئەزالار ياقتۇرۇپ قانچە كۆپ چۈشۈرسە يەنە سىزگە %60 بويىچە ھەق بېرىلىدۇ، بۇ ھەق سىزنىڭ ھەر ئېرىشكەن 1000 تىللاغا 10 يۈەن بويىچە ھەق ھېسابلىنىدۇ؛ دىققەت: بېكەت تەشۋىقاتى ۋە ئىشقا كېلىش يوقلىمىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن تىللاغا ھەق بېرىلمەيدۇ، بۇ تىللا ئارقىلىق ماتېرىياللارنى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ؛
مۇكاپات نەتىجىسى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە مۇشۇ تور بېكەتنىڭ بېكەت پائالىيىتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئىسمى ئېلان قىلىنغان ئەزالار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە Alipay ھېسابات نومۇرى ياكى بانكا ھېسابات نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسا بىز تىز سۈرئەتتە مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرىمىز!

ئەزالار بۇ يازمىنى ھەرقانداق تور بېكەتتە تەشۋىق قىلساڭلار بولىدۇ
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇرچە ماتېرىيال بەھرىلەش سۇپىسى
http://www.uydoc.com/index.html
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-13 21:44:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ ياخشى خەۋەركەن ، شۇغىنىسى  بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەمگىكى نىمانچە قەدىرسىز ، نىمانچە ئىقتىسادى قىممىتى يوق . 1000 تىللا 10 يۈەن ، بىر تىما ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 تىللا 1 موچەن دىگەن گەپ ، دەرىس تەييارلىقىنى كومپىيوتىردا قىلىپ باققانلار ،ئۈزى ئىجادى سۇئال ئىشلەپ باققانلار ، ئۈزى قول سېلىپ بىر بەت كومپىيوتىرغا ماتىريال يوللاپ باققانلار ئۈچۈن بۇ ھاقارەت ئەمەسمۇ ، بۇنىڭدىن كۈرە خالىس يوللىساق قۇرساق كۈپۈكى بولمايمىزكەن ، بۇلۇپمۇ  1000تىللا 10يۈەن ،ماتېرىيالنىڭ باھاسىنى بىكىتكەندە 10 تىللادىن ئېشىپ كەتمەسلىكى
ۋاقتى: 2016-1-6 22:20:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 22:25  

بۇنى قايسى تور بەتكە يوللايدۇ . بۇ جەھەتتە ئىنىق چۈشەنچە بىرىلمەپتۇدە قاراپ باقسام باشقا تور بەتنىڭ ئۇختۇرشىكەندە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 18:11:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 22:20
بۇنى قايسى تور بەتكە يوللايدۇ . بۇ جەھەتتە ئىنىق چۈشەنچ ...

مانا ماۋۇ بەتكە كىرىپ ئەزا بولۇپ، ياكى چ چ نومۇرى ئارقىلىق بىۋاستە كىرىپ ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى تەلەپ بويىچە يوللىسىڭىز بولىدۇ
ئادرىسى: http://www.uydoc.com/index.html
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش