كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 1

ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەل قارىماسلىق كېرەك
ماتېماتىكا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش قورالى، بىر خىل مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئىنسانلارغا بەخت ئەتكۈچى قورال. جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ماتېماتىكىمۇ جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق پەن . ماتېماتىكا دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەش بىز ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى .
ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا دەرسىنى بىر خىل تەس دەرس دەپ قارىغاچقا ، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار دەماللىققا ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقىپ كەتمەيدۇ . شۇڭا، ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن موھىم . چۈنكى، قىزىقىش بولغاندىلا ئىنتىلىش بولىدۇ . ئىنتىلىشتىن، بىرىلىشتىن ياخشى نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.
قىزىقىش–ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللىشىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى . شۇڭا،  ماتېماتىكا دەرسىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈۋالساق، چوقۇم ياخشى نەتىجە ۋە ئۈنۈم يارىتالايمىز . بۇنىڭدا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك:
  1.دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ماتېماتىكا دەرسىنى قىزىقارلىق، جەلپ قىلارلىق ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يىتەكلەيدىغان تەربىيىلەش موھىتى بەرپا قىلىش تولىمۇ زۆرۈر . شۇڭا، ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنى ئابىستىراكىت ئەمەس كونكىرىت، تۇرمۇشقا يىقىن قىلىپ ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئاساسىدا سۆزلەشكە ، قول سىلىپ ئىشلەشكە، كۈزۈتۈشكە، تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلىگەندىلا ، ئاندىن ئۇلار تېز ۋە توغرا ھىسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ماتېماتىكىنىڭ ماھىيتىنى ئىگەللىيەلەيدۇ . بۇنداق ماتېماتىكىنىڭ تېپىشماقلىق خارەكتىرىنى ئالغان تەرىپى ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىۋالسىلا، تەبىئىي ھالىدا بۇ دەرسكە قىزىقىدىغان كەيپىيات بارلىققا كىلىدۇ.
   مەن 18 يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى . ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا نوقۇل قىلىپلاشقان ئۇسۇللارنى قوللىنىشنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرىدىغان بىر تەرەپ ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم . شۇڭا، ھەرخىل ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارغا قارىتا مۇۋاپىق، قىزىقارلىق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى دىققىتىنى دەرسنىڭ موھىم نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، جەلپ قىلارلىق تۈسكە كىرگۈزۈش ئىنتايىن موھىم .
  2. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا ھازىرقى ئىلغار ئوقۇتۇش قورالى كومپىيۇتىردىن پايدىلىنىپ دەرس ئۆتكەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى تىخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ھىسابلاشنىڭ كومپىيۇتىر بىلەن بىرلىشىشى نەتىجىسىدە ماتېماتىكىنىڭ تەتقىقات ساھەسى، تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە قوللىنىش دائىرىسى مىسىلسىز كىڭەيدى . ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. بىز ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ كومپىيۇتىردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانساق، ھەرخىل گىئومىتىرىيلىك شەكىللەرنى قايتىدىن سىزىپ– چوڭايتىپ  ئىچكى قۇرۇلمىلىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بۇ شەكىللەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كۈزۈتۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالايمىز . دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم، ماتىرىياللارنى ئوبرازلىق كۆرسىتىپ، ھەركەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ، مەلۇم قانۇنىيەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ئېنىق ئىپادىلىيەلەيمىز . بۇنىڭ بىلەن دەرسخانىدىكى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپچانلىق زور دەرىجىدە ئاشىدۇ .
  3.ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدا دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردىمۇ ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ .
1) تاپشۇرۇق ئىشلەش. ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇقلارنى ئەڭ توغرا ئىشلەشكە ، ئەڭ ئۆلچەملىك يىشىشكە يىتەكلەش ئۈچۈن تاپشۇرۇق دەپتەرلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، مۇكاپاتلاش رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشىمىز كېرەك .
2) ماتېماتىكا دەرىسىدە قول سىلىپ ئىشلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلى تۇرمۇشقا يىقىنلىشىش ۋە ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنىڭ ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى . شۇڭا، ھەر بىر سائەتلىك دەرسىمىزدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەمەلى تۇرمۇشتىن مىسال ئىلىش، مودىل ياساشنى نىشان قىلساق ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ .
3) ھەرخىل ماتېماتىكىلىق زىھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ماس كىلىدىغان مۇسابىقىلەرنى لايھىلەپ، ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىشىمىز كىرەك . بۇخىل پائالىيەتلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرالايدۇ .  




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-23 13:55:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىز راق تەستىقلەپ بەرسىڭىز بولاتتى . مەن تىللاغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش