كۆرۈش: 545|ئىنكاس: 4

ئالىي مەكتەپلەرگە ئارزۇ توردۇرۇشتا بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشى توغرىسىدا مەسلىھەت

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئوخشاش يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بەزى ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى خۇش قىلغان بولسىمۇ، بەزى ئاتا-ئانىلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
   ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئارزۇ تولدۇرغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئېيتتى:
   بىرىنچىدىن، تاللىماقچى بولغان كەسىپنى چۈشىنىشى، كەسىپنىڭ نامىغا قاراپلا ئارزۇ تولدۇرۇپ قويماي، شۇ كەسىپنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى، يۆنىلىشى قاتارلىقلارنى پەرەز قىلىشى كېرەك.
   ئىككىنچىدىن، كەسىپ تاللىغاندا ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە تاللاش، كەسىپنى بازارلىق كەسىپ ياكى ئاقماس كەسىپ دەپ ئايرىماي، شۇ كەسىپكە قىزىقىش – قىزىقماسلىقىنى، ئۆزىگە ماس كېلەمدۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئويلىشىشى كېرەك.
   ئۈچىنچىدىن، ئوقۇيدىغان كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئويلىشىش كېرەك. ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن تاللىغان كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ بىردىنبىر چىقىش نۇقتىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىستىقباللىق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى ئالدىن ئويلىشىش كېرەك.
   ئاتا- ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار كەسىپنى ئوبدان دىتلاپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە ئارزۇ تاللاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك جايلارنى خاتىرىلىۋېلىشى كېرەك. ئارزۇ تاللاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار قانچە كۆپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارزۇسىنى شۇنچە مۇۋاپىق تاللىيالىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ماتېرىياللاردا ھەر قايسى مەكتەپ، كەسىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى، تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلىدىن تارتىپ ھەر قايسى كىچىك ھالقىلارغىچە ئىنچىكە خاتىرىلەنگەن. ئوقۇغۇچىلار ئاساسلىقى ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، كەسىپلىرى، ئوقۇتۇش ئەھۋالى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، ھەق ئىلىش ئۆلچىمى، ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش ئەھۋالى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا قاراش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا ئوقۇغۇچىلار تولدۇرماقچى بولغان مەكتىپىنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىش شەرتلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئارخىپ چىقىرىش ئەھۋالىغا قارىشى كېرەك. چۈنكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئارخىپنى تەڭشەيدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تاللىغان مەكتەپنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ بېقىش، ئىككىنچى ئارزۇ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغانلىق ئەھۋالى بارمۇ، قوبۇل قىلىش نىسبىتى قانچىلىك مۇشۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بەزى ئالىي مەكتەپلەر يەككە پەننىڭ نەتىجىسىگە قاراپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: چەت ئەل تىلى كەسىپلىرىگە چەت ئەل تىلىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئىقتىساد تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ماتېماتىكا ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

   مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر بېتىدىن ئېلىندى  http://uyghur.xjedu.gov.cn/plan/2015/87967.htm

ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ  گېزىتى
قىزىلنۇر تورى تەھرىرلەپ تارقاتتى .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-6-14 08:42:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە تەشەككۈر
ۋاقتى: 2015-6-14 13:23:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر يىتەكچى بولۇپ قالغۇسى......رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-6-16 09:38:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر ئىنىم ئىمتىھان بەرگەن ، بۇ ماتىرىيالدىن پايدىلىنىپ ئارزۇ تولدۇرسۇن ~
ۋاقتى: 2015-7-13 17:11:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا  تىگىشلىك  بىلىملەكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش