كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 0

2§. يەر شارىنىڭ ھەركىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەجبۇرى مائارىپ  دەرىسلىك  ئۆلچىمى  بۇيىچە   
تۇلۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ 7-يىللىق 1-ماۋسۇملۇق جۇغراپىيە دەرىس تەييارلىق خاتىرىسى


قاغىلىق  ناھىيە   سۇلتانئېرىق  ئوتتۇرا  مەكتەپتىن
يولۋاسجان ئابباس

2015-يىلى 9-ئاي 10-كۇنى
                     
              1. باپ ؛  يەر شارى ۋە خەرىتە  
2§. يەر شارىنىڭ  ھەركىتى
(  1 - دەرس سائىتى  )
        1. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنشى
(2015 -يىل9-ئاينىڭ15-كۇنى)
      ئوقۇتۇش نىشانى
بىلىم ۋە ئىقتىدار: يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنلىشى ،ئايلىنىش قانۇنيىتى ،تولۇق بىر قىتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۇچۇن كىتىدىغان ۋاقىت ،كىلىپ چىقىدىغان  ھادىسە ، جۇغراپىيىلىك پەرىقلە رنى بىلىش ۋە كۇزىتىش .
ئۇسۇل ۋە جەريان : گىلوبۇسنى ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ ،تەھلىل قىلىشقا يىتەكلەپ ،كىچىك تەجىرىبە ئارقىلىق كىچە - كۇندۇزنىڭ ئالمىشىش ھادىسنى چۇشەندۇرۇش ۋە ۋاقىت نى بىلىش .
ھىسىيات ،پۇزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى : يەر شارىنىڭ ھەركىتىدىن ئىزدىنىش روھنى يىتىلدۇرۇش ۋە ئاتىزىم ئىڭنىى تۇرغۇزۇش.
       مۇھىم نوختا :  يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنلىشى ، قانۇنيىتى ، كىتىدىغان ۋاقىت ، كىلىپ چىقىدىغان  ھادىسە ، جۇغراپىيىلىك پەرىقلە رنى بىلىش .
قىيىن نوختا : يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش قانۇنيىتى  ،كىلىپ چىقىدىغان  ھادىسە ، جۇغراپىيىلىك پەرىقلە ر .
. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : كۆپ ۋاستىلىق ، تەھلىل قىلىش ، تەجىرىبلىك ،  چۇشەندۇرۇش ، يىتەكلەش ،پائاليەتكە تەشكىللەش .
ئۆگىنىش ئۇسۇلى : كۇزىتىش ،تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش ،ئىزدىنىش ،ھەمكارلىشىپ ئۇگۇنۇش .
دەرس بايلىقى : كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۇسكۇنلىرى ، گىلوبۇس ،  ئۈچ شار مودىلى ، بەش بەلۋاغنىڭ جايلىششى ئىپادىلەنگەن ئاددى رەسىمى قاتارلىقلار .
      يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
ئوقۇغۇچىلارغا  ئىلىم - پەن ، تىخنىكىغا ئىشىنىش ، يىڭىلىق يارتىش ،ئاتىزىم ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيىسى كۇچەيتىلدۇ .
   ساۋاقداشلار ، نىمە ئۇچۇن قۇياش ھەر كۇنى شەرقتىن كۆتۇرلۇپ غەربكە پاتىدۇ ؟
     ئىكراندا (1.1-رەسىم) يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانى كۆرسىتىلدۇ .
【يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۈنلىشى غەرىپتىن شەرىقكە بۇلۇپ تۇلۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن 24سائەت (بىر كۈن ) ياكى بىر سوتكا ۋاقىت كىتىدۇ .】
ئۇقۇغۇچىنى گىلوبۇسىنى ئايلاندرۇشقا يىتەكلەيمەن .
    ئىكراندا (1.1-رەسىم) يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانى كۆرسىتىلدۇ .
گىلوبۇسىنى غەرىپتىن شەرىقكە قاراپ ئايلاندۇرۇپ نۇر مەنبەسىنى گىلوبۇسقا چۈشۈرۈپ يۇرۇقلۇق دائىرىسىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە يىتەكلەيمەن. شۇ ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان كىچە –كۈندۈزىنىڭ ئالمىششش ھادىسىى ئوبرازلىق ھالدا چۈشەندۈرلىدۇ .
     ئىكراندا (1.1-رەسىم) يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانى كۆرسىتىلدۇ .  
  【 يەر شارى ئۆز ئوقدا ئۆزلۇكسىز ئايلىنىش جەراينىدا يەر شارىنىڭ قۇياشقا يۈزلەنگەن يېرىم شار قىسمىدا كۈندۈز ، قۇياشقا كەينىنى قىلغان يېرىم شار قىسمىدا كىچە بۇلىدۇ .شۇڭا ئادەتتە يەر شارى كۈندۈزلۈك يېرىم شار ۋە كىچىلىك يېرىم شارغا بۈلىنىدۇ .】
      ئىكراندا (1.1-رەسىم) يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانى كۆرسىتىلدۇ . گىلوبۇسىنى غەرىپتىن شەرىقكە قاراپ ئايلاندۇرۇپ نۇر مەنبەسىنى گىلوبۇسقا چۈشۈرۈپ،ئۇرۇمچى بىلەن بىجىڭنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ ، شەرقتە  بۇرۇن تاڭ ئاتىدىغانلىقىنى  شۇڭا ۋاقىت پەرقى كىلىپ چىقىدىغانلىقنى ھىس قىلدۇرىمەن .
  مۇستەھكەملەش سىنىقى :
1.بۇش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭلار :
1.يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقداقاراپ بۇلىدۇ . دەۋرى (     بىر سوتكا     ) بۇلىدۇ . ئاساسلىق كىلىپ چىققان جۇغراپىيىلىك ھادىسە (كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى  ) دىن ئىبارەت بولۇپ (  ۋاقىت  ) پەرقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
2. ساۋاقداشلار دىن قايسىڭلار ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقدا ئايلىنىش يۈنلىشى ئىپادىلەپ بىرەلەيسىلەر ؟
     دەرستىن كىچىك خۇلاسە :  بۇ دەرس ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۈنلىشى غەرىپتىن شەرىقكە بۇلۇپ تۇلۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن 24سائەت (بىر كۈن ) ياكى بىر سوتكا ۋاقىت كىتىدىغانلىقى ،يەر شارى ئۆز ئوقدا ئۆزلۇكسىز ئايلىنىش جەراينىدا يەر شارىنىڭ قۇياشقا يۈزلەنگەن يېرىم شار قىسمىدا كۈندۈز ، قۇياشقا كەينىنى قىلغان يېرىم شار قىسمىدا كىچە بۇلىدىغانلىقى ، شۇڭا ۋاقىت پەرقى كىلىپ چىقىدىغانلىقنى بىلىش .
    دوسكا لاھىيسى :
2§. يەر شارىنىڭ  ھەركىتى
1. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنشى
1. ئايلىنىش يۈنلىشى ـــ غەرىپتىن -شەرىقكە
2.تۇلۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن 24سائەت (بىر كۈن )  بىر سوتكا ۋاقىت كىتىدۇ
3.جۇغراپىيىلىك ھادىسە ـــ  كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى   جۇغراپىيىلىك پەرق ــــ  ۋاقىت   پەرقى
     تاپشۇرۇق :  خەرىتە تولدۇرۇش مەشىقى 5~6-بەتنى ئشلەپ كىلىڭلار ؟
  دەرستىن كىيىنكى قايتا ئويلىنىش :




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش