كۆرۈش: 298|ئىنكاس: 4

كۆكتۇغ:باش ئاغرىقى(ھىكايە)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-26 11:43  

باش ئاغرىقى
ئەزىز ئەيسا
(ھېكايە)

نەشتەردەك سوغۇق شىۋىرغان قۇدرەتنىڭ يۈز كۆزلىرىگە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى …ئۇ نېپىز تاشپاختا ئەستەرلىك چاپىنىنىڭ سىرىتمىسىنى ئېتىپ، پۇرلىشىپ كەتكەن ياقىسىنى كۆتۈرۈپ سوغۇقتىن قامدانغاچ ئويلىدى‹…خەپ! شۇ ساۋات چىقىرىش ئوقۇشىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن ..؟قىش  سوغۇقنىڭ غېمىغۇ تايىنلىق. ئەمما ھەريىلى قىش پەسلىدە ئېسىلىۋالىدىغان شۇ ئوقۇش ئەجەب تەس كەلدىغۇ؟… ›    قۇدرەت    قىش پەسلىدە ئەترەت تەشكىللىگەن ساۋات چىقىرىش كۇرسىدا ئۇدا تۆت يىل تەكرار ئوقۇپمۇ شۇ ئوتتۇز ئىككى ھەرپنى بەكمۇ تەستە يادقا ئالالىدى-يۇ، ئەمما قوشۇپ ئوقۇش بىلەن خەت يېزىشنى زادىلا ئۆگىنەلمىدى. شۇ سەۋەبلىك ئالدىنقى يىلى ساۋات چىقىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەتىرەت باشلىقى ياسىن كۆتەكنىڭ ئېغىزىدىن يەنە ئۈچ يۈز يۈەن جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغاندا  قاتتىق بىر ئاغرىق تۇنجى قېتىم بېشىدىن كىرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. ئۇ ئۈچ يۈز يۈەن پۇلنى ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن قەرز قىلىپ يۈرۈپ بەكمۇ تەستە تەييارلاپ تاپشۇردى-يۇ شۇنىڭدىن كېيىن ناگان ناگاندا بېشى زىڭىلداپ ئارام بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى   .قۇدرەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان پالاكەت شۇنىڭدىن باشلانغاندەك قىلاتتى.
ئۇ شۇ خاپىچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە مەھەللىدە تېرىلغۇ يەر ئالىدىغان سودىگەرلەرنىڭ پەيدا بولۇپ يۇقىرى باھادا يەر ئىچىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ ئون سەككىزمو يېرىنى بىراقلا سېتىشنى ئويلاپ قالدى. ئەمما خېلى ئارىسالدى بولدى. ئو شۇنداق ئويلايتتى. ‹‹…يانداش ئېتىزلاردىكى كېۋەزلەر شۇنچە ئوخشايدۇ-يۇ ئەمما مىنىڭ ئېتىزىمدىكى كېۋەزلەر نېمىشقا ئوخشىمايدۇ؟…ئەترەت باشلىقى ياسىن كۆتەك ؛‹‹تېخنىكا قائىدىسى بويۇنچە باشقۇرمىدىڭ، ۋاقتىدا ئوغۇت بەرمىدىڭ…›› دەيدۇ-مەنمۇ كېچە-كۈندۈز ئېتىزدىن ئايرىلماي دېگۈدەك ئىشلىدىمغۇ؟ باشقىلار بەرگەن ئوغۇتنى مەنمۇ بەردىمغۇ   ؟گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ ئاتا بوۋىلىرىمىز مەندەك جاپا مۇشەققەت بىلەن ئىشلەپ ھوسۇل ئالغان، جاننى گۈلدەك باققان يەرلەر مۇشۇ شۇغۇ … ئەمما…ماڭا كەلگەندە ئىشلار ئەجەب تەتۈر چۆرگۈلەپ كېتىپ بارىدىغۇ؟ ئىشقىلىپ …ئاللاھ بەرمىسە بۇ رىزقىنى باشقىسى بىكار …قۇدرەت ئاخىرى يەنىلا بىر قارارغا كەلدى-دە ئۆزىگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆددىگە بەرگەن ئون سەككىزمو مو يەرنى يەر ھۆددىگەرلىك كىنىشكىسى بىلەن بىراقلا بىر سودىگەرگە ئەرزان باھادا ئۆتىنىپ بېرىپ پۇلىنى يانچۇقىغا سالدى. ئانچە ئۇزۇنغا قالماي يەنە مۇشۇ ئەترەتتىن كېسىپ بەرگەن ئاتا مىراس شەخسى ئۆي-زېمىننىمۇ ئېلىشىغا ساتتى. قۇدرەتنىڭ ئاتا مىراس ئۆي زېمىننى ساتقانلىقىنى ئاڭلىغان قوشنا قولۇملار قۇدرەتكە شۇنداق نەسىھەت قىلىشتى ؛‹‹…يەر بىلەن ئاتا ئاناڭدىن قالغان مىراس ئۆينى ساتقىنىڭ نېمىسى؟ يەر دېگەن دېھقاننىڭ يىلتىزى تۇرسا، يىلتىزىدىن ئايرىلغان دەرەخ قانچە ئۇزۇن كۆكلەيدۇ زادى …›› قۇدرەت مۇنداق جاۋاب قايتۇردى ؛‹‹ھازىر پۇللا بولسا يىلتىز دېگەن شۇ …پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دېگەن گەپ بار …ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بۇلار ››
قۇدرەت ئاتا بوۋىسىنىڭ ئىزى قالغان مەھەللىسىنى تاشلاپ ئائىلىدىكى ئۈچ جاننى ئېلىپ مەھەللىگە ئانچە يىراق بولمىغان شەھەرگە كېلىپ، ئۆي ئىجارە ئېلىپ كۈندىلىك مەدىكارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۈنلىرى يېنىدىكى ئازغىنە پۇللىرىنىڭ كۈچى بىلەن ۋاقىتلىق بىلەن يامان ئەمەس ئۆتۈشكە باشلىدى. گۆش-ياغ دەمدۇ، ئويۇن تاماشا دەمدۇ…ھەممىسى شەھەردە بار. زامان ئاخىرىدا بەرىكەت شەھەردە دېگىنى مۇشۇمىكىنە؟ …بىراق شەھەرگە كىرگەن كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بېشى توختىماي قايىدىغان، دائىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى .
ئۇ مەيلى يول ماڭغاندا بولسۇن ياكى كىملەرگىدۇر كۈنلۈك مەدىكار ئىشلەپ بېرىۋاتقاندا بولسۇن ۋە ياكى ھېرىپ ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن سەرەڭگە قېپىدەك كىچىك ئىجارە ئۆيىدە كارىۋات ئۈستىگە تاشلىنىپ يامپاشلاشقا باشلىغاندا بولسۇن، خۇددى قايسى بىر ئەخلەت ئازگىلىدىن ئانچىكى بىر شامالنىڭ تەسىرىدە ئاسمان پەلەك كۆتۈرۈلۈپ ئاندىن يەنە لەيلەپ يەرگە چۈشۈۋاتقان قەغەز پارچىسىدەك ھەمىشە پۈتۈن جىسمىنى يەرتارتىپ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىپ باراتتى…
ئۇ يەنە بىر مەزگىل "مەن بىرەر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشىمايمەنمۇ؟ بۇ زادى قانداق كېسەلدۇ؟ "دېگەندەك تەگسىز خىياللار ئىلكىدە ئازابلىنىپ گاڭگىراپ يۈردى. ئاخىرى شەھەردىكى ئۇتتۇر كەلگەن بىر دوختۇرخانىغا كىرىپ كېسەل كۆرسىتىپ باقتى .
بېشىنىڭ ئالدى ئۇستى قىسمىدىكى چاچلار تامامەن چۈشۈپ خۇددى مايلاپ قويغان خام قاپاقتەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر نەپەر دوختۇر ئادەتتىكى تەكشۈرۈشلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن قۇدرەتكە يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكىنىڭ ئاستىدىن مارىلاپ دېگۈدەك بىر دەقىقە قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سۆزلەشكە باشلىدى ؛
-زادى قەيىرىڭىز بەكرەك ئاغرىيدۇ ؟
-شۇ بېشىم ئاغرىيدۇ. يەنە بېشىم تىنماي قېيىپ تۇرىدۇ …شۇ يەنە ھەمىشە ئېگىز ھاۋايى مۇئەللەقتىن يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بىر ساراسىمنىڭ ئىلكىدە قىينىلىۋاتىمەن …نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم .
-بېشىڭىزنىڭ ئاغرىشى زۇكامدىن بۇلىشى مۇمكىن  .ئەمما مەن ئەزەلدىن يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇدا بولىدىغان كىېسەللىكنى ئاڭلا باقماپتىكەنمەن. بەلكىم سىز خاتا تۇيغۇدا بولۇۋاتقان ئوخشايسىز …
قۇدرەت بۇ قېتىمقى دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ چىققاندىن كېيىن ئىككىنچىلەپ دوختۇرخانىغىمۇ قايتا بارمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى يەر ۋە ئۆي-زېمىن ساتقان پۇللار ئاساسەن تۈگىگەن ئىدى. شەھەر دېگەندە پۇل بولمىدىمۇ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاچ قالىدىغان گەپ …قەغەز يەپ جان ساقلاشنىڭ ئورنى يوق …شەھەردە ئىشلەيدىغان مەدىكارلىق دېگەن ئەتىياز ياز پەسىللىرى راسا بازىرى چىقىدىغان گەپ …ئەمما قىش پەسلى كۈن بۇيى مەدىكار بازىرىدا يۈرسەڭمۇ ئەمما ھېچكىم سىنى ئىزدەپ كەلمەيدۇ. ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ غېمى قوشۇلۇپ قۇدرەتنىڭ بېشى تىنماي ئاغرىپ، قېيىپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت بىر دەردىسالىق ھېچ پەسىيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇساراسىم، گاراڭلىق ئىچىدە يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇنقى مەھەللىدە ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قەدىناس ئاغىنىسى ياسىن كۆتەك ئېسىگە كەلدى-دە، ئىككىنچى كۈنى ئاتايىن بۇرۇن ئۆزى ياشىغان مەھەللىگە بېرىپ ياسىن كۆتەكنى تېپىپ ئۆزىنىڭ باش ئاغرىقى كېسىلى ھەققىدىكى غەم ئەندىشىسىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ياسىن كۆتەك بىچارە ئاغىنىسىنىڭ ھال ئەھۋالىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاب بەردى ؛-
-ھەي…بۇرادەر، ھازىرقى كۈنىمىزدە ھەممە ساھەدە چوڭ يۈكسىلىشلەر بولۇپ مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقانلار باي بولۇپ قازانمۇ چۆمۈچمۇ ماي بولۇۋاتقان، ھەممە ئادەم خۇشاللىققا چۆمىۋاتقان چوڭ ياخشى پەيتتە سەن "تەگسىز ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ بارىمەن …نامەلۇم بىر كېسەل بولۇپ قالدىم…! "-دەپ نەدىكى قۇلاققا خوش ياقمايدىغان گەپنى قىلىپ كەيپىمنى ئۇچۇردىكەنسەن. مانا ئۈزۈڭ سالامەت، يەر يۈزىدە بىر ئوبدان ياشاۋاتمامسەن؟نەگە چۈشۈپ كېتىسەن؟ شۇنداق جىننىڭ كۆلەڭگىسى ئەگىشىۋالدىمۇ يا ساڭا! بولدى ئارتۇق گەپنى قىلىشمايلى، ناۋادا شەھەردە جان باقالمىدىم-دېمەكچى بولساڭ، ئائىلەڭنى ئېلىپ گاچچىدە يەنە مەھەللىگە قايتىپ كەل. ئەمدى تېرىيدىغانغا يەر بولمىسىمۇ ئەمما چوڭ يەر ھۆددىگەرلىرىگە كۈندىلىك ئىشلەپ جېنىڭنى يەنە گۈلدەك باقالايسەن. سەنلا قايتىپ كېلىمەنلا دېسەڭ كېيىنكى كۈنلەردە يەنە تېخى ھال كۈنۈڭ يەنىمۇ ياخشى بولماي قالسا ھۆكۈمەت بېرىدىغان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىسى بار. ئىشلىمەيمۇ بىرئايدا ئاز بولغاندا ئىككى يۈز سوم ئايلىق ئالالايسەن دېگىنە… ناۋادا ئەمگەك قىلىش خوش ياقماي قالسا يەنە كۈن بۇيى ئېتىزلىقلاردا جاپا-مۇشەققەت تارتىپ ئىت ئېشەكتەك ئىشلىمىسەڭمۇ شۇ پۇلنى خەجلەپ ياستۇقنى ئېگىز قىرلاپ قۇيۇپ، كۈن بۇيى بەخىرامان ئوخلىساڭمۇ جاننى باققىلى بولىدۇ …
قۇدرەت قەدىناس ئاغىنىسى ياسىن كۆتەكنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى پاللىدە يۈرۈپ كۆڭلى تولىمۇ خۇرسەن بولدى. ئۇ مەھەللىدىن شەھەرگە قايتىپ كېلىۋېتىپ مەستخۇش بولغان ھالدا شۇنداق ئويلىدى …‹‹ئىشلىمىسىمۇ بېرىدىغان قانداق پۇل ئۇ …نېمە دېگەن ياخشى گەپ بۇ …مەھەللىگە قايتىپ كەلسەم ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قۇرساق غېمىمۇ ھەل بولدى دېگەن گەپقۇ مانا …››بىراق شۇ ھامان ئۇ نىڭ باش ئاغرىقى بىردىنلا ھەسسىلەپ ئېغىرلاپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالدى …ئۇنىڭ بېشى ئەمدى ئارام بەرمەي دائىملا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى …ئۇنىڭ بېشى توختىماي ئاغرىيتتى، قاياتتى, ھەمىشە ئېگىز ھاۋايى مۇئەللەقتىن يەر يۈزىدىكى تەگسىز بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىدەك بولۇپ قالغانلىقى ئۇنى يەنىمۇ تۈگىمەس ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى.
ئاپتور :ئاقسۇ شەھەر 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-25 20:40:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە قۇرۇلما،مەركىزى ئىدىيە ۋە بايان جەھەتتىن ياخشى چىقىپتۇ . بىراق ، قۇدرەت نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت پايدىلىق سىياسەت -پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا باش ئاغرىقى ساقايمايدۇ ؟ -مەن مۇشۇ تەرەپنى چۈشىنىشىم مۈجمەل بولۇپ قالدى .
بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋەپپىقيەتلەر يار بولسۇن ~
ۋاقتى: 2015-5-26 09:57:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، داۋاملىق ياخشى ھىكايلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالىمىسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-26 11:41:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا .. ياردەم پۇلىنىڭ گىپى چىقىپمۇ يەنەقۇدرەتنىڭ باش ئاغرىقى ساقايمايدۇ ...ئەكسىچە يەنە ئاينىپ كىتىدۇ..چۈنكى قۇدرەت  باشقىلارنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ياكى باشقىلارغا يۆلىنىپ جان باقىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ بىزنىڭ بارلىق بەخىتسىزلىكىمىز  مۇشۇ باشقىلارغا يۆلىنىپ جان بېقىشتەك ناچار ھالەتتىن پەيدا بولغان ئەمەسمۇ ؟
ۋاقتى: 2015-5-29 09:51:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي مۇشۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئۇگەنگەن بىرقىسم ئادەملەرنىڭ  ھالىغا ۋاي.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش