كۆرۈش: 426|ئىنكاس: 2

ئاتا-ئانىلارغا خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاتا-ئانىلارغا خەت
ھۆرمەتلىك ئائىلە باشلىقى، ياخشىمۇسىز؟
2014- 2015- ئوقۇش يىلى ئاخىرلىشىپ، پەرزەنتلىرىمىز يازلىق تەتىلگە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئەخلاق- پەزىلەتلىك، ساغلام، ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ھەر بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ بۇ ئوقۇش مەۋسۈمىدە مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ- قۇۋۋەتلىگىنىگە چىن كوڭلىمىزدىن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك، بىخەتەرئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ،   پەرزەنتىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا تەربىيە ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:
1.تەتىلگە چىقىش ۋە ئوقۇش باشلىنىش ۋاقتى: مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن  ئوقۇغۇچىلار 7- ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ تەتىلگە چىقىدۇ. 8- ئاينىڭ  28-كۈنى مەكتەپكە يىغىلىپ، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى رەسمىي دەرس باشلايمىز.
2.«پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش» دېگەندەك پەرزەنتىڭىزنىڭ تەتىلدە ئۆگىنىش قىلىش، ئەھمىيەتلىك ئويۇنلارنى ئويناش، دەم ئېلىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، كىتاب ئوقۇش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئېكىسكۈرسىيە، زىيارەت قىلىش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش...قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ، تەتىل تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىشى ئۈچۈن مۇكەممەل بىر تەتىل پىلانى تۈزۈۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىڭ.
3. پەرزەنتىڭىزگە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، يول يۈرگەندە، ۋېلسىپىت مىنگەندە ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن بېسىش، تاسادىپىي قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىڭ.
4. پەرزەنتىڭىزنى ئائىلىدە يالغۇز قالدۇرغاندا، گاز ئوچاق ۋە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ئۇسوللىرىنى ئىگەللىتىپ، ئىشلەتكەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
5.پەرزەنتىڭىزگە ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىڭ. تەتىل مەزگىلىدە تۈرلۈك يۇقۇملۇق زۇكام، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى يۇقتۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن دائىم قول يۇيۇشنى، يۇيۇنۇپ تۇرۇشنى، ئادەم كۆپ توپلاشقان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىقنى ئەسكەرتىڭ،  كېسەللىكنى بايقىغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، «بالدۇر بايقاش، ۋاقتىدا داۋالىتىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇڭ.
6. پەرزەنتىڭىزنىڭ دوستلىرى بىلەن سۇغا چۆمۈلۈش ياكى ئويناش ئۈچۈن سۇ ئامبىرى،  ئۆستەڭ قاتارلىق خەتەرلىك جايلارغا بارماسلىقى تەكىتلەپ تۇرۇڭ.
7. پەرزەنتلەرگە بولغان قانۇن- تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئويناش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بىرىنچىدىن تورخانا، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا، دېسكۇخانا قاتارلىق خەتەرلىك تىجارەت سورۇنلىرىغا بارغۇزماڭ، ئىككىنچىدىن ئىلمىي تورغا چىقىش تەربىيىسىنى كۈچەيتىڭ، ساغلام بولمىغان قانۇنسىزتور بەتلىرىنى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر، تېرورلۇق تەشۋىق قىلىنغان تور بەتلىرىنى كۆرۈشنى قەتئىي چەكلەڭ.
8.ئائىلىدە پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆزى كۈچى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىڭ، ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيدىغان،ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەت  يېتىلدۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىڭ .
9.مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدا قۇرامىغا يەتمىگەن ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇشى چەكلەنگەن. شۇڭا تەتىل مەزگىلىدە  پەرزەنتىڭىزنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا، دىنىي ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا زورلىماڭ. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىغا ياخشى يېتەكچى بولۇڭ.
10.پەرزەنتىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى مەشغۇلات ۋاقتىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرىشىغا نازارەتچىلىك قىلىپ، بەك كەچ ئۇخلايدىغان، ئەتىگەن تۇرمايدىغان ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ. تەتىل پىلانى بويىچە تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىشىگە، ساغلام بولغان كىتاب- ژۇرناللارنى ، تېلىۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ ، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ.
ھەرقايسى ئائىلە باشلىقلىرى يازلىق تەتىل كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە ئۆگىنىش ئورنىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. تەتىل پىلانىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە ئەمەلىيلىشى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، سىزنىڭ تەتىلدىكى تەربىيىڭىزنىڭ رولىمۇ ھەم شۇنداقلا مۇھىم . بالىلارنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى!
پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن، بىزگە ماسلاشقىنىڭىزغا ھەم بىزنى قوللىغىنىڭىزغا سەمىمىيلىك بىلەن رەھمەت ئېيتىمىز!!!!!

2015-يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ۋاقتى: 2015-6-25 11:45:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟   تېمىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۇر ! جىددى لازىم بولغان ئىدى . ئەجرىڭىزنىڭ ھەققى يەردە قالمايدۇ ....
ۋاقتى: 2015-6-25 13:14:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق تۈزۈلۈپتۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش