بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-2 01:03
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتۇشدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى ( ئىلمى ماقالە ) يەكەن بازار مەركىزى مەكتەپتىن : ئابدىرشىت سەمەر تىلفۇن نۇمۇرى: 13619983256 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتۇشدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى يەكەن بازار مەركىزى مەكتەپتىن : ئابدىرشىت سەمەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ئىچىدە يىنىك ئاتلىتكا ئوقۇتۇشى پۈتكۇل تەنتەبىيە دەرسىنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى ئىگەللەيدۇ، دۆلەتنىڭ بەدەن ساغلاملىق تەلىۋىنى ئورۇنلاشتىمۇ مۇھىم ئورۇنداتۇرىدۇ. شۇڭا يىنىك ئاتلىتكا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئوقۇتۇش سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش بىلەن بىرگە مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيتى جەريانىدا بەزى-بىر ھادىسە ۋەقەلەر ھەم تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىغا مۇخالىپ بولغان خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلشىمىز لازىم. بۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشىگە تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە. ھازىرقى يېزا قىشلاقلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئۆتۈلۈشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان كۆزقاراش، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بىرشى قاتارلىق جەھەتلەردە تۆۋەندىكى مەسلىلەر ساقلىنىۋاتدۇ. 1. ھازىر مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى جەريانىدا خوش ياقسا تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشدىغان، بولمىسا قاتناشمايدىغان ،تەنتەربيە ۋە تەنتەربىيە دەرسى دىگەنلەردىن قىلچە خەۋرى بولمىغان، تەنتەربىيە كەسپى بۇيىنچە مەخسۇس تەربىيلەنمىگەن ئوقۇتقۇچلارنى تەنتەربىيە دەرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، بەزى جايلاردا بولسا ئادەتتىكى پەنلەر ھۆددىسدىن چىقالمىغان ئوقۇتقۇچلارنى تەنتەربىيە دەرسى بىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۇمەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئىلمىيلىكى،تەلىپى،مەقسىدى،ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى،تەنھەركەت ئۆلچىمى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچسىنىڭ شەرتى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن خاتا چۇشەنچىلەر پەيدا بولغان. ئاخىردا تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇغۇچلارغا توپ تاشلاپ بەرسە بۇلدىغان دەرىس ،مەكتەپتە ئەمگەك بولسا تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا قىلۋىتىدىغان دەرىسكە ئايلىنىپ قالغان .شۇنىڭ بىلەن ياش ئوسمۇرلەرگە قارىتا جىسمانى ۋە ساغلاملىق جەھەتلەردىكى تەربىيلەش تاشلىنىپ قالغان ياكى ئىزىدا توختاپ قالغان. بۇنداق ئەھۋاللاردا مەكتەپ چوقۇم تەنتەربىيە دەرسى كەمچىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تەنتەربىيە دەرسىگە، تەنتەربىيە پائالىيتىگە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچسغا بولغان ئەقەللى شەرىتلەرنى تۆۋەنلىتىۋىتشكە بولمايدۇ. 2. بەزى مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى ۋە مەخسۇس تەنتەربىيە كەسپى بويىچە ئوقۇمىغان تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى دەرىس ئوتۇشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق ھەركەتلىرى ،بەدەن قىزتىش تەرتىپكە سېلىش ھەركەتلىرنى ئىشلەتمەيلا دەرىسنى باشلىۋتىدىغان ، بالىلارغا تەنتەربىيە ئايىغى كىيىشنى ئورۇنلاشتۇرماي ھەرخىل ئىگىز-پەس ،قاتتىق،شىغىل ياتقۇزۇلغان مەيدانلاردا ئوقۇغۇچلارنى يالاڭ ئاياغ يۈگۇرتىدىغان ياكى باشقا ھەركەتلەرگە سالدىغان ،ئوقۇغۇچلارغا بۇ جەھەتتە تەكىتلەش ئېلىپ بارماي ئوقۇغۇچلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىپ، ئوقۇغۇچلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت . بۇخىل قىلمىش تەنتەربىيە كەسپى بويىچە تەربىيلەنگەن ئوقۇتقۇچىغا خاس خىسلەت ئەمەس.بۇخىل ھالەت شۇ ئوقۇتقۇچنىڭ خىزمەت پوزىتسىيسى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ھەرقانداق فىزولوگىيلىك ئۆزگىرىش مۇئەييەن تەييارلىق ھەركەتتىن كىلىدۇ، تەييارلىق ھەركەت بولمىسا بەزى ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەر كىلىپ چىقىدۇ. تەييارلىقسىز،بەدەن قىزىتىش ھەركىتى بولمىغان شارائىتىتا تەنتەربىيە دەرسىنى باشلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق تەنتەربىيە دەرسى بىرىدىغان ئوقۇتقۇچى چوقۇم تەنتەربىيە كىيمى كېيىشى، ئوقۇغۇچلارغىمۇ شۇنداق تەلەپ قۇيۇشى ،بۇنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرنى ئوقۇغۇچلارغا تۈلۇق چۇشەندۇرۇپ قۇيۇشى ،تەييارلىقسىز دەرىس باشلاشتىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم. 3. تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ۋە ساغلاملىق ئوقۇتۇش پىروگىراممىسنىڭ ئاساسىي ماھىيتىنى تولۇق بىلمەي ۋە ئىگەللىمەي دەرىس ئوتۇش ۋە مەشىق جەريانىدا ئوقۇغۇچلارنى چارچىتۋىتدىغان، ئۆزى ئوتكەن دەرىستىن زىرىكتۇرۇپ قۇيدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چۇقۇم ھىسىياتقا بېرىلمەي ئوقۇتۇش قانۇنىيتى،ئوقۇغۇچلارنىڭ ياش ئالاھىدىلكى ،قىزقىش ئالاھىدىلكى، ھەركەت قاتلىمنىڭ تەدرىجلىكى ،خىلمۇ-خىللىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنىڭ تەلەپ مەقسىتگە ئاساسەن پىلان تۈزۈشى، ئىش كۆرۇشى كىرەك. مەشىق قىلدۇرغاندا مەزمۇنى كۆپ، تەكرارلاش قىتىم سانى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بۇلۇپ كەتمەسلكى، ئوقۇغۇچلارنىڭ جىسمانى قۇۋىتى ئاساس قىلنىشى لازىم، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش ياش-ئوسمۇرلەرنىڭ ئۇسۇپ يىتلىش ۋە سالامەتلىكىگە تىز تەسىر يەتكۈزىدۇ. 4. ھەرقايسى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچلارغا نىسبەتەن ھەركەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە تەدرىجى ئىلگىرلەش پىرىنسىپغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، دىققەت قىلماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغان. بىر قىسىم تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىردا ئەمەلىيەتكە قارىماي، سوبىكتىپ خاھىشى بۇيىنچە ھەركەت مىقدارىنى ئۆزى خالىغانچە كۆپەيتىۋەتكەن ۋە ئىشلەتكەن، بۇنىڭغا قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت سەرپىياتى يىتىشمەي بىر-ئىككى ھەپتىگىچە پۇتىنى ئالالماي، پۇت قوللىرى ئاغرىپ كېتدىغان ئەھۋاللار يۈزبەرگەن. بۇنىڭ بىلەن تەنتەربيە دەرسىدىن قاچدىغان، قىزقارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرنى ئېلىپ بارسىمۇ قاتناشمايدىغان ھەتتا چىقمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالغان. ئەسلىدە كشنى قىززىقتۇردىغان تەنتەربىيە دەرىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش مىتودىنىڭ ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچلار قاچدىغان، ئۆزىگە بېسىم ھېساپلايدىغان دەرىسكە ئايلىنىپ قالغان. 5.ئىلمى ئۇسۇلدا چېنىقىش ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغان.بىرقىسىم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرى ئوتتۇرا تېخنىكوم بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بۇلۇپ، ئادەتتىكى تەنتەربىيە يۈزلىنىشى بۇيىچە دەرىسكە تەييارلىق قىلدىغان ۋە مەشىقلەندۇردىغان، ئىلمى ئوقۇتۇش جەھەتلەردىن يېتەرلىك بىلىمگە ئىگە بولماي،ھازىرقى تەنتەربىيە تەرەققىياتنى ئىگەللىمەي قارىغۇلارچە كېتىپ بېرۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىلگىرى ئاڭلىغان ئاز-تولا ۋە ئىگەللىگەن بىلىملىرىگە تايىنىپ ھازىرغا قەدەر تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىغا خىلاپ ھالدا تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز يېڭدىن يولغا قويغان ساغلاملىق ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى ۋە ئوقۇغۇچلار بەدەن ساغلاملىق ئۆلچىمنىڭ تۈپ ماھىيتىنى ئىگەللىمەيدىغان،قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئۆلچەمنى ھەققى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ دىگەننى ئويلىمايدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. 6. ئەتراپلىق چېنقىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكمۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىدە ساقلىنۋاتقان بىر مەسىلە. بىر قىسىم تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتۇش پىروگىراممىسنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقماي، دەرىس ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۆزى ياخشى كۆردىغان تەنتەربىيە تۈرلىرنى دەرىس مەزمۇنى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردىغان، ئوزى ياخشى كۆرمەيدىغان تۈرلەرنى ئاز ئۇرۇنلاشتۇردىغان ياكى دەرىس مەزمۇنىدىن قالدۇرىۋىتىدىغان،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەتراپلىق، سىستىمىلق چېنىقىشغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەسلەن: ئۆزى ياخشى كۆردىغان توپ ياكى باشقا تۇرلەرنى دەرىسكە ۋە مەشىققە كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىنىك ئاتلىتكا تۇرلىرنى تاشلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇخىل ئەھۋاللار ئوقۇغۇچلارنىڭ بەدەن سۇپەت ئامىلنىڭ يىتلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئوقۇغۇچلار ئەتراپلىق يىتىلمەيدۇ ھەمدە تەنتەربىيە دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كىتىدۇ. 7. بىخەتەرلىك تەنتەربىيە ساۋاتلىرنى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئەھۋاللىرمۇ ساقلانماقتا. بەزى تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى دەرىستىن ئاۋال تەنتەربىيە سايمانلىرنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىم-كىچەكلىرنى تەپسىلى كۆزدىن كەچۈرمەيدۇ. قىز ئوغوللارنى پەرىقلەندۇرمەي شارائىتى ناچار مەيداندا مەشىق ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. نەتجىدە قىزلارنىڭ بوينىغا ئېسۋالغان بۇيۇملىرى ئۆزبەدىنىگە سانجىلىپ كىتدىغان ،ئوغوللارنىڭ ئېسۋالغان ئاچقۇچ قاتارلىق بۇيۇملىرى ئۆزنىڭ بەدىنىگە زەخمە يەتكۈزدىغان، پۇت-قوللىرى قايرىلىپ كىتدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم تەنتەربىيە سايمانلىرنى توغرائۇرۇنلاشتۇرماسلىق ،پايدىلانماسلىق سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار زەخمىلنىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئوقۇغۇچلارغا بىخەتەرلىك تەربىيە ساۋاتلىرنى بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك. قىسقىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىسلىرىدە ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتىلىرى، ياش -ئوسمۇرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۇپ يىتلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مىنىڭچە تۆۋەندىكدەك بىرقانچە نوختىغا دىققەت قىلغاندا بۇ مەسلىلەرنى ياخشىلغىلى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن: 1) ھەردەرجىلىك مەكتەپ رەھبەرلىكى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ بۈيۈك ئەھمىيتىگە بولغان تونۇشىنى توغرىلىشى، تەنتەربىيە دەرسىنى مەكتەپتە بولسىمۇ بۇلىدىغان بولمسىمۇ بۇلدىغان دەرىس دەيدىغان خاتا قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ،ئەخلاقى،ئەقلى،جىسمانى جەھەتلەردىن تەربىيلەشنىڭ بىر تارمىقى بولغان تەنتەربىيە ۋە جىسمانى يىتلىش ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كىرەك .تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرنى سەپلەش، ئالماشتۇرۇش، يېڭلاش، بىلىم ئاشۈرۇش جەھەتلەردە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرىپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ كەسپى نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىشى، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەنتەربىيە ئىشلىرغا كۆڭۇل بۆلۈشى كىرەك. چۇنكى مەكتەپ تەنتەربىيە ئىشلىرنىڭ قانداق بۇلىشى مەكتەپ ئومۇمى مەدەنىيەت ھاۋاسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرستىپ بىردىغان ئەينەك. 2) تەنتەربىيە ئىشلىرنى بىر تۇتاش تەشكىللەش،ئەتراپلىق ئەھمىيەت بىرىش، مەكتەپ، يېزا،جامائەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە باشقۇرۇش،ھازىرقى تەنتەربىيە ئىشلىرنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتپ بەردى. لېكىن ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىسلىرى ئوتتۇرسىدا ئاز تولا پەرىق بولسىمۇ پەقەت يۇقارقى نىشاندىن ئايرىلىپ كىتەلمەيدۇ. شۇڭا مەكتەپ تەنتەربىيسىگە ھۆكۈمەت، خەلىق بىرلىكتە باشقۇرۇشى كىرەك. 3) تەنتەربىيە ئوقۇتۇش سايمانلىرنى ۋە تەنتەربىيە مەيدانلىرنى ئەمەلىي ئەھۋال، تەلەپ ۋە ئۆلچەم بويىچە تەدرىجى تۇلۇقلاش كىرەك. بىر قىسىم تەنتەربىيە سايمانلىرنى يۆتكەپ، تەڭشەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلسىمۇ بۇلىدۇ. ئوقۇغۇچلارغا بولغان تەلەپ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلۇپ كەتمەسلىكى كىرەك. ئوقۇغۇچلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ،سالامەتلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆلچەمنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلىتۋەتمەسلىكى لازىم. 4) تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۇمىنى قاتتىق ئىگەللەش كىرەك. تەنتەربىيە ئوقۇتۇش پىروگراممىسىغا ئاساسەن دەرىس ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دەرىس مەزمۇنىغا بولغان يىتەكچىلىك، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۇرۇشنى ئاساس قىلىش كىرەك. 5) قەرەللىك ھالدا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىلەن تەنتەربىيە ئورگانلىرى بىرلىشىپ ئۆلچەم ۋە سۇپەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرىس ئوتكۇزۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش، سىناق ئېلىش قاتارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرنى ئېلىپ بېرىپ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقرى كۆتۇرۇش لازىم. يۇقارقىدەك تەدبىرلەرنى قوللانغاندا مەكتەپلەردىكى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى، سۈپىتىنى يۇقرى كۆتۈرۇپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرىس ئوقۇتۇشدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرى ( ئىلمى ماقالە )
يەكەن بازار مەركىزى مەكتەپتىن : ئابدىرشىت سەمەر تىلفۇن نۇمۇرى: 13619983256
|