| 9- يىللىقلارنىڭ ئىدىيە ئەخلاق دەرىسىدىن باسقۇچلۇق ئىمتىھان سۇئالى 1. سۇئال: تاللاش سۇئالى ( پەقەت بىرنىلا تاللاش ) (1) مەسئۇلىيەت دىگىنىمىىز ( ) نى كۆرسىتىدۇ :A بىر ئادەمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. :B مەسئۇلىيەت بىر ئادەمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى ياكى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان بەزى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ C : مەسئۇلىيەت مۇرەككەپ بولمايدۇ دىسىمۇ بولىدۇ (2) كىم ماڭا مەسئۇل بولىدۇ ( ) A : ماڭا ئاتا –ئانام مەسئۇل بولىدۇ B :ماڭا قانۇن مەسئۇل بولىدۇ C : ماڭا ئۇرۇغ –تۇققانلىرىم مەسئۇل بولىدۇ D : ھەر كىم ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ (3) ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ كونكىرت ئىپادىسى ( ) A : مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش B : ئۆزىنى ھۆرمەتلەش C : چوڭلارنى ھۆرمەتلەش D : مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئۆزىنى ھۆرمەتلەش (4) ئىجتىمائى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ( ) دىن ئىبارەت . A :مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش B : ئۆزىنى ھۆرمەتلەش C : ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھى D :باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش (5) ۋەدە بېرىش ( ) دىن دېرەك بېرىدۇ . A : ئېھتىياتجان بولۇش B :ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پىلان تۈزۈش :Cئۆزىمىزگە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىش كېرەكلىكتىن دىرەك بېرىدۇ D :ئاتا ئانىغا ۋاپادار بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ (6) بىز ياشاۋاتقان جەمىيەت ( ) A :تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيەت B :تەرەققى قىلىۋاتقان جەمىيەت :Cئادەملەر بىر- بىرىگە ئۆز-ئارا ياردەم قىلىدىغان ۋە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان جەمىيەت D :رىقابەتكە تولغان جەمىيەت (7) بىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىغىمىزنىڭ ئىپادىسى ( ) A :ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز B : ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ئۆز- ئارا كۆڭۈل بۆلۈش C :ۋەدە بېرىشتە ئېھتىياتچان بولۇش ،ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش D :كوللىكتىپ مەنپەتىگە زىيان سالماسلىق (8) مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا تۆلەيدىغان بەدەل ( ) دىن ئىبارەت A :ۋاقىت B :زېھنى كۈچ C :پۇل D :ۋاقىت،زېھنى كۈچ،پۇل سەرىپ قىلماستىن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىسا جازالىنىشتىن قورقۇش 2- سۇئال : دېلو مىسالى 16 ياشقا كىرگەن گۈزەلنۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن يازلىق تەتىلدە بىر شىركەتكە بېرىپ ئىشلىدى.شىركەتنىڭ مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن 400 ۋاراقتىن ئارتۇق تەشۋىقات ۋارىقىنى يۈتتۈرۈپ قويدى،شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يەنى ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى -گۈزەلنۇر «بۇ ئىشنى شىركەتكە مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ؟ياكى مەلۇم قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ » دەپ ئارىسالدى بولۇپ قالدى. (1) ئۇ نىمە ئۈچۈن ئارىسالدى بولۇپ قالدى؟
(2) ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك؟
ئۈگەنگەن بىلىمىڭىزگە بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپ بېرىڭ. سىز ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ
|
|