كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 2

يىڭى يىل تەسىراتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تورداشلارنىڭ يىڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!

يېڭى يىل تەسىراتلىرى

1

ئاسايىشتىن كۈلۈپ تۇرغان يېڭى يىلنى باھار بىلدىم،
زىناقلارنى گۈلۈمدىن رەڭ تالاشقان بىر ئانار بىلدىم.
يورۇق نۇرلار كەبى دىلنى پەخرىگە چۆمدۈرەر ھەردەم،
جۇدۇنلارنى بېسىپ ئۆتكەن قامىتىڭنى چىنار بىلدىم.
سۆيۈپ ئۆتتى جۇلالىقتا زىمىستان قىش سىناقلاردىن،
يىراق تۇرغان چېغىم ئۈزگۈ خەۋەرلەرنى دىدار بىلدىم.
كېلەچەككە نىشان بولمىش شاماللاردىن ئايان بارمۇ؟
رەيھان گۈللەر پۇراق چاچقان پەسىلنى قۇت خۇمار بىلدىم.
قاتار كەلسە باھار دەپ مەن پەسىللەرگە سالام ئېيتتىم،
تەلەپلەرگە تەغدىم بارغۇ،سېنى دىلدىن تۇمار بىلدىم.
جۇدۇن ئازاپ سالغان ئىدى تالاي ئىنسان بىتاب بولۇپ،
كۈلۈپ چىققان يىڭى قۇياش سېنى گۈل تاج ناھار بىلدىم.
يىڭى يىلنىڭ خاسىيىتى ئاتا قىلدى ئەلگە كۈلكە،
گۈلگە تولغان بۇ زىمىننى،گۈلدەك ئەزىز نىگار بىلدىم.


2

باغلىرىمدا باھارسىز مېھرىگىياھنى كۆرمىدۈم،
نەكى ئۇ مىھرېگىياھ ھۆسنى زىبانى كۆرمىدىم.
يېڭى يىلنى باھار دېسەم، جۇت زىمىستان قىلدى پەريات،
بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسىدەك تەسۋىرگە گۇۋاھنى كۆرمىدۈم.
ئاققان ئەگىز جۇلا سالدى جۇدۇنلارنى قىلىپ لەختە،
باھار كەلمەي گۈلگە تولغان يېشىل دالانى كۆرمىدۈم.
گۈلىستانغا ھەۋەس ئەيلەپ ئۇنى بىلدىم گۈزەل رەنا،
ئاشىق كەبى سۆيگۈ بىر دىل رەبانى كۆرمىدۈم.
ھەر پەسىلىم باھار بولسۇن، بۇ مېنىڭ چىن ئارمىنىم،
بۇ ھاياتنىڭ سەپىرىدە سەندەك سىياقنى كۆرمىدۈم.
جىلۋە ئەيلەپ پەسىل ئارا نۇر جۇلالار تاراتتىڭ،
سەن باھارغا بولمىغان شۇ نە مۇپتىلانى كۆرمىدۈم.
ئىستىكىمىز بەرگىن ئەلگە ھەر دائىما ۋەسلى دىدار،
بىر سېنىڭدىن ئۆزگىدە ھەرگىز ۋاپانى كۆرمىدۈم.
شەھەر- يېزا، قىشلاقلارغا سەن پەقەتلا قۇت ئۈمىد،
كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرغان زىمىستاننى كۆرمىدۈم.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-29 23:17:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتىپ كىلىش ئالدىدىكى يىڭى يىلغا مۇبارەك بولسۇن  يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلەر يار بولسۇن  
ۋاقتى: 2016-1-1 04:57:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىلدىكى ياخشى تىلەكلەر ھەممىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشقاي ، يىڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش