كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 3

سۆزۇم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۆزۇم بار
سىدىقجان.ئەيسا
قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
يۇرەك سۆزلىرىمنى يازسام دەيمەن.
ھايات مۇساپەمدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى،
دوست-بۇرادەرلەر بىلسە دەيمەن.
             قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
             ئانا يۇرت قاراشەھەرنى يازسام دەيمەن.
             ئالى بىلىم يۇرتى بايىنغۇلۇننى،
             يەتتە قىتئە بىلسە دەيمەن.
  قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمنى يازسام دەيمەن.
بىر ئۆمۇر ئۆتكەن شىمالىي ئۆستەڭنى،
بىلمىگەنلەر كېلىپ كۆرسە دەيمەن.
            قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
            مۇھەببەت تارىخىمنى يازسام دەيمەن.
           يەتكەن-يەتمىگەن ئارمانلىرىمنى،
           مەن سىلەرگە قالدۇراي دەيمەن.
  قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
خاتا باسقان يوللۇرۇمنى يازسام دەيمەن.
ھاياتىمدىكى بىھۇدە كەتكەن ۋاختىمنى،
مۇمكىن بولسا قايتۇراي دەيمەن.
              قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
              ئەجداتلار روھىنى يازاي دەيمەن.
             ھايات مۇساپەمدە ئىز قالدۇرۇپ،
             ئەۋلاتلارغا قالدۇراي دەيمەن.
  قەلەمنى قۇلۇمغا ئالسام دەيمەن،
چەكلىك ھاياتنى يازاي دەيمەن.
ھەر- بىر تىنىقنىڭ قەدىرىنى،
نادانلارغا بىلدۇرەي دەيمەن.
               مانا بۈگۇن ئالدىم قەلەمنى،
              يېزىۋاتىمەن سۆزلىرىمنى.
             ئۆتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ بولماس!
             چىڭ تۇتايلى ھازىرىمىزنى!....
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۇنى قاراشەھەردە يېزىلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
كەۋسەر + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-19 09:24:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ، .ئەمما بەدىئىيلىكىگە ئىشلىسىڭىز بولغىدەك ~ داڭلىق شائىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئوقۇپ بېرىڭ . ياردىمى بولىدۇ .
ۋاقتى: 2015-5-19 10:06:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇل-مەزمۇنلۇق شېئر يوللاپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-19 10:22:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت!بەرگەن قىممەتلىك پىكرىڭىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش