كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 0

مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە ساۋات دەرسلىكىدىن تەكرارلاش سۇئاللى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
7-يىللىق سىنىپلارنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدە ساۋات دەرسلىكىدىن تەكرارلاش سۇئاللىرى
1.ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈشتە قايسى ئۇسۇللارنى قوللاندى؟
ج: دۆلەت ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپلىرى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپلارنى ئېچىش، ۋەزىپە بىلەن چىنىقتۇرۇش، قىسىمدا تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى.
2.نىمە ئۈچۈن غەربى رايۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستىراتىگىيىسىدە پەن-مائارىپقا تايىنىش كىرەك؟
ج:غەربىي رايۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەن- مائارىپقا تايىنىش كىرەك. چۈنكى پەن- مائارىپتەرەققى قىلغاندا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تولۇقلاشقا پايدىلىق.
3.ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى نىمە؟
ج:مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش-مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقىلار ئورنىنى باسالايدىغان بولۇش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
4.ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش سىياسىتى قاچان ئوتتۇرغا قويۇلغان؟
ج:بۇ سىياسەت 1987-يىلى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
5.پارتىيىمىزنىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتىكى فاڭجىنى نىمە؟
ج:ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، بىلىم ئەھلىگە، كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت فاڭجىن سىياسەتلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
6.دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتىكى كونكىرىت سىياسەتلىرى قايسى؟
ج:1)ئاپتونۇمىيە ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاپتۇنۇمىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۆتەش؛ 2)ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە كۆپلەپ تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش.
7.نىمە ئۈچۈن قابىل ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش كىرەك؟
ج:مىللەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى مۇھىم سىياسى مۇھىت كاپالىتىگە ئىگە قىلىش قابىل كادىرلارغا مۇھتاج، شۇڭا قابىل ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش كىرەك.
8.ئىلىمىزدە تۇنجى قۇرۇلغان ئاپتونۇمىيىلىك جاي قايسى؟ ئۇنى كىم قۇرغان؟
ج:ئىچكى موڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنى، ئۇنى ئۇلەنفۇ قۇرۇپ چىققان.
9.كادىرلارنى تەربىيىلەشتىكى 《تۆتلەشتۈرۈش》فاڭجىنى قايسى 《تۆتلەشتۈرش》نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ج:ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، بىلىم ئەھلىگە، كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
10.ئىلىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپلىرىدىن 5نى ئېيتىپ بىرىڭ؟
ج:مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستۇتى، ئىلى پىداگگىيكا ئىنىستىتوتى، قەشقەر پىداگوگىيكا ئىنىستىتوتى، خووتەن پىداگگىيكا ئىنىستىتوتى.
11.قانداق كادىرلارنى ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كادىر دەيمىز؟
ج:سىياسى ساپاسى يۇقۇرى، نەزىريە ۋە ئەمىلىيەت كۆز قارىشى كۈچلۈك، خەلقنىڭ ئىختىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرلۇشى ئۈچۈن تۆھپە يارىتالايدىغان ئىقتىدارلىق، پاك ئىنتىزامچان، تىرىشچان، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىيالايدىغان كادىرلارنى ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىليەتلىك كادىر دەيمىز.
12.ئازسانلىق مىللەت ئالىي مەكتىۋى دەسلاپتا قاچان قەيەردە قۇرۇلغان؟ بۇ مەكتەپنىڭ نامى قاچان نىمىگە ئۆزگەرتىلدى؟
ج:ئازسانلىق مىللەت ئالىي مەكتىۋى 1951-يىلى 6-ئايدا بىيجىڭدا قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى 1993-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلدى.
13.دۆلەت تۈزگەن شىزاڭ، شىنجاڭ ۋە چىگرا رايۇنلارغا كادىرلارنى ئەۋەتىپ ياردەم بىرىش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟
ج:1)ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ئەۋەتىپ ياردەم بىرىشكە بارغان كادىرلارغا نىسبەتەن ئىتىبار بىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بىرىش؛ 2)ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش قاتارلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويدى.
14.دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسى تەلەپ نىمە؟
ج:1)ئىجتىمائى ۋە ئىختىسادى ئىشلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش؛ 2)كىشىلەرنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت.
15.شىزاڭ قاچان قايسى ھالەتتىن ئازات بولدى؟
ج:شىزاڭ 1951-يىلى ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن فىئوداللىق قۇللۇق تۈزۈمدىكى جەمىيەت ھالىتىدىن، تىنىچ تەرەققى قىلغان ئازات زامانغا ئۆزگەردى.
16.نىمە ئۈچۈن غەربى رايۇنلارنى كەڭ ئېچىش ئىستىراتىگىيىسىدە 《پەن-مائارىپ》نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كىرەك؟
ج:غەربى رايۇنلارنى كەڭ ئېچىشتا- غەربى رايۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە بىيىتىش ئۈچۈن پەن- مائارىپقا تايىنىش كىرەك. چۈنكى پەن- مائارىپ تەرققى قىلغاندا ھەممە قوشۇن ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ.
17.چىياڭزۇلارنىڭ قانداق مەدىنىيەت مىراسلىرى بار؟
ج:قاراۋۇل مۇنارى ئاساسى بەلگە قىلىنغان چىياڭزۇ بىناكارلىق مەدىنىيەت مىراسى بار.
18.چىگرا رايۇنلارنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەركىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ج:چىگرا رايۇندىكى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش ئارقىلىق چىگرا رايۇننى گۈللەندۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
19. شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى قاچان رەسمى قۇرۇلدى؟
ج:شىزاڭ 1965-يىلى رەسمى شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇپ قۇرۇلدى.
20.ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ قانداق بايلىق ئەۋزەللىكى بار؟
ج:ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ يەر زىمىن بايلىقى مول، قىزىلما بايلىقى كۆپ، دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك، قاتناش تىرانسىپورت ئىشلىرى ئەۋزەل شەرت-شارائىتقا ئىگە بولۇشتەك ئىختىسادى بايلىق ئەۋزەللىكى بار.
7-يىللىق سىنىپلارنىڭ 《3نى قوغداپ، 2گە قارشى تۇرۇش》 دەرسلىكىدىن تەكرارلاش سۇئاللىرى
1.ۋەتەننىڭ ئابرويىغا دەخلىتەرۇز يەتكۈزىدىغان ئادەم ۋە ئقىشلارنى ئۇچراتقاندا قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
ج:ئۇنداق قىلمىشلارغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرۇشىمىز لازىم، يەنى ئۇنداق ئادەملەرنى ئۇچراتقاندا قانۇن ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىشىمىز ۋە تۇتىشىمىز كىرەك.
2.ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟
ج:ۋەتەننىڭ ئابرويىنى، دۆلەتنىڭ مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنى قوغداپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋەتەننى كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى.
3.سوتسىيالىستىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاساسى تەلىپى قايسى؟
ج:دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتى، پايدا-زىيىنى بىلەن ھىساپلاشماسلىق.
4.سوتسىيالىستىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
ج:چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتىمىز، ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ئىرادىمىز، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىمىز بولىشى كىرەك.
5.سىز ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ۋەتەنگە قانداق تۆھپە قوشماقچى؟ ئۆز غايىڭىزغا كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەڭ؟
ج:سوتسىيالىستىك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تىرىشىپ ۇياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمەن.
6.جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ج:مۇئەييەن ئىختىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن مەنىۋى كۈچ ۋە ماددى كۈچنى كۆرسىتىدۇ.
7.ۋەتەنپەرۋەرلىك دىگەن نىمە؟
ج:ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مىھرى-مۇھەببەت، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى جان پىدالىق بىلەن قوغداش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى ۋەتەنپەرۋەرلىك بولىدۇ.
8.جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا قانداق قىلىشىمىز زۆرۈر؟
ج:1)ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇشىمىز زۆرۈر؛ 2)مىللى بۆلگۈنچىلىككە قەتئى قارشى تۇرۇشىمىز زۆرۈر؛
9.نىمە ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر؟
ج:مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشمىسا دۆلەتتە خاتىرجەملىك بولمايدۇ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانمايدۇ، شۇنداقلا بارلىق ئىختىسادىي ئىشلىرىمىز تەرەققى قىلمايدۇ. شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز زۆرۈر.
10.ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەمنەپەس، قەلىبداش، تەقدىرداش بولۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
ج:مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ھەرقايسى مىللەتلەر ھەمنەپەس قەلىبداش تەقدىرداش بولۇپ، پارتىيىنىڭ مىللى سىياسىتىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا قەتئى يول قويماسلىقىمىز كىرەك.
11.نىمە ئۈچۈن جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە يارتقان دەيمىز؟
ج:ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بىرلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، تاجاۋۇزچىلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئىگىلىكنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇپ مەدىنىيەتنى بىرلىكتە ياراتتى. شۇڭا جۇڭخۇا مەدىنىيىتىنى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ياراتقان دەيمىز.
12.سىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ مەدىنىيەت قۇرلۇشى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىڭىز كىرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرىڭ؟
ج:مەن ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پەن- مەدىنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە خاس روھنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلۇغۋار مىللى روھنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن.
13.پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى نىمە؟
ج:ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا بوي سۇنۇش، ئەدەپلىك سەمىيمى بولۇش، ئىناق- ئىتتىپاق دوست ئۆتۈش، تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تىرىشىپ تۆھپە يارىتىشتىن ئىبارەت.
14.ئەتراپىمىزدا مەكتەپ تۇرمۇشىغا، پۇقرالار ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان قانداق قىلمىشلار بار؟ سىز بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلماقچى؟
ج:ئەتراپىمىزدا مەكتەپ تۇرمۇشىغا ماس كەلمەيدىغان قىلمىشلاردىن- ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىمايدىغان، يول قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان، مۇھىت تازىلىقىنى ئاسىرمايدىغان ناچار قىلمىشلار بار. مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق قىلمىشلارغا قارىتا ئۆزەمگە ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىنى ئۆلچەم قىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
15.ياش ئۆسمۈرلەر قانداق قىلغاندا ھەقىيقى ئاتىزىمچىلاردىن بولالايدۇ؟
ج:بىز ياش ئۆسمۈرلەر يۇقۇرنىڭ تەلىۋى بويىنچە بارلىق دىنىي خوراپاتلىقنىڭ تەسىرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ تەقدىرىگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ تىرىشىپ ئوقۇپ،غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدىنىيەتلىك، ئىنتىزامچان يىڭى كىشىلەردىن بولالىساقلا، ئاندىن ھەقىيقى ئاتىزىمچىلاردىن بولالايمىز.
16.ناچار ئادەمنىڭ زىيىنىنى سۆزلەڭ؟
ج:ناچار ئادەملەر كىشىلىك قەدىر قىممەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. كىشلەرنىڭ جىسمانى ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، ئەركىن ئازادە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
17.قانداق قىلغاندا مەدىنىيەتلىك پۇقرالاردىن بولغىلى بولىدۇ؟
ج: ئەن-ئەنىۋى قائىدە يوسۇنلار، ئۆرىپ-ئادەرلەرگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈپ ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، مەدىنىيەتلىك، ئەدەپلىك بولغاندىلا مەدىنىيەتلىك پۇقرالاردىن بولغىلى بولىدۇ.
18.18ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر قانداق سورۇنلارغا بارماسلىقى كىرەك؟
ج:18ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان رىستوران، دىسكوخانا، مەيخانا، تورخانا قاتارلىق سورۇنلارغا بارماسلىقى كىرەك.
19.شەخسى تازىلىققا ۋە يىمەك- ئىچمەك تازىلىقىغا قانداق ئەھمىيەت بىرىش كىرەك؟
ج:1)بارلىق ساۋاقداشلار شەخسى تازىلىققا ياخشى ئەھمىيەت بىرىشى؛ 2)يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشى؛ 3)كىيىم- كىچەكلىرىنى پات-پات ئالماشتۇرۇشى؛ 4)يىمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشى؛ 5)قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماسلىق، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىكى كىرەك.
20.ئقۇغۇچىلار يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قانداق قائىدىلەرگە بوي سۇنۇش كىرەك؟
ج:مەكتەپكە كىلىپ كىتىشتە يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مىڭىش، موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن يول تالاشماسلىق، قىزىل چىراقنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنۇش، ۋەلىسپىت مىنگەندە ئۆزئارا بەسىتلەشمەسلىك كىرەك.
21.نىمە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى تەكىتلەيمىز؟
ج:بىر ئادەم ئۈچۈن ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق بارلىق ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. تۈرلۈك ھادىسىلەردىن ياخشى ساقلىنىپ بىخەتەرلىككە ەھمىيەت بەرگەندە، تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇتۇق قازىنالايمىز. شۇڭا ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى تەكىتلەيمىز.
22. 5ئۆزئارا قايسى؟
ج:ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا چۈشۈنۈشتىن ئىبارەت.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش