كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 7

ناسىر مۇئەللىم تور دەرسخانىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تور مائارىپى دەۋرى  يېتىپ كەلدى....
ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ توردا تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا قاتىنىشىپ، دەرس ئاڭلىيالايسىز....
ئۇچۇر-تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن، كومپىيۇتېر قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كەڭ كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئاممىنىڭ كومپيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىش ۋە ئۆگىنىش ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.
مەن يېقىندا تېڭشۈن دەرسخانىسى (腾讯课堂) دىكى دەرسخانامدا نەق مەيدان  دەرس سۆزلەيمەن، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ، دەل ۋاقتىدا دەرسكە قاتنىشىپ ، ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىملەرنى ئىگەللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆزلىنىدىغان دەرس مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. يېزىق بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى word  ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارەتلەر
2. جەدىۋەل بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى excel  ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ئاساسىي ماھارەتلەر
3. VBA ماكرو  تىلىدىن پايدىلىنىپ،  Word、Excel、Access、Powerpoint  لاردا يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش
4. تور بەت لايىھىلەش ئاساسىي بىلىملىرى
5. ئاندىرويىد ئاساسىي بىلىملىرى
ھەممىمىزگە مەلۇم، تېڭشۈن دەرسخانىسى (腾讯课堂) دىكى  دەرسلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن چوقۇم  QQنومۇرىڭىز بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.
تور دەرسخانىسى كىيۇ-كىيۇ توپ نومۇرى: 292569060
تور دەرسخانا ئادرىسى: http://nasir.ke.qq.com
دەرس ئاڭلىغۇچىلار چوقۇم دەرس ئاڭلايمەن (我要报名) دەپ تىزىملىتىشى كېرەك.
مەن ھەر قېتىم يېڭى دەرس تېمىسى ۋە نەق مەيداندا دەرس سۆزلەش ۋاقتىنى تور دەرسخانامدا  يوللاپ تۇرىمەن.  شۇ ۋاقىت بويىچە كىرىپ ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ. ( ئېلان قىلىنغان ۋاقىت بېيجىڭ ۋاقتى جۇمۇ)
ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. دوستلىرىڭىزغا تەۋىسىيە قىلىپ قويۇڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-19 20:18:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى خوش- خەۋەركەنغۇ ... مۇمكىن قەدەر ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگۈنەيلى ...
ۋاقتى: 2015-11-20 11:09:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسل خوش خەۋەركەن.
ۋاقتى: 2015-11-20 22:20:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس ۋاقتى خىزمەت ۋاقتىدىمۇ ياكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ؟ دەم ئېلىش ۋاقتىدا بولسا ياخشى بولاتتى، جاپا چىكىپسىز، رەھمەت سىزگە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر بوشلۇقىنى تولدۇرغىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-11-22 13:37:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرسنىڭ  قانداق ۋاقىتتا سۆزلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىڭىز
ۋاقتى: 2015-11-24 15:07:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەش سائەت  8 دە  باشلىنىدۇ  !  
ۋاقتى: 2015-11-25 11:17:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە سۆزلەمسىز ،ئۇيغۇرچىمۇ ؟
ۋاقتى: 2015-11-25 20:43:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتسىزگەكۆپ جاپا تارتىپسىز      مەن تىزىملىتىپ كىرسەم ھىچنەرسە چىقمىدى خاتاكىردىممۇياكى باشقا سەپمىدۇ .......
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش