بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-3 10:18
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
ئازادجان ئىبراھىم ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ئاساسلىقى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۇسۇلى،سەرخىل ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرلىشى،تىل ئۆگىنىش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي،ئىلمىي ، جانلىق ، ئۈنۈملۈك بولۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى سەرخىللەشتۈرۈپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك: 1 .ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچى ئاساسلىق ئامىل ھېساپلىنىدۇ.شۇڭا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرىشتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەش بىلەن بىللە ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كەسپى ئەخلاق مىزانى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، بولۇپمۇ ئۆز كەسپىنى ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۈلۈشى ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ،ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپاسىنى يوقىرى كۆتىرىشى، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا ئەتىراپلىق بىلىم بېرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى داۋاملىق ماتىرىيال كۆرۈپ،دەرىس ئۆلچىمى ،دەرىسلىك ،پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش بىلەن سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانىنى مۈكەممەل ۋە ئىلمىي تۈزۈپ، دەرىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ،ئوقۇتۇش نىشانى ،مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىلىرىنى پۇقتا ئۆزلەشتۈرۈپ،زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسنى ئامما باپ،چۈشىنىشلىك ،جانلىق تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈش كېرەك.ھەر سائەتلىك دەرىسنى ئۆتۈشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆتۈلگەن دەرىسلەردىن سوئال سوراپ ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى ئەسلىتىپ ،ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىش بىلەن بىللە يەنە ئۆتۈلگەن دەرىسلەردىن تاپشۇرۇق بېرىپ ،بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشش نىشانىنى كۆرسىتىپ تۇرۇشنى دائىملىق ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ،ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ. 2.توغرا ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. توغرا ئوقۇتۇش ئېدىيەسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇش - تۇرغۇزۇلماسلىقى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، مۇھىمى پەرزەنتلەرنىڭ كېلىچەكتىكى ئاساسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەنئەنىۋى مائارىپ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ، ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيەنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە دەرس ئۆتۈشى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىك رولى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشى، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا توغرا ئەخلاقى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى، ئادەم بولۇش يوللىرىنى بىلدۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىلىم ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگەللىتەلەيدىغان بولۇشى، جەمىئيەتتىكى تىپىك ئىشلارنى مىسال قىلىپ، مۇستەھكەم غايە تىكلەشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشى كېرەك.بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوبىرازىغا يەنى يۈرۈش ،تۇرۇش،سۆز ھەركەتلىرىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ،كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىم-تەربىيىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەركىتى،ئەخلاقىي پەزىلىتى ئارقىلىق قايىل قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.ئوقۇغۇچىلار بىلەن داۋاملىق بىللە بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆيىنىپ،ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ،تۈرلۈك تەلىم-تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئاتا-ئانىلارنى،چوڭلارنى،ئۇستازلارنىھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ،ساۋاقداشلار بىلەن ئېناق ئۆتۈش ،تىرىشىپ بىلىم ئېلىش ،ئەخلاقلىق،مەدىنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان بولۇش توغرىسىدىكى تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىپ ،ئۇلارغا ھەرجەھەتتىن ئۈلگە بولۇش كېرك.شۇنداق بولغاندىلا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئوقتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىەە يەتكىلى بولىدۇ. 3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش كېرەك. نۆۋەتتە مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى ئەھالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلىشى ناھىيىتى ياخشى لېكىن ئىچكىرلەپ چۆكىدىغان بولساق يەنىلا بەزى يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۈت.كونكىرىت قىلىپ ئېيىتساق بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يىتەرلىك ئوقۇتقۇچىلار تولۇق سەپلەنگەن ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئارتۇق،شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئوقۇتقۇچى يىيىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ مائارىپ باشقۇرۇشتىكى يىتەرسىزلىكلەردىن بولسىمۇ ،ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە.ئىلگىرى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىھتىياجىغا ،ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىغا ئاساسەن بەزى ئوقۇش تارىخى تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ھازىرقى ئوقۇتۇشنىڭ تەلىۋىدىن چىقالماي ئارقا سەپكە چېكىنىپ،مەكتەپنىڭ گۈزەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.بەزىلىرى بۇرۇن تېخنىكومنى پۇتتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ،ھازىرغىچە بىلىم ئاشۇرماي ئوقۇش تارىخىنى يوقىرى كۆتەرمەي ئىزچىل ئىشلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ،ئوقۇتۇشتا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكىزىۋاتىدۇ.ئەسلى يوقىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تېخنكومدىن يوقىرى يوقۇش تارىخىغا،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي تېخنىكومدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇق كۇرسى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش دەپ كۆرسىتىلگەن.لېكىن مەكتەپلەر دە بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان بولسىمۇ يوقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كونكىرىت ئەمەلىيلەشمىگەنلىكتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى سەۋەپلىك ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىپ بارىدۇ.شۇڭا مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى مەكتەپلەرگە يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىغا قاتتىق تەپ قويۇپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 4.تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلار ئانا تىلدىن باشقا تىللارنىمۇ ئۆگىنىپ، ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگەللەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، بولۇپمۇ دوسكا خېتى ئۆلچەملىك، توغرا، ئىملا قائىدىسى بويىچە يېزىلىشى، دەرس تەييارلىقىمۇ توغرا تۈزۈلۈشى، خاتالىقلاردىن ھەر ۋاقىت خالىي بولۇشى لازىم. قوش تىل ئوقۇتۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە ئەمىيەت بېرىشى رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئورۇنلاردا قوش تىل ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇپ،كۆرنەرلىك نەتىجىلەرگە قول يەتكىزگەن بولسىمۇ ،يەنە بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرىشىنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن بولىۋاتىدۇ.يوقرىنىڭ قوش تىل ئوقۇتىشى توغرىسىدىكى سىياسەتلىرى ،قوللىشى ،ئىتىبار بېرىشى ناھىيىتى ياخشى لېكىن تۆۋەننىڭ بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى ياخشى ئەمەس.يوقىرىمۇ نۇرغۇن خىراجەت ئاجىرىتىپ جاي-جايلاردا كۇرسىلارنى ئېچىپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيە لەۋاتىدۇ.بەزى مەكتەپلەر تەربىيىلىنىپ كەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپلەردىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىغا سەپلەپ ،ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئوقۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ،قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللەشتۈرۈپ،قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن بولسىمۇ ،بەزى مەكتەپلەر ھەر دەرىجىلىك قوش تىل كۇرسىلاردا تەربىيىلىنىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتە باشقا كەسىپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش سەۋيىسىنى يوقىرى كۆتىرىشىگە،مەكتەپنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشنى يۈكسەل دۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىدى.ئوقۇتقۇچىلرنىڭمۇ تىل ئۆگىنىپ ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈشگىمۇ ئەھمىيەت بەرمىدى.ھازىر ئۇچۇر دەۋرى ،بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى ،رىقابەت دەۋرى مۇشۇنداق بىر دەۋېردە تىل ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم.ئوقۇتقۇچىلار تىل ئۆگىنىپ بىر قەدەر مۈكەممەل بولغان قوش تىل ئاساسىغا ئىگە بولسا ،باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇرۇش،ئىلغار تەجىربىلەرنى قوبۇل قىلىپ،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشالايدۇ.شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار غا كۈندە بىر سۆز،كۈندە بىر جۈملە ئۆگىنىش،دەرىسخاىدا دەرىس ئۆتكەندە دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى،مۇيىم،نوقتىلىرىنى خەنۇچە يېزىش،كەسپىي ئۆگىنىشلەردە خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ،ئۆزئارا خەنزۇتىلىدا سۆزلىشىش تەلىپىنى قويۇپ ،شۇئارقىلىق ئاستا –ئاستا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش غىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتىرىپ،ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرسىنى ،ماتىرىيال كۆرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يوقىرى كۆتىرش مەقسىتىگە يەتىلى بولىدۇ. دېمەك،يوقىرىدىكى نوقتىلارغا ئالاھىدە دېققەت قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى نەزىرىيە ئۆگەنىشكە، ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ۋە ئىلمىي ماقالىلەنى يېزىشقا سەپەرۋەر قىلىپ،ئۇلارنىڭ بۇجەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىگە،ئەمگەكلىرىگە ئىلھام بېرىپ،تەغدىرلەپ،2-دەرىسخانا پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش،ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ئارا ئىلمىي مۇھاكىمە ،نوتۇق سۆزلەش ،ئەدەبىي ئىجادىيەت،كەشپىيات،گۈزەل-سەنئەت ،پەنلەر بويىچە ئىمتىھان مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ،ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ،ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگندىمۇ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەكئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك.doc |