كۆرۈش: 221|ئىنكاس: 0

تەكلىماكانغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرس تېمىسى :1-بۆلەك :سىھىرلىك تەبىئەت                  
1-دەرىس. تەكلىماكانغا نەزەر
( ئوقۇتۇش سائىتى )
ئوقۇتۇش نىشانى :
1. تېكىستنى توغرا ، راۋان ، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بۇلۇش.
2. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇش.
3. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى بىلۋېلىش ، تېكىست مەزمۇنىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىپ بىرەلەيدىغان بولۇش .
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى :
رەڭلىك رەسىمنى تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنۋلىش، تەكلىماكان ھەققىدىكى بىلىمنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش.
قىيىن نۇقتا :  تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنۋىلىش ،ئاغزاكى جۈملە تۈزەلەيدىغان بۇلۇش.
ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى :
دەرسلىك كىتاب ، پايدىلنىش ماتىرىيال ، سائەت ، دەرسلىك دېتالى .
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :
كۆزىتىش ، بايان قىلىش ، چۈشەندۈرۈش ، سۇئاللار بويىچە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىپ دەرس مەزمۇنى چۈشەندۈرۈلىدۇ .
تەلىم- تەربىيە نىشانى :
رەسىم مەزمۇنى ۋە دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئەتنى قوغداش ، تەبىئەتنى سۆيۈش ، ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ئېڭى تۇرغۇزۇلدۇ .
ئوقۇتۇش جەريانى :
1.سىلەر كۆرىۋاتقان بۇ مەنزىرە قانداق مەنزىرە؟ بۇ مەنزىرىنى نىمە دەپ ئاتايمىز؟
2.ساۋاقداشلار ، سىلەر « تەكلىماكان » دەپ ئاڭلاپ باققانمۇ؟ سىلەر خوتەنگە بېرىپ باققانمۇ؟
ئۇقۇغۇچىلاردىن يوقارقى سوئاللارنى  سۇئال سوراش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ .
ئۇقۇغۇچىلار تەكلىماكان ھەققىدە ئۈزى بىلدىغىننى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرغا قۇيدۇ. ئۇقۇتقۇچى قىسقىچە خۇلاسىلەپ بىرىدۇ.
3. دەرسلىك كىتابتىكى قىستۇرما رەسىمنى كۈزىتىش بىلەن بىرگە تېكستنى مۇستەقىل ھالدا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا تەشكىللەيدۇ .
4. ئوقۇتقۇچى تېكىستنى بىر قېتىم ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ ، ئاندىن تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىشقا يېتەكلەيدۇ . ئوقۇغۇچىلار تىكىستتە ئۇچىرغان يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ .
5. گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ پويىز شەكلىدە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا تەشكىللىنىدۇ.
6.يېڭى  سۆزلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىندۇ.
يېڭى سۆزلەر
1) ئۇپۇق – ئاسمان بىلەن دەريا سۇ يۈزىنىڭ كۆز يەتكۈدەك يىراقلىقتا تۇتاشقاندەك كۈرىندىغان قىسمى.
2) شەپەق – قۇياش پېتىش ئالدىدىكى قىزىللىق.
3) تىمتاس – جىمجىت.
4) سۈكۈت – جىمجىتلىق.
5) ئەبەدىيلىك – مەڭگۈلۈك.
6) ھارارىتى – تەپتى، كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق.
7) گىرىمسەن – غۇۋا ، تۇتۇق.
8) قۇم بارخانلىرى – قۇم دۆۋىلىرى.
9) قەلئە – دۈشمەن ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئورالغان قورغان، شەھەر.
10) تەشنالىقنى كۈچەيتىش – تېكىستتىكى بۇ تەشنالىق سۇغا بولغان تەشنالىقنى ،ئۇسسۇزلۇقنى كۆرسىتىدۇ.
7. ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى 4-5-بەتتىكى رەسىمنى كۆزىتىشكە يىتەكلەيدۇ.
ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈزەتكىنىگە ئاساسەن تېكىستنى رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرىدۇ. ۋە مۇشۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا تەكلىماكان قۇملۇقى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىنى بايان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ئاخىرقى خۇلاسە:
بۇ تېكىستتە ئاپتۇر ئاساسلىق قىلىپ قۇملۇقنى تەسۋىرلىگەن بۇلۇپ،قۇم بورىنى كىلىشتىن ئىلگىرى كەلگەن چاغدىكى ۋە توختىغان چاغدىكى مەنزرىنى  رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ناھايتى جانلىق سۈرەتلەپ بىرىلگەن.
دوسكا لايىھەسى
1-دەرىس : تەكلىماكانغا نەزەر
ئاپتۇرى: يالقۇن رۇزى
يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات
1) ئۇپۇق – ئاسمان بىلەن دەريا سۇ يۈزىنىڭ كۆز يەتكۈدەك يىراقلىقتا تۇتاشقاندەك كۈرىندىغان قىسمى. 2) شەپەق – قۇياش پېتىش ئالدىدىكى قىزىللىق.3) تىمتاس – جىمجىت.
4) سۈكۈت – جىمجىتلىق. 5) ئەبەدىيلىك – مەڭگۈلۈك.
6) ھارارىتى – تەپتى، كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىسسىقلىق.
7) گىرىمسەن – غۇۋا ، تۇتۇق. 8) قۇم بارخانلىرى – قۇم دۆۋىلىرى.
تاپشۇرۇق :
تېكىستنى توغرا،ھىسياتىلىق ئۇقۇپ كىلىدۇ.
ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىمزاسى قۇيۇلىدۇ.
دەرىستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش