| قىزىلسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئىددىۋى ، ئىنتىزام، ئىستىلنى تۈزىتىش خىزمەت لاھىيسى مەكتپمىز ناھىيلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمىللەشتۈرۈش شۇنداقلا بارلىق ئوقوتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىللەرنىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىش ، ئوقۇتۇش ھەرىكتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتىن باشلاپ ، زور كۈچ بىلەن پارتىيلىك كادىرلار ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىدا كۈچلۈكلۇكىنى يادروۇلۇق مەزمۇن قىلىپ، تەلىم – تەربىيە خىزمتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاراتملى بولغان ھالدا مائارىپ سېتمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچى ئشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستىلى جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىللەر ۋە ئامما ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىززىق نۇقتا ، قىيىن نۇقتا مەسللەرنى ھەل قىلىش لايھەسى بېكتىلىدۇ. 1. يېتەكچى ئىدىيە ؛پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىن، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 8-نۆۋەتلىك -8قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى ۋە ۋىلايەت ۋە ناھىيمىزنىڭ يىغىن روھنى يېتەكچى قىلىپ، قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى توسۇش، ئەسەبى ئىدىيەلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە مەسلە توغرىسدىكى ئورۇنلاشتۈرۈش پىكىرى ، 11-نومۇرلۇق ھۆججەت ، ئىسلام دىنى خىزمتىنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلىگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىرى ، 28-نومۇرلۇق ھۆججەت، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ دىن ئىشلىرىن نىزامى (ئىككى ھۆججەت بىر نىزام ) ئاپتۇنۇم رايوننىڭ مائارىپ سىېتىمىسدىكى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسلە توغرىسىدىكى قارار ، مائارىپ ساھەسىدە »ئىككى بولمايدۇ، بەشنى چەكلەش« نى قانات يايدۇرۇش پائالىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرى ، زوراۋانلىق، تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن – سىن بويۇملىرىنى چەكلەش توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇش ، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ تۈمەنلىگەن پارتىيلىك كادىرلارنىڭ» ئۈچ قانۇنىسز« نى چەكلەش ، تۆت تۈرلۈك ۋەدە پائالىيتى لاھىيسى ، دىنى ئەسەبىي ئىدىىيەنىڭ 75 خىل ئىپادىىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمىللەشتۈرۈش ، قەتئى ھالدا ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكوم ، ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە ناھىيلىك پارتكومنىڭ مۇقۇملۇق خىزمتى سىياسى ئورۇنلاشتۇرمىللىرى ئەمىللەشتۈرۈپ،» قاتتىق زەربە بېرىش يىلى« پائالىيتنى قانات يايدۇرۇپ،» قاپقاقنى ئېچىش،پەردە ئارقىدىكىسىنى تېپىپ چىقىش « ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى نەزىرىيە ساپاسىنى ،كەسىپى غايىسى ۋە كەسىپى ئەخلاق سەۋىيسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش،ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيلىك كادىرلار،ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى تونۇشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىش،زور كۈچ بىلەن پارتىيلىك كادىرلار،ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسىدا كۈچلۈكلۈك بولۇشتىن ئىبارەت يادرولۇق مەسلىنى ھەل قىلىش كېرەك .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىكى كۆرىنەرلىك مەسىللەرنى ھەل قىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىھتىياتچانلىق بىلەن بېرىلىپ ئۆگىنش، نام،ئاتاق –ئابرويغا قىزىقماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتنى ساقلاش ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ،ئىنسانى پەزىلتى ۋە بىلىم ئىقتىدارى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش ،تىرىشپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم . 2. تەشكلى رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش قزىلسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتپەنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئىددىۋى، ئىنتىزام، ئىستىلنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى گۇرۇپپا باشلىقى : ئۆمەرجان قۇربان مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا موئاۋېن شۈجىسى ، مەكتەپ مۇدىرى ) مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى : ئابلىمىت ھېكىم (مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكا شۈجىسى ) ئەزالىرى يۈسۈپجان مامۇت )مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچايكا موئاۋېن شۇجسى( ماھىرە ھېبىبىللا (مەكتەپ قوشتىل ئوقۇتۇش مۇدىرى ) ھېيىتجان قۇربان (مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرى ) ئەيساجان ھۇشۇر ( مەكتەپ ئەخلاقىي تەربىيە مۇدىرى ) چىمەنگۈل سېيىت ( ئىتتىپاق ياچېيكا شۈجىسى ، پىئونىرلار باش ئەترەت يىتەكچىسى ) ھەرقايسى يىللىق سىنىپ مۇدىرلىرى يۇقارقى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئاستىدا ئىشخانا قۇرۇپ چىقىلدى،ئەخلاقىي تەربىيە ئىشخانىسى خىزمەتكە يېتەكچىلك ، رەھبەرلىك قىلىش خىزمتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئىشخانا مەسئۇللىقىنى ئەيساجان ھۇشۇر ئۈستىگە ئالىدۇ .ئىشخانا رەھبەرلكىدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش گۇرۇپپسى تەشكللىندۇ . 3. چوڭ تەرتىپكە سېلىشنىڭ خىزمەت پىرنسىپى 1) باشتىن ئاخىر ئەسەبىلكنى تۇگىتىشنى بۇ قېتىملىق ئىديىۋى سىياسى تەربىىسنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىش ،دىنىنى ئەسەبى كۈچلەر ۋە پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى چىرىتىشنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىش. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باشتىن باشلاپ ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ ›› لەرنىڭ سىڭىپ كىرشىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ، مەدەنيەت مۇنازىرلىرى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، ھەققى تۇردە دىننى ئەسەبى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان مۇداپىيە سىپلىنى قۇرۇپ چىقىش ، ‹‹ ئىككنى قىلماسلىق،بەشنى چەكلەش ›› نى چۇڭقۇر ئەملىلەشتۇرۇپ ، قىلچە ئىككىلەنمەي مىللي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننى ئەسەبى كۈچلەر بىلەن قەتئى كۆرەش قىلىش ، بايرىقىمىز رۇشەن مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا مىللي بۆلگۈنچىلىك ئىددىيسىگە قارشى تۇرۇش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلقى تەربىيسىنى ئەمەلىلەشتۇرۇپ ، زوراۋانلىق تىرۇرلۇق توغرىسىدىكى ئۈنسىن بۇيۇملىرىنىڭ تارقىلشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇختۇرۇش ‹‹ تۆتنى قىلماسلىق ›› ، ‹‹ كەسپى كىيىنىش ›› قاتارلىقلارنىڭ تەلىپىنى چۇڭقۇر ئەمەلىلەشتۇرۇش ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا پارتىيە ئەزالىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى ئېڭنى ، مەسئولىيەت ئېڭنى كۈچەيتىپ ،مائارىپ ساھەسىنىڭ بىخەتەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مەزگللىك ئەمنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. 2) مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۇرۇپ ، ھەر تەرەپتىن ئۆزگەرتىش . ئوقۇتقۇچى ئشچى خىزمەتچىلەر چوڭ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش ھەم ئۆز ئەمەليىتى بىلەن بىرلەشتۇرۇش كىرەك .مەسىللەرنى ئەستايىدىل ئىزدەش ، مەسىلنىڭ نىگىزنى تېپىش . ھەربىر ئىشچى خىزمەتچى بۇلاھىيەگە ئاساسەن بەشتىن كەم بولمىغان ئاساسلىق مەسلنى تېپىپ چىقىش كىرەك. مەسىلنى توغرا، چۇڭقۇر تۇنۇپ يىتىش ،تەرتىپكە سېلىشنىڭ مەزمۇنىنى بۇلىشى ،مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۇرۇش، ئۆزگەرتىشنىڭ يۇنىلىش بۇلۇش كىرەك. 3) گۇرۇپىلارنى قۇرۇپ ئۆزگەرتىش . بىرگە-بىر ياكى بىرگە كۆپ بولغان گۇرپپا شەكلىنى قوللۇنۇپ مەكتەپتىكە ئاساسلق رەھبەر، ئوتتۇرا قاتلام كادىر ۋە ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن شەكىللەنگەن گۇرپپا قۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلار گۇرۇپپا ئىچىدە نازارەت قىلشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قايچىلاشتۇرۇپ ياكى ئۆز – ئارا نازارەت قىلش تۇزۇلمىسى قوللىنىش . تۇزىتىدىغان ئەھۋالغا نىسبەتەن ئۆز- ئارا ياردەم بىرىش ، ئۆز- ئارا ئىلگىرى سۇرۇش ھەم مۇكاپاتلاش جازالاش ، ئىلھام بىرىش تۇزۇلمىسىنى بەرپا قىلىش ئىجادى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ برىش . 4) قاتتىق تەكشۇرۇش ، كەسكىن بىرتەرەپ قىلىش . مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى تەكشۇرۇشنى كۈچەيتىش ،ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇردىغان تەرتىپكە سېلىش نازارەت قىلىش جەريەنىدا پاش قىلنمىغان ئوقۇتقۇچىلار ،قائىدە تۇزۇمگە خىلاپلىق قىلمىشىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىۋەتلىك قائىدە نىزاملار بۇيچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش ، پوزىتسىيىسى سۇس ،خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قاتارلىق مەسىللەر كۆرۇلگەن ھامان مەكتەپ رەھبەرلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلاردا مەسىلە كۆرۇلسە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى دۇرۇس بولمىسا ،ئەستايىدىل ئۆزگەر تىلمىگنلەر ناھىيىلىك مائارىپ سىېتىما پارتكومى ئارقىلق رەھىبەرلىككە دوكلات قىلغاندىن كىيىن ناھيىلىك پارتىكومغا يوللىنىپ ،ناھىيىلىك تەشكىلات بۆلىمىنىڭ تەشكىللەش ۋە بىرتەرەپ قىلش ئېلىپ باردۇ. 5) بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە كونكىرت ئەمەلىلەشتۇرۇش ۋاقتى. كونكىرت ئوقۇتۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەر ھەپتىدە مۇقىم بەش سائەتتىن كەم بولمىغان مەركەزلىك ئۈگىنىش قانات يايدۇرىشى كىرەك . ئاساسلىق قىلپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملارنى ھۆججەتلەرنى ھەمدە رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇھىم رۇھىنى ئۈگنىش كىرەك. ئشچى خزمەتچىلەرنىڭ ئىددىيسىنى بىرلىككە كەلتۇرۇپ‹‹ جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ۋە ئۇزاق مەزگللىك ئەبەدى ئەمنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ›› ،‹‹ ئۈچ قەتئي ›› قاتارلىق نىشانغا بىردەك يېتىش بىلەن بىرۋاقتتا ئوقۇتقۇچى ئشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەخلاقى ئوقۇتقۇچلىق سالاپەت قۇرلىشىنى كۈچەيتىش ، ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئشچى خزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ مەزمۇنىنى ، دۆلەت مەمۇرىيتىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيتى قاتارلىقلارنى ھەقىقى چۇڭقۇر تۇنۇش. 6) خىزمەت ئۇنىمىنى ئىلگىرى سۇرۇش مەركەزلەشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىش ھەركىتىنى مائارىپ ئۇقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ پۇتۇن جەريانىغا سىڭدۇرۇش.بىرتەرەپتىن تەكشۇرۇش بىرتەرەپتىن ئۆزگەرتىش ، بىرتەرەپتىن تۇزتۇش ،تۇزتىشنى ئۇزارتىش .تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق خىزمەتنى ئىلگىرى سۇرۇش.تەرەققىيات ئارقىلق تەرتىپكە سېلىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۇش. ھەقىقى تۇردە مائارىپ سىستىمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ۋە ھەر بىر ئىشچى خىزمەتچىنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قېزىپ چىقىش، ھاياتى كۈچنى ئۇرغىتىش ،ھەربىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتىرەڭگۈ ،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭلىق يارتىش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋەزيەتنى بارلىققا كەلتۇرۇش. 5. چوڭ تۇزەش تەرتىپكە سېلىش خزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. 1) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ ئومۇمى نىشاننى چۆرىدەپ ،ئاجىز نوقتىلارنى تېپىپ چىقىش ›› دىلو ۋە تەجىربە ساۋاقلارنى تېپىپ چىقىش .خىزمەتلەردە ئەمەلىلەشتۇرۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش ؟ قانداق تەربىيەلەش ؟ قانداق ئادەم تەربىيەلەيمىز دىگەن مەركىزى ھالقىق مەسىلنى چۆرىدەپ ‹‹ توققۇز قاتتىق تەكشۇرۇش ›› كە بىرلەشتۇرۇپ پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ،ئوقۇتقۇچى خزمەتچىلەر ئارسىدا ئىستىل تۇزەش ھەركىتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش. 2) پارتىيە ئەزالىرى ، رەھبىرى كادىرلار ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ‹‹ ئىككىنى قىلماسلىق، بەشنى چەكلەش ›› ھەركىتىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش جەريانىدا ،دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىش ئەھۋالىدا سىياسى سەزگۈرلۇك، پەرىق ئىتىش ،قاتتق تەكشۇرۇپ بىرتەرەپ قىلشتا بۇشاڭلىق قىلىش، تەدبىرلەر ئەمەلىلەشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ بار يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۇرۇش. 3) پارتىيە ئەزالىرى ،رەھبىرى كادىرلار ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەيدانى ئېنىق بولماسلىق ،تەۋرىنىپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ بار يوقلىقى ،مۇقوملىقنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مەزگللىك ئەبەدى ئەمنلىك خىزمىتىنى بىرنچى ئورۇنغا قويغانمۇ يوق ؟ 4) قىلچە بىخەستىلىك قىلماي مىللي بۆلگۈنچىلىك نەزىرىيىسى ۋە دىنى ئەسەبي كۈچلەرگە قارشى كۆرىشىنى ئۆز ئىستىلىغا ئايلاندۇرۇشنى بىرىنجى شەرت قىلغان قىلمىغانلىقىنى ،يۇقىرنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى پىكىر،قارشى قىلمىشلار مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ،«ئۈچ قانۇنسىز»نى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرمايدىغان ،ئەمەلىيلەشتۈرمەيدىغان ئەھۋالنىڭ بار يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 5) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ بايرىقى روشەن ، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا مىللي بۆلگۈنچىلىككە قىرشى تۇرغان-تۇرمىغانلىقىنى ، پارتىيە كادىرى، ئىلغار باھالانغان،ئۆستۈرۈلگەن خىزمەتچىلەر ئارسىدا ئىقتىدارى بار ئەمەلىيتى يوق ، شەكىلۋازلىق ئېغىر سىياسىي مەيدانى ئاجىز« ھەتتا مەسىلە بارلارنى ئۆستۈرۈش ھادىسلىرنىڭ بار يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 6) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيسىنى شەكىلۋازلىق قىلىپ ياخشى ئىجرا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربيسى پائالىيتىنىڭ قانات يايدۇرلىشى ئەمەلىي بولماسلىق ،» ماركىسىزىملىقبەش قاراش ئىددىيسى«،»تۆتنى تونۇش«،»ئۈچ ئايرىلالماسلىق « ئىددىيسىنىڭ كاللىمىزغا قەلبىمىزگە سىڭىپ كىرمەسلىكتەك ھادىسلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى» كومپارتىينىڭ تامىقىنى يەپ ، كومپارتىينىڭ قازىنىنى چاقىدىغان ›› ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 7) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆز ئۈستىدە» تېرورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرنى تارقىتىشنى چەكلەش توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇش« مەزمۇنىغا نىسبەتەن ئۆگەنگەن ، تارقاتقان ، شۇ خىل ھەركەتلەرگە قاتناشقان ئەھۋالنىڭ بار-يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ، چېگرا سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىل تور بەتلىرى ، چېگرا سىرتىدىكى ئېلىكترونلۇق كىتاب ، سىن بويۇملىرى ۋە ئەكسىيەتچىل ، قانۇنسىز ، تېرورلۇق خاراكتېردىكى ساقلانغان بويۇملارنىڭ ئاشكارا ، تېز ۋە مەخپىي ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن-يەتمىگەنلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ، ئائىلە ئەزالىرى ، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا» ئۇقتۇرۇش›› نىڭ 9.ماددىسىغا خىلاپ كىلىدىغان ، چېگرا سىرتىدىكى ئەكسىيەتچىل تور بەتلىرىگە تىزىمغا ئالدۇرغان ، چېگرا سىرتىدىكى قانۇنسىز ئېلكترونلۇق كىتابلارنى ، سىن بويۇملىرىنى چۈشۈرگەن ھەمدە ھەرخىل ئۇسۇلدا ساقلىغان ، تارقاتقان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 8) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ »تۆتنى قىلماسلىق ۋەدىسى« نىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق بىلىپ ، ۋەدىنىڭ ئوبىكتىنى ئېنىق تونۇپ ، چىن كۆڭلىدىن ئەمەلىيلەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا »تۆتنى قىلماسلىق ۋەدىسى « توغىرسىدا تەشۋىقى-تەربىينى ياخشى قىلغان-قىلمىغانلىقىنى،ئاكتىپلىق بىلەن» تۆتنى قىلماسلىق ۋەدىسى « نى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئەھۋال ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە تەشكىلنىڭ نازازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 9) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تۇتاش مەكتەپ فورمىسى كىيىشنىڭ ئەھمىيتى ۋە رولىنى ئېنىق تونۇپ يىتەلمىگەن ، ئەھمىيەت بىرىشى يېتەرلىك بولمىغان ، ئەمەلىيلەشتۈرىشى تولۇق بولمىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلىقىنى ، سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىگە بولغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ، بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىر بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى-سىرتىدا بىرخىل بولماسلىق ، دىنغا ئىشەنمەيدىغاندەك بولىۋېلىپ يوشۇرۇنچە دىنغا ئىشىنىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 10) بارلىق پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ناھىيلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىجۈن يولداشنىڭ »ئۈچنى چەكلەپ ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش « مەخسۇس تېمىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنىڭ يىغىنىدىكى تەلەپكە ئاساسەن» ئۈچنى چەكلەپ ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ›› خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، سىياسىنى مۇستەھكەملەش ، قائىدە-تۈزۈمگە بويسۇنۇش ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىش ، ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش ، ھەقىقي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ، ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش ، پەزىلىتىنى چېنىقتۇرۇش ، تۆتنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۆت تەرەپتىن مەخسۇس تېما تەربىيە پائالىيتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى قاتتىق تەكشۈرۈش. 6. يۇقىردىكى 9 تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت تۆۋەندىكى 11 تۈرلۈك مەسىلىنى نوقتىلىق ئىشلەش كېرەك: 1) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، 5.ئاينىڭ 8.كۈنى جاڭچۈنشىيەن شۇجىنىڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ 7. قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەقدىرلەش چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىش ،دوستلۇق،نىكاھ خىزمىتى مۇستەھكەم قانات يايدۇرۇلۇش. 2) ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستېل مەسىلىسى.ئوقۇتۇشقىلا ئەھمىيەت بىرىپ ئادەم تەربىيلىمەسلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئەخلاقىي ھادىسلەرگە سەل قاراش. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىي ئىپادىسى مائارىپ سېستىمىسىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى،يىللىق باھالاش كۆرسەتكۈچى ،باھالاش نازارەت قىلىش سېستىمىسىغا ماس كەلمەسلىك،مەكتەپ ھەربىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىغا كونكېرت باھا بەرمەسلىك. 3) »ئەسەبىيلىكنى چىقىرىپ تاشلاش« نى تېما قىلغان بۆلگۈنچىلىككە سىڭىپ كىرىشكە قارىشى تەشۋىقات پائالىيتىدە ئۆگىنىشى ئۈنۈملۈك بولماسلىق. 4) ئوقۇتۇش ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، بارلىق خىزمەتچىلەر» ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش تەلىپى« (سىناق نۇسخا ) نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈشكە يېتەكلەش، دەرىسلىك ماتىرياللارنى تولۇق تارقىتىش، دەرىسكە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىش ۋە ئەستايىدىل دەرىس ئۆتۈش ، ئەستايىدىل لايىھەلەش ۋە ئەستايىدىل تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ، ئىمتىھان ۋە باھالاشقا ئەستايىدىل تەشكىللەش ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىستىن سىرىتقى ئۆگىنىشكە ۋە تۇرمۇشقا ئەستايىدىل يېتەكلەش ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىشتا ئەستايىدىل بولۇش ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى توختىماي يۇقىرى كۆتۈرۈش. 5) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئىشقا كىچىكىپ كىلىدىغان ، بالدۇر قايتىدىغان ، خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلدىغان ، سەۋەپسىز ئىشقا كەلمەيدىغان مەسىللەر ساقلاندىمۇ يوق ئىشى چىقىپ قالسا رۇىسەت سۇرىمايدىغان ياكى رۇخسەت سۇراش ۋاختى توشسىمۇ ئۆز ۋاختىدا ئىش ئورنىغا قايىتمايدىغان ئەھۋاللار ساقلاندىمۇ يوق؟ 6) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە خىزمەت ۋاختىدا بىكار پاراڭ سالىدىغان ، توردا پاراڭلىشىدىغان ، كومپىيوتىردا ئۇيۇن ئوينايدىغان ، كىنو كۈردىغان ، قەرەت ئوينايدىغان ، شاخمەت ، ماجاڭ ئوينايدىغان ئۈزنىڭ شەخسى ئىشىنى بىجىردىغان ئىشلار ساقلاندىمۇ يوق؟ خىزمەت ۋاختىدا پايچىك ئوينايدىغان ، ۋاختىدا يىغىنغا قاتناشمايدىغان ، ئۇزمەيلىچە يىغىنغا كىرمەيدىغان ، يىغىن ئىنتىزامىغا بوي سۇنمايدىغان ئەھۋاللار بارمۇ يوق؟ 7) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە بۇيرۇققا بوي سۇنمايدىغان ، چەكلىگەننى قىلىدىغان ئەھۋاللار ، تەربىيە بەرگەنسىرى قارشىلىق كۈچى ئاشىدىغان ، شەكلەن بوي سۇنۇپ ماھىيەتتە قارشىلىق قىلىدىغان يۇقىرنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى ئارقىغا سۈردىغان ، ئىجرا قىلىشقا كۈچ چىقارمايدىغان، ناھىيىلىك پارتىكوم، ناھىيلىك خەلق ھۈكىمىتى ئۇرۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە شارائىت ، بەدەل تەلەپ قىلىپ خىزمەتنى ئاخسىتىدىغان ، ئارقىغا سۆرەپ بىجىرمەيدىغان ، كىيىن بىجىردىغان ئەھۋاللار بارمۇ يوق؟ 8) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئۇقۇغۇچىلارغا ۋە ئائىلە باشلىقلىرىغا باشقىچە قارايدىغان ، سەت گەپ قىلدىغان ، ئىشنى تەستە بىجردىغان ، سوغۇق مۇئامىلە قىلدىغان ، زورلىق بىلەن ئەيىبلەيدىغان ،كۈچلۈك ھەركەتلەر بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق ھالدا گىزىت-ژورناللاردا ماتىريال ئىلان قىلىش ئارقىلىق قەست قىلدىغان ئەھۋاللار بارمۇ يوق؟ 9) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە خىزمەتتە ئەمىلىيەتچىل ، ئەستاھىدىل ، ھەققى بولمايدىغان ، رىئاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن ، شەكىلۋازلىق قىلدىغان ، نەمۇنىچىلارنى سايلاشتا ، ئۇنۋان ئالىدىغان ئىشلاردا ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتىدىغان ، شۇ يىللىقتا شۇ سىنىپتا زىددىيەت پەيدا بولغاندا تەكشۈرمەيدىغان ، ھەل قىلمايدىغان ، ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن مەسىللەرنى يۇقىرغا دوكىلات قىلمايدىغان ، بۇلۇپمۇ ،پىنسىيەگە چىققان ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان ئدديۋى خزمەتنى كىڭەيىتمەسلىك ئەھۋاللىرى كۈرۈلدىمۇ يوق ؟ 10) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە مەسىلە چىققاندا ئۇقۇغۇچىلارغا ئددىيۋى خىزمەت ئىشلىمەسلىك ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولغان پوزىتسىيسى قۇپال بۇلۇش ، ئۇسۇلى ئاددى بۇلۇش تەن جازاس ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى دەرستىن توختتىپ ئۆيگە قايتۇردىغان ئەھۋاللار ، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي ، مۇئامىلىسى قۇپال ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈردىغان ، كىشلەرنىڭ كۆڭلى بىريەردە بولماسلىق ئەھۋاللىرى ئارقىلىق ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق ؟ 11) ئىشچى-خىزمەتچىلەردە بىر نىيەت بىر مەخسەتتە بولۇش روھى كەمچىل بۇلۇش ، ناتوغرا يوللار ئارقىلىق مەلۇم قىلىش ، گوروھ قۇرۇش ، ئىتتىپاقلاشماسلىق ، پىتنە ئىغۋا تارقىتىش ، قالايمىقان سۆزلەش ، كۇچا خەۋەرلىرىنى تارقىتش ئەھۋاللىرى بارمۇ – يوق ؟ 7. مائارىپ ئورگانلىرىدىكى كادىرلار يۇقىرقى 9قاتتىق تەكشۈرۈشتىن سىرىت يەنە تۆۋەندىكى 8 مەسىلىنى ھەل قىلىشى كىرەك 1) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا ئىشقا چىققاندا ئىمزا قويماسلىق ياكى ۋاكالىتەن ئىمزا قۇيۇش ، كىچىكىش ، بالدۇر قايتىش ، سىرىتقا چىققاندا رۇخسەت سۇراش رەسمىيتىنى بىجىرمەسلىك ، ئۆز مەيلىچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق؟ 2) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا خىزمەت ۋاختىدا ئۇيۇن ئوينايدىغان ،توردا دۇكان ئارلايدىغان ، كومپىيوتىر ئوينايدىغان ، خىزمەت مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمايدىغان مەسىللەر ساقلاندىمۇ يوق ؟ 3) پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرى كادىرلاردا ئددىيسى مۈجمەل بۇلۇش ، روھى چۈشكىن بۇلۇش ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزدىغان ئەھۋاللار ساقلاندىمۇ يوق ؟ 4) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا ئىش بىجرگەندە سۆرەلمىلىك قىلىش ، ئىش ئۈنىمى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى ساقلاندىمۇ يوق؟ 5) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلارا ئۆز خىزمىتىگە ۋە ئىدارىنىڭ ھەر قانداق ئۇرۇنلاشتۇرما خىزمەتلىرىگە نىسبەتەن شەرىت ، بەدەل تەلەپ قىلىپ خىزمەتنى ئاخسىاتماسلىقى ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا پىتنە ئىغۋا تارقاتماسلىقى ، قالايمىقان سۆزلىمەسلىكى ، يالغان سۆزلىمەسلىكى ، كوچا خەۋەرلىرىنى تارقاتماسلىقى كېرەك يولداشلار ئارا ، ئىشخانىلار ئارا ، ئۆز-ئارا زەربە بىردىغان ، ئۆز-ئارا ئورا كولايدىغان ، قۇرۇق تالاش تارتىش قىلىپ ،مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قۇيدىغان ، پەيىتنى ئۆتكۈزۇپ قۇيدىغان ، دەخلى قىلدىغان ئەھۋاللار ساقلاندىمۇ يوق ؟ 6) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا مۇلازىمەت ئىڭىنىڭ كەمچىل بۇلۇش ئەھۋالى ، ئاساسى قاتلام ۋە ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان مۇئامىلسى سوغوق بۇلۇش ، كۆزگە ئىلماسىق ، قۇپال گەپلەرنى قىلىش ، ئىشنى تەستە بىجىرىش ، قەستەن قىيناش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق؟ 7) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا مۇناسىۋەتلىك مەركىزى ئۇرۇنلارغا ، ۋىلايەتلىك »ئاممىۋى لۇشىيەن خىزمەت ئەمەلىيتى خىزمەت گۇرۇپىپىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى «نۆۋەتتىكى ئىككىنجى قېتىملىق پائالىيەتتە ساقلانغان مەسىللەرنى ئىلان قىلىش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق ؟ 8) پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلاردا قاتلاممۇ قاتلام تۈۋەنلەش ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بۇلۇش بولماسلىقى ، مەسىللەرگە بولغان تۇنىشى كۈچلۈك بۇلۇش-بولماسلىقى ، ئۆزنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، زىددىيەتنى ھەل قىلىش ، ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رۇلىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئەھۋاللىرى بارمۇ يوق؟ ئەگەر ھەر قانداق نۇرمال بولمىغان ئەھۋال بايقالسا ،مائارىپ ئىدارىسىدىكى ۋە ھەر قايسى مەكتەپ رەھبەرلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ . چۇقۇم ئەھۋالنى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپىپىسغا مەلۇم قىلىش ، جىددى مەسىللەرنى ئالدىن ھەل قىلىشنى ئەمىللەشتۈرۈش ، 9 نى قاتتىق تەكشۈرۈش، زور كۈچ بىلەن مائارىپ سىستىمىسىدىكى پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلار ، ئىشچى خىزمەتچىلەردىكى »سىياسىگەئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىتتىپاقلققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىنتىزامغائەھمىيەت بەرمەسلىك ، پاك دىيانەتلىك بۇلۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، ئۈگۈنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، ئۇمۇملىققائەھمىيەت بەرمەسلىك ، ئۈنۈمگە ، يېڭىلىق يارتىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ›› كە ئوخشاش ‹‹ ئونغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ›› مەسىلسنى ھەل قىلىپ ، ئۇقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭى ، ئىجرا قىلىش ئېڭى، ئۇمۇمىيلىك ئېڭى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئېڭى، مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش ئېڭى، خەلق ئۈچۈن تىرشىپ ئىشلەش ئېڭى، يۇقىرى ئۈنۈمدە تىز غەلبە قىلىش ئېڭى ۋە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئېڭنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، بىردەك قەدەم تاشلاش مەخسىتىگە يىتىپ ، تەرتىپنى كۈچەيتىش ، كەسپى مەسئۇلىيەتنى كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش . 8 . ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ۋە قەدەم باسقۇچ بىرىنچى باسقۇچ؛ئۆگىنشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش - 2015)يىل- 5 ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ( بۇ باسقۇچ ئۈچ ھالقا بويىچە ئېلىپ بېرىلدۇ. 1) سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىش. ئەمەلى ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، سىياسى ئىنتىزام ئىستىل تۈزىتش سەپەرۋەلىك يىغىنى ئېچىش ، بۇقېتىمقى پائالىيەتنىڭ يولغا قويۇش لاھيسى ، تۈزەش پائالىينىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم .سىياسى مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش ، بارلىق كادىرلار، ئوقۇتقۇچى ئشىچى-خىزمەتچلەر، پىنسيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقلىق،ھەممە ئادەم تەرتپىكە سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ،ھەممە ئادەم تۈزەشكە قاتنىششتىن ئبارەت مەقسەتكە يېتىشى كېرەك 2) ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكللەش .بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش يىغىلىپ ئۆگىنش، شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنش، مەخسۇس يېتەكچى تەكلىپ قىلش قاتارلىق ئۆگىنشى شەكللىرى ئارقىلق ئېلىپ بېرىلىپ ، سىياسى تۇنۇشى ، ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ .ئۆگىنش مەزمۇنىلىرى تۆۋەندىكىچە ؛» قانۇنغا تاينىپ قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى تۈزەپ، دىنى ئەسەبى ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى پىكىر- 2013 ) «يىلى 11نومۇرلۇق» (ئاپتۇنۇم رايوننىڭ مائارىپ سىتېمسىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئىنتىزامغا رۇئايە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسدىكى بەلگىلمىسى « 2014)يىل 16-نومۇرۇلۇق( »قەشقەر ۋىلايتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە «ئىككىنى قىلماسلىق ، بەشنى چەكلەش » پائالىينتى قانات يايدۇرۇش پائالىينى ئەمىللەشتۈرۈش پىكىرى2013)« يىلى 35- نومۇرلۇق( »زوراۋانلىق، تېرۇرلۇلق مەزمۇنىدىكى ئۈن – سىن بويۇملىرىنى تارقاتماسلىق توغرسىدىكى ئۇقتۇرۇش« » قەشقەر ۋىلاينىڭ مائارىپ سىتمىسنىڭ ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى پائالىينى ئەمىللەشتۈرۈش پىكىرى« »دىنى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ75 تۈرلۈك ئىپادىسى « » ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار سۆز ھەرىكتىدىكى سەككىزنى قىلماسلىق« »ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى «مەكتەپ مۇدىرىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش قەسىمى » پەيزىۋات ناھىيسنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيتىدىكى بىلىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلار « قاتارلىق ھۆججەت ماتىرىياللار . 3) مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىينى قانات يايدۇرۇش. بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى» قاتتىق ئىنتىزام بولغاندىلا، ئاندىن خىزمەت ئستىلنى ئۆزگەرتكلى بولىدۇ« دېگەن تىمىدا چوڭ تىپتىكى مۇلاھىزىگە تەشكللنىپ ھەممەيلەن ئۆز كۆز قارشى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى سىياسى ئىددىۋى ئىنتىزام ئىستىلىنى تەرتىپكە سىېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونوپ يېتىپ، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىددىينى بىرلككە كەلتۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىش پائالىيتدە مۇستەھكەم ئۇل تۇرغۇزۇش لازىم 4) پارتىيلىك رەھبرى كادىرلار ئوقۇتقۇچىلار تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىپ ، چۈشكەن تەكلىپ –پىكىرلەرنى خەت ساندۇقىدا ئاشكارلاش شەكلى بىلەن جەمىئەتنىڭ ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ تەكلىپ – پىكىرىنى ئېلىشى كېرەك . ئىككىنچى باسقۇچ ؛ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارلاش .بۇ باسقۇچمۇ ئۈچ ھالقا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . 1) مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىش،بۇ باسقۇچلۇق خىزمەتلەردە ياشانغان ۋە ياشلاردىن ، يەرلىك ۋە باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئەر ئاياللارنى نىسپەتلەشتۈرگەن ئاساستا 10 كىشى ئەتراپىدا كىچىك گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ چىقىپ ،ھەر قايسى كىچىك گۇرۇپپىلار يۈز- تۇرانە سۆھبەتلىشىپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ غەم – ئەندىشسىنى يوقتىىپ ئۇلارنىڭ ھەققى ئىددىۋى ئىپادىسى ، روھى ھالىتنى تونۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ، پارتىينىڭ ئاممىۋى لۇشىيەن تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيدىكى شەكىللەر بويچىە مەسلىلەرنى تېپىپ چىقشى ھەمدە ئۆزىنى تەكشۈرۈش ماتىرىيالنى يېزىشى لازىم . 2) ئىنكاسلارنى خۇلاسە قىلىش . چۈشكەن تەكلىپ پىكر ۋە تەكلىپلەرنى خۇلاسە قىلىش ھەمدە ئۆزىدىكى ساقلانغان مەسىللەرنى قەغەزدە ئىپادىلەش . 3) يىلتىزنى قېزىش . ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئۆزىنى ئانالىز قىلىش يىغىنى ئېچىشتىن ئاۋۋال، مەكتەپتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر ئۆزىنى ئانالىز قىلش ماتىرىيالىنى ئەستايدىل كۆرۈپ چىقىپ ، ئاندىن يىغىننى ئاچسا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلىشى لازىم .ئۆزىنى ئاشكارلاش يىغىندا ئۆزىدىكى ساقلانغان مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ پوزىتيسى ۋە مەيداننى بىلدۈرۈشى شۇنداقلا ئىددىيسدىكى كونكىرىت تەدبىرلەرنى قانداق ئۆزگەرتىش كىرەكلكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم . ئۈچىنچى باسقۇچ . بۇ باسقۇچ ئۈچ ھالقا بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1) تۈزىتىش لاھيسىنى ئورنىتىپ ، مەسىلىلەرنى تېپىش ۋە سەۋەبىنى ئانالىز قىلىش جەھەتتە ، پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلار تۈزىتىش لاھىيسىنى ئورنىتشى ھەمدە شەخسلەرمۇ تۈزتىش لاھيسىنى يېزىپ چىقىشى ، تۈزىتشتىكى مۇھىم نوقتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ، مەسئۇليتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ، ئەمللەشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ، مۇددەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇل رەھبەرلەر تۈزىتىش لاھيسىنى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتيە قۇرۇلۇشى ئىشخانسىغا يوللشى كېرەك . 2) جەمىئەتكە بولغان ۋەدىسى، سىياسى خىزمەتنى ئاشكارلاش سەھنىسى ئارقلىق ، مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسنى جەمىئەتكە ئاشكارلاپ ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلش . 3) تۈزىتىشنى ئەمىللەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش .تۈزىتش لاھىيسىگە ئاساسەن ، تۈزىتش تەدىبىر ئەمىللەشتۈرۈش سۈرئەت پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ ، »بىرنى تۈگەتسەك ، بىرنى چىقىرپ تاشلاش « تەدىبرىنى قاتتىق ئەمەل قىلش لازىم، ناھىيلىلىك مائارىپ ئىدارىسدىن تەشكىللەنگەن نازارەتچىلىك گۇرۇپپسى تەكشۈرۈپ، ئەمىللەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن قايتۇرما ئىنكاس قىلدۇ . بۇ باسقۇچتا تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك: 1) ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم ئورنىتىش. ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ سېستىمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى ۋە ئىنتىزام ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى ئورنىتىش، ۋەدىنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك، پەيزاۋات ناھىيە مائارىپ سېستىمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە تۈزەش خىزمەت نىشانى» تۆتنى قىلماسلىق ›› ۋەدىنامىسىنى ئىمزالاپ ، ھەر ئوقۇش يىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمىلىيتىگە ئاساسەن، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن « ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، »ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى ۋەدىنامىسى «،»ئۈچ قانۇنسىز نى چەكلەش مەسئۇلىيەتنامىسى ››ئىمزالاپ، جەمئىيەت، ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ۋەدىنامىسى ۋە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، يىل ئاخىردىكى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. پائالىيەتتە دائىم تۇتۇش، بوشىشىپ قالماسلىق، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، نازارەتچىلىكنى ياخشى قىلىش كېرەك. 2) خۇلاسە دوكىلاتنى شەكىللەندۈرۈش . تۈزەش پائالىيىتنىڭ خۇلاسە خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ يېزىقچە ماتېرىيال شەكىللەندۈرۈپمەكرىز باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا يوللاش، ئۆزلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە تەجىربىلىرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيۋى ئىستىلىنى كەڭ كۆلەمدە تۈزەش، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا نەزەرىيە جەھەتتە، تۈزۈم جەھەتتە، باشقۇرۇش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسى مەزمۇنى كونكېرىت بولۇش، ئۆلچەملىك بولۇش، تۈزۈملەشكەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىتىراپ قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ، پەيزاۋاتتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمىلىيتىگە ماس كىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم بەرپا قىلىش كېرەك. 3) تەكشۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىش. ئىدارە كەڭ كۆلەمدە تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدن ئەۋەتىلگەن نازارەتچى خادىم، كۈزىتىش ۋە سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ساقلانغان مەسىلىنى توغرا تاپتىمۇ-يوق؟ تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندىمۇ-يوق؟ تۈزەش ئۇسۇلى جايدا بولدىمۇ-يوق؟ تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدىمۇ-يوق؟ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزم بەرپا قىلندىمۇ-يوق؟ تۈزەش ماتېرىياللىرى تولۇقمۇ-يوق؟ قاتارلىق تەرەپلەردىن تۈزەش خىزمىتىگە قارىتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. تۈزەش پائالىيتىدە رەھبەرلەر ئەھمىيەت بەرمىگەن، تۈزەش خىزمىتىگە كۈچىمىگەن، ئۈنۈم كۆرىنەرلىك بولمىغان ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى مائارىپ ئىدارىسىغا چوڭقۇر تەكشۈرۈشنامە يوللايدۇ، ھەمدە قايتىدىن ئشلەشكە بۇيرۇلۇپ لاياقەتلىك بولغۇچە ئىشلەيدۇ؛ نەسھەتىنى ئاڭلىماي، خاتالىقىنى تۈزەتمىگەنلەرگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق جازا بىرىلىدۇ. قۇشۇمچە ھۆججەتكى باھالاش ئولچىمگە ئاساسەن ئۈزىنى قاتتق تەكشۇرىدۇ. مائارىپ ئىدارىسى ئورگنى پۇتۇن ناھىيەدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر يەسلىلەر كەڭ كۆلەمىدە تۇزەش خىزمىتگە بولغان ئىجتمائى نازارەتچىللىك ، مەمۇرى نازارەتچىلكنى كۈچەيتىپ،مەخسۇس تۈزەشنى سىناپ تەكشۈرۈپ ، ئورۇن ۋە شەخسلەرنى باھالاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلش،ئۇنۋاننى بېكتىش، ئىش ئۈنۈم مائاشنى باھالاش قاتارلىقلارغا چېتىلدۈرۈش. مەخسۇس تۈزەش جەريانىدا ساقلانغان مەسىللەردە » بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش« نى ئەمىللەشتۈرۈش ، قانۇن ئىنتىزامغا، سىياسى ئىنىتزامغا ، كەسپى ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەشتە ، دۆلەت، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىللىمىرىگە تاينىپ، مائارىپ مىنستىرلكىنىڭ «»ئوتتورا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللرنىڭ كەسپىى ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى›› ) 2014يىل 1-نومۇرلۇق ( ئاپتۇنۇنۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ» كومپارتىيە ئەزاسى،پارتىيە تەشكىلاتنىڭ پارتىينىڭ سىياسى ئىنتزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش بەلگىلىمىسى«،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ» ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مائارىپ سېتىمىسدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سىياسى ئىنتىزامغا رۇئايە قىلىش توغرسىدىكى بەلگلىمىسى توغرىسدىكى ئۇقتۇرۇش « ) 2014يىل -16نومۇرلۇق ( قاتارلىق ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ،سۆز – ھەرىكتىدە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىپادىللرى ساقلانغان ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلنىپ، يۇمشاق قوللۇق قىلماي، ئۆزگەرمەيدىغانلار قەتئيىلىك بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىندۇ . قىزىلسۇ يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى 2015 - يىل- 5ئاي
|
|